logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى

uygur-turkistan

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

13-مارت كۈنى «ئۆتۈكەن ژۇرنىلى» نىڭ ئەنقەرەدىكى شۆبىسى مەسئۇللىرى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دوكلات بېرىش يىغىنىغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۈنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا تۈركىيە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۈتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دوكلات بەردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دوكلاتىدا«راستىنىلا شەرقىي تۈركىستاندا مەسىلە بارمۇ» دەپ ئۆزىگە سوئال قويۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۆتكەن يىلى رامزان ئېيىدا تۈرك جامائەتچىلىكىدە، شەرقىي تۈركىستاندا مەسىلە بارمۇ يوق دەپ كۆپ مۇنازىرە بولدى. باشتا ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بېسىم بار ئىكەن دەپ ئاڭلىتىلدى. كېيىن تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئۇنچىۋالا ئەمەس ئىكەن، خاتا مەلۇمات ئاپتىمىز دېدى. كېيىن ئى خا خا يەنى ئىنسانىي ياردەم ۋەقپى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ نۇرغۇن مەسىلىلەر بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ناماز قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ رەسىملىرىنى تارتىپ كېلىپ ئۇيغۇرلار ئىبادىتىنى قىلالايدىكەن دەپ خەۋەر يازدى. ئەسلىدە خەۋەرنى دىققەت بىلەن ئوقۇساق، خەۋەردىن ئۇيغۇرلارغا دىنىي بېسىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىلىۋالغىلى بولىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتىدە ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى باشقىلار دېگەندەك چوڭ مەسىلە ئەمەس ئىكەن دېگەن بىر تەسىرات پەيدا بولۇپ قالدى.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بەرگەن مەلۇماتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى شەرقىي تۈركىستانچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش دولقىنى قوزغاپ، بىر ئاي ئىچىدە 32 گۇرۇھنى يوق قىلغانلىقىنى، 315 كىشىنى جازالىغانلىقىنى، 13 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلغانلىقىنى دەيدۇ. بۇنىڭدا 6 ساقچى، 10 ياردەمچى ساقچى ئۆلگەن. بۇ شەرقىي تۈركىستاندا مەسىلە بارلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى. يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىر باياناتىدا، 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 181 تەشكىلاتنى يوقاتقانلىقىنى، 2014-2015-يىللىرىدا 558 ۋەقە باستۇرۇلغانلىقىنى، 778 كىشىنىڭ جازالاندۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنداق مىساللارنى كۆپلەپ ئېلىش مۇمكىن. بۇنىڭدىن شەرقىي تۈركىستاندا مەسىلىنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي دۆلىتىنىڭ 12 دۆلەت بىلەن چېگرىداش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 8 دۆلەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگراش ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ئارقىلىق غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى ئىكەنلىكىنى، بۇلاردىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن خىتاي سېتىۋېلىۋاتقان تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆتىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ، دۆكلاتىدا يەنە خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئېنىرگىيەسىنىڭ كۆپ قىسمىنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «ئۆتۈكەن ژۇرنىلى» ئەنقەرە ۋەكىلى سەمرە كىرىز ۋە ئوقۇغۇچىلارغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق. سەمرە كىرىز ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز مۇستەقىل بولغان ۋە مۇستەقىل بولالمىغان تۈركىي خەلقلەرنى تونۇتۇش ئۈچۈن دوكلات بېرىش پائالىيىتى باشلاتقان ئىدۇق. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئۆتكۈزدۇق. بىزنىڭ بۇ دوكلات بېرىش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈشىمىزدىكى مەقسەت. جەنۇبىي ئەزەربەيجان مەسىلىسىگە ئىگە چىققانغا ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىمۇ ئىگە چىقىش. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى بىزگە قىلىۋاتقان زۇلۇم دەپ قارايمىز. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى دېگەن ۋاقتىمىزدا بىز تۈرك ياشلىرى ھاياجانلىنىمىز، چۈنكى شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتالىرىمىز كەلگەن زېمىن.»

ئۇ، بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى ياشلىرىمىزنىڭ مەلۇمات ئىگىسى بولۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولدى. بىز پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا كوچىلاردا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

تۇغچە كۆسە ئىسىملىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنىدا كۆپ نەرسە ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 11-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى. بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە پەقەتلا ئىنتېرنېتتىن، تور بەتلىرىدىن تاپقان ئاز بىر نەرسىنى بىلەتتۇق. ئەمما بۈگۈن كۆپ نەرسە ئۆگىنىۋالدىم. بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىمەن.»

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيەدىكى تۇرانچىلار ۋە تۈركچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «ئۆتۈكەن» ژۇرنىلىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىگە ئوخشاش يىغىنلار نەتىجىسىدە، تۈركىيەدە ياشلار ئارىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىش كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. ياش پائالىيەتچىلەر داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى، كۆرگەزمە ئېچىشقا ئوخشاش ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى «ئۆتۈكەن ژۇرنىلى» نىڭ ئەنقەرەدىكى تارقىتىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. «ئۆتۈكەن ژۇرنىلى» 1964-يىلى بۈيۈك مۇتەپەككۇر نىھال ئاتسىز تەرىپىدىن نەشر قىلىنىشقا باشلىغان سىياسىي ژۇرنال بولۇپ، كېيىن بىر مەزگىل توختاپ قالغان بولسىمۇ، يېقىندىن بېرى قايتا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان. ھازىر تۈركىيەدە 45 ۋىلايەتتە تارقىتىش ئىشخانىسى بار بولۇپ، ژۇرنالدا مىللەتچىلىك ئىدىيىسى توغرىسىدىكى ماقالىلەردىن سىرت، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى ماقالىلەرگىمۇ يەر بېرىلىدىكەن. بۇ ژۇرنال ئوقۇرمەن ياشلىرىنى يىغىپ ھەر دائىم مۇستەقىل بولغان ۋە بولالمىغان تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/turkiyede-uyghur-03172016144417.html

Share
2423 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.