logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستاننى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىدىغان پەن- تېخنىكا يىغىنى نەزەر

 خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر،قازاق ۋە  قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قاريتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بارغانسىرى كۆچىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، « 6- قېتىملىق مەملىكەتلىك پەن – تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەم تۆت تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى » ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىننى ئىچىشتىكى نىيىتى خۇددى « شىنجاڭ گېزىتى» ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلگەندەك« شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش » نى مەقسەت قىلغان يىغىن . بۇ بىر قېتىملىق سېپى ئۆزىدىن بولغان بىر تەرەپتىن زامانىۋى پەن- تېخىكىنى تېخىمۇ كەڭ كۈلەمدە قوللىنىپ يەرلىك خەلقلەرنى قېرىپ يوقىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقى تۈركىستاننىڭ يەرلىك بايلىقلىرىنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىشىنى پىلانلاش يىغىنى. بۇ ئىككى نۇقتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مىنىستىر ۋاڭ جىگاڭ ئۆز سۆزىدە ئېنىق ئاشكارلاپ مۇنداق دېدى: « پەن – تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر،… ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى ( پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرى ۋە شىنجاڭ قاتارلىق تۆت تەرەپ ) مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش…. ».

بۇ يىغىندا ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى- ئۇستى بايلىقلىرىنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىۋاتقان خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە يەنە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بىر قانچە ئىدارە- ئورگانلارنىڭ قوشۇلغانلىقى مۇقىملاشتۇرۇلدى.

بۇ يىغىندا يەنە  « ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يىڭىلىق يارىتىش ئۆلگە كۆرسىتىش رايونى » نىڭ رولى تەكىتلەندى. بۇنىڭ بىلەن « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتوتوم رايونى» نىڭ ئىچىدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق يەر- زىمىننىڭ بارلىقى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتوتوم رايونى » نىڭ پارچىلىنىپ، بىر ئابتوتوم رايون، بىر ئۆلكە ۋە بىر بىۋاسىتە قاراشلىق رايوندى ئىبارەت ئۈچ  مەمۇرىي  رايون بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

2019- يىلى سېنتەبر

Share
8857 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.