logo

trugen jacn

شېھىتلىكمۇ، ئەركىنلىكمۇ، ئىستىقبالمۇ، شان-شەرەپمۇ ۋەتەندە

 

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيەخانىم 2009.يىلى 9.ئاينىڭ 1.كۈنى ياۋروپا پارلامەنتىدا ”مەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىشكە تەييار“دېدى.
بۇ تەكلىپكە جاۋاپ 2009.يىلى 9.ئاينىڭ 3.كۈنى ئۈرۈمچىدىن كەلدى.ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى خۇخەنمىڭ خىتاي دۆلەت تېلىۋىزىيەسىدە جاۋاپ بېرىپ رابىيە قادىرنىڭ ”سالاھىيىتى يوق“ دېدى.

بۇ خەۋەرنى فرانسىيە خەۋەر ئاگىنىتلىغى دۇنياغا تارقاتتى. ر.ف . ئا رادىوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىمۇ بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

رابىيە قادىرخانىمنىڭ دىئالوگ تەكلىپىگە جاۋاپ بېرىدىغان ئادرېس بېجىڭ بولىشى كېرەك ئىدى. بېىجىڭنىڭ جاۋاپ بېرىشىنى مۇۋاپىق كۆرمەسلىكى،جاۋابنى ئۈرۈمچى بېرىشىنىڭ ئۆزى يالغۇز رابىيە قادىرنىلا ئەمەس، بەلكى چەتەلدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ كەمسىتكەنلىكى ئىدى.
رابىيە خانىمغا، خىتاي ھۇكۇمىتى بىلەن دىئالوگ قىلىش ھۇقۇقىنى كىم بەرگەن؟ بۇ باشقا بىر مۇنازىرە تېمىسى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، رابىيە قادىرخانىم بىلەن سۆھبەت قىلىشى ئىھتىمالى بارمۇ؟
مېنىڭچە كوممونىستىك پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان مۇددەت ئىچىدە بۇنداق بىر ئېھتىمال يوق.

دۇنيادا ھازىرمۇ مىللىي ئىختىلاپلار،مىللىي توقۇنۇشلار داۋام قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بار.ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەھۋاللار ھازىرمۇ مەۋجۇت.مەسىلەن؛ ئىسرائىل – پەلەستىن،ئەتا- ئىسپانىيە،پىلىپىن بىلەن مورو تەشكىلاتى،تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن كۇرت تەشكىلاتى….ئارىسىدا ئاشكارە ياكى مەخپى سۆھبەتلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ئىسرائىل- پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەممەيلەن ياخشى بىلىدۇ.سۆزلەپ ئولتۇرۇشقا ھاجەت يوق.

پىلىپىندە مىنداناۋ ئارىلىدىكى مورو مۇسۇلمانلىرى بىلەن پىلىپىن ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى ئۇرۇشلاردا ئۆلگەن ئادەم سانى 125.000 نەپەر.پىلىپىندە 7000 ئارال بار.مىنداناۋ ئارىلى 7000 ئارالدىن بىرسى.بۇ يەردە ياشايدىغان مورو مۇسۇلمانلىرى 1898.يىلىدىن باشلاپ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.5 مىليون نوپۇسى بولغان مورولارنىڭ شۇئان 120.000 قۇراللىق ئەسكەرگە ئىگە ئارمىيىسى بار.

مورولار تارىختا ئىسپانىيە ئىشخالىيىتىگە قارشى،2.دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن پىلىپىن ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.مورو ئازاتلىق تەشكىلاتى بىلەن پىلىپىن ھۆكۈمىتى 1992.يىلى ھىندىنوزىيەدە تىنچلىق كېلىشىمگە ئولتۇردى.1993.يىلى 11.ئاينىڭ 7.كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە مورولارغا تولۇق ئاپتونومىيە بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.پىلىپىن كۆكۈمىتى كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىدى.ئۇرۇش يەنە باشلاندى.1996.يىلى يېڭى كېلىشىم يەنە ھىندىنوزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتىدا ئىمزالاندى. كېلىشىملەر كۆپ قېتىم بۇزۇلغان بولسىمۇ، ئۆتكەن يىلى مورو مۇسۇلمانلىرى بىلەن پىلىپىن ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ئاخىرقى كېلىشىم ئىمزالاندى.مەسىلە تېخى تولۇق ھەل بولغىنى يوق.

مورولارنىڭ كېلىشىم ئۈچۈن ئەڭ زور كاپالىتى 120.000 كىشىلىك ئارمىيەسىدۇر.

تۈركىيەدە پ ك ك (كۈرت ئىشچىلار پارتىسى) 1984.يىلى تۇنجى قەتىم تۈركىيىنىڭ شەرقى چىگراسىدا تۈرك ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان.ئارىدىن 25 يىل ئۆتتى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۆلگەن ئادەم سانى 40.000 نەپەر.تۈركىيە- ئىراق ئارىسىدىكى تاغلاردا 0004-5.000 ئەتىراپىدا قۇراللىق كۇرت بار.ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتىدۇ.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى، كۈرتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى بېرىش توغرىسىدا يېڭى سىياسەت ھازىرلاۋاتىدۇ.كۈرتلەر تۈركىيىدىن تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.تۈركىيىدە مىللىي مەسىلە ئىنتايىن جىددى باسقۇچقا كىرمەكتە.تۈرك ۋە كۈرتلەرنىڭ ئايرىلىش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە مەسىلىلەر ئاشكارە تالاش-تارتىش قىلىنماقتا.سىياسەتتە بىر قەدەم خاتا بېسىلسا تەخمىن قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان مىللىي قىرغىنچىلىق باشلىنىشى مۇمكىن.

ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ 1948.يىلى تىنىچ ئىككى دۆلەتكە ئايرىلىشى جەريانىدا ئۆلگەن ئادەم سانى 2 مىليون 500.000 نەپەر

مىللىي مەسىلىنىڭ چەتئەلدە قۇرۇلغان بىر ياكى بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلاتى بىلەن ھەل بولۇشىغا ئۈمىت باغلاش رېئاللىققا بەك ئۇيغۇن ئەمەس.

قۇرال كۈچىگە،بەلكى كۈچلۈك قۇرال كۈچىگە ئىگە بولمىغان ياكى قۇراللىق ھەرىكەتنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولمىغان سىياسى تەشكىلاتلار، دۇنيانىڭ ھېچبىر دۆلىتىدە مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىگە ئېرىشەلگىنى يوق. قۇراللىق كۇچكە تايانمىغان، ياكى ئوتمۇشىدە قۇراللىق كۇرەشكە يىتەكچىلىك قىلىپ باقمىغان ھەر قانداق بىر سىياسى تەشكىلاتنىڭ، قارشىسىدىكى دولەتنىڭ نەزىرىدە ۋەكىللىك خاراكتىرى بولغان ئەمەس. مىللى مەسىلىلەر ئەڭ ئاخىرىدا ئۇستەلدە ھەل بولىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. ئامما، ئۇستەلدە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئارقىسىدا كۇچ بولماي تۇرۇپ ”مەن مەسىلىنى ئۇستەلدە ھەل قىلىمەن“ دىيىش، ئوزىنى ۋە خەلقىنى ئالدشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ھېچقانداق قوراللىق كۈچى بولمىغان تىبەت بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇردىغۇ.بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ دېگەن سوئال تۇغۇلۇشى مۇمكىن.

تىبەتتە 1959.يىلى 3.ئاينىڭ 10.كۈنى قوزغىلاڭ بولغان. 3.ئاينىڭ 12.كۈنى تىبەت دۇنياغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ئىدى.قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولدى. دالايلاما،تىبەت ھۆكۈمىتى، 100 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىكنى ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ ھىندىستانغا چىقىپ كەتتى. دالايلامانىڭ ھىجرىتىدىن كېيىن ھەر يىلى ئوتتۇرا ھەساپ بىلەن 3000-3500 نەپەر تىبەتلىك ھەر خىل يوللار بىلەن قېچىپ دالايلامانىڭ يېنىغا كېلىۋاتىدۇ.ھازىر چەتئەلدە 200 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىك بار.سەرگەردان دالايلاما،سەرگەردان تىبەت ھۆكۈمىتىلا ئەمەس،سەرگەردان تىبەت مىللىتى توپلىشىپ بىر يەردە تۇرماقتا.تەلىيى؛ ۋەتىنىگە قايتىش.

ئامېرىكا،5000-6000 تىبەتلىكنى 1962.يىلدىن باشلاپ ئەسكىرى كىيىم كېيدۈرۈپ، ئەسكىرى تەلىم-تەربىيە بېرىشكە باشلىغان ئىدى.كۆپ قىسمى ئامېرىكىدا ئەسكىرى تەربىيە كۆرگەنتىبەت پارتىزانلىرى 10 يىل خىتاي چىگرىسىدا خىتاي ئارمىيىسى بىلەن پارتىزانلىق كۆرۈشى ئېلىپ باردى.

ھېنرى كىسىنگىر 1971.يىلى جۇئېنلەي بىلەن كۆرۈشۈپ،كېيىن نېكسوننىڭ بېىجىڭنى زىيارەت قىلىشى ھارپىسىدا تىبەتلىكنىڭ قولىدىكى قورال تارتىۋېلىندى. 5000 نەپەر ئەتىراپىدا تىبەتلىكنى ئامېرىكا ۋەتەنداشلىغىغا قوبۇل قىلدى. ئامېرىكا، دلايلاماغا ”تنىچلىق دەپ ئوتتۇرىغا چىقىڭ. بىز،سىزنى قوللايلى“ دېدى. دالايلاما تىنىچلىق يولىدا مېڭىپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

بۈگۈنكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى،ئەگەر زۆرۈر تاپسا بىر-ئىككى ئاي ئىچىدە 20-30مىڭ ئەسكەر تەشكىللەپ قوراللاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە.دالايلاما يۇمشاق گەپ قىلىپ تۇرسىمۇ،تەييارلىقى پۇختا.

تىبەت بىلەن خىتاي كوممونىستىك ھاكىمىيىتى) ماۋزېدوڭ بڭلەن دالايلاما (ئوتتۇرىسىدا 1951.يىلى ئىمزالانغان 17 ماددىلىق كېلىشىم بارلىقىنىمۇ ئۇنۇتماسلىق لازىم.

دالايلاما تېخى يېقىندىلا ب.ب.س مۇخبىرىغا تىبەت مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.يەتمەكچى بولغان مەخسىدى ئاپتونومىيە.

تىبەتتە كۆچمەن مەسىلىسى،تەبىئي بايلىقنى بولاڭ-تالاڭ قىلىش مەسىلىسى ئېغىر ئەمەس.قوش تىللىق مائارىپ،تۇغۇت كونترولى،دىنىي بېسىم،يەرلىك خەلقنى ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش،تامامەن يەكلەش…مەسىلىسى بەك ئېغىر ئەمەس.

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن مىللەتلەر پەقەتلا غەرىپ دۆلەتلىرىدە بولىشى مۇمكىن.باشقا قىتئەلەردە بۇنداق مىسال يوق.

خىتايغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتكە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ جىددىي بېسىم ئىشلىتىشى ناتايىن.ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى خىتاي دۆلىتىنى دېموكىراتىيەلەشتۇرۇشتىن ئىبارەت.دېموكىراتىيەلىك تۈزۈمگە ئۆزگەرگەن خىتاي دۆلىتى مەيدانغا كەلگەندە غەرپ دۆلەتلىرى،20-30 مىليون نوپۇسلۇق ئۇيغۇرلانىڭ مەنپەتى ئۈچۈن 1 مىيارت 350 مىليون نوپۇسلۇق خىتاي مىللىتى بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە مەنپەئەتلىرىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن ئەمەس.

بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى چەتئەلدە قۇرۇلغان بىر سىياسى تەشكىلاتقا قايىل بولۇپ قايسى بىر مىللەتنىڭ ئازاتلىغىنى ئېلىپ بەردى؟

ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كوسوۋا ئەركىنلىككە قايسى يول بىلەن ئېرىشتى؟

ئۈرۈمچى“7.5″ ۋەقەسىنى پۈتۈن دۇنيا مەتبواتلىرى بەس-بەس بىلەن ئېلان قىلدى.خوشال بولدۇق.مەتبۇاتلارنىڭ ئىشى خەۋەر ئېلان قىلىش. مەتبۇئاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر تارقىتىشىنى ”غەرپ دولەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى“ دەپ چۇشۇنىش گۇدەكلىك. ھازىر ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر يامغۇردىن كېيىنكى تامچىلاردەك ئاندا-ساندا چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ خالاس.

ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغاچقا،مۇسۇلمان دۇنياسى ئاۋازىنى چىقىرىشى كېرەك ئىدى.ئامما چىقارمىدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان دىن باشقا مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرى ئاغزىغا پېچەت چاپلانغاندەكلا جىم بولۇپ قالدى.

تۈركىيەنىڭمۇ ئىچكى مەسىلىسى كۆپ بىر دۆلەت.ئەتىراپتىكى ۋە ئىچىدىكى مەسىلىلەر بىلەن بوغۇشۇشنى ئۇزۇن يىللاردىن بەرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيىنىڭ،ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا ئاجرىتىدىغان ۋاقىت ۋە كۈچى يوق.

خىتايدەك قۇدرەتلىك بىر دۆلەتتىن، مىللىي ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ كۈچ چەتەلدىكى تەشكىلات ، دەپ قاراش مىللىي تەقدىرىمىزنى ھەل قىلىشتىكى ھالقىلىق ئىستىراتېگىيىلىك خاتالىقتۇر.

ۋەتەن ئىچىدىكى ھەرىكەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قۇرماسلىق،ھەتتا ئۆزىنى قاچۇرۇش.ۋەتەندە بىر ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن پەقەتلا چەتەلدە تەشۋىقات قىلىنىشنىلا بىردىن بىر ۋەزىپە دەپ قاراپ،ۋەتەن ئىچىدىكى پاالىيەتلەر ئۈچۈن سىياسى ئىستىراتىگىيەلىك پىلان تۈزەشكە قاتناشماسلىق … مەنتىق بىلەن ئىزھاتلىغىلى بولمايدىغان پسىخولوگىيىلىك زىددىيەتتۇر.

ۋەتەن سىرتىدا بىر يانار تاغ يارىتىشتىن،ۋەتەن ئىچىدە بىر تال چىراق ياندۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور.

ھەم ۋەتەن ئىچىدىكى ھەرىكەتلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ،ھەم ۋەتەن ئىچىدىكى خەلققە يېتەكچىلىك قىلىش ئارزۇيىمىز بولسا، چەتەلدىكى بىزنى كونترول قىلىپ تۇرغان سىرلىق كۈچلەر بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئارزۇسىنىڭ روھى دۇنيمىزدا ئەكىس ئەتكەن زىددىيەتلىك ئىپادىسىدۇر.

سىياسى ۋە ئىختىسادى،مەپكۇرەۋى ياردەمنى ۋەتەن ئىچىگە سەپەرۋەر قىلالايدىغان،ۋەتەن ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان تىز ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئانالىز قىلىپ،ۋەتەندە شەكىللىنىۋاتقان پىكىر ئېقىمىغا ۋاختىدا ئۇزۇق بىرەلەيدىغان،ۋەتەندىكى ھەرىكەتلەرگە يولباشچىلىق قىلىشنى ئەمەس، ۋەتەندىكى يولباشچىلارغا ياردەمچى بولالايدىغان بىر تۈركۈم ئەقىل ئىگىلىرىگە ئېھتىياج بار.

بىز ئۈچۈن سالاھىيەت-كۈچ دېمەكتۇر.خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىدا ”سالاھىيەت“كە ئىگە بولۇش ئۈچۈن نېمە باھاسىغا بولسا بولسۇن،قانداق شەكىلدە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر،ۋەتەن ئىچىدە سىياسى،ئىجتىمائىي،ئەسكىرى كۈچ بولىشى كېرەك.

تاغ يامغۇرلىرىدىن تۇيۇقسىز شەكىللەنگەن سەل سۇلىرىغا ،سۇ ئامبىرى،تۇغ-توسما،ئېرىق-ئۆستەڭلەر تەييار بولسا سۇ ئېتىز-ئېرىق ئۈچۈن پايدىلىق ئامىلغا ئايلىنىدۇ.بۇ تەييارلىقلار بولمىسا سەل سۇلىرى يۇرت-مەھەللىنى خانى ۋەيران قىلغۇچى زىيانلىق ئامىلغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۈگۈن ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى لى جى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاندى،بەلكى ئەتە ۋاڭلوچۇەن خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى مۇمكىن. ئامما بۇ خىتاينىڭ ئىچكى زىددىيىتىنىڭ ئەكس ئىتىشى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ھېچقانداق پايدىسى يوق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يەتمەكچى بولغان غايىسى، ئېرىشمەكچى بولغان بەخت-سائادىتى توغرىسىدا قولىدا تەييار پىلان-پروگراممىسى بولىشى لازىم.بۇ تەييارلىق ئالدى بىلەن ۋەتەن ئىچىدە بولىشى لازىم.تەييارلىق بولمىسا پۇرسەت ئۆتۈپ كەتىدۇ.

يۇرتىمىزدا 100 يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قېنىنى سۈمۈرۈپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان پارازىت ئاز سانلىق خەن تەبىقىسىنى قەتئىي سۈرەتتە سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ چىشى تۈكۈلمىغىچە،زەھەرلىك تىلى كەسىلمىگۈچە قېنىمىزنى ئىچىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. خىتايدا تۇزۇم ئوزگىرىشى مۇمكىن. ئامما، شەرقى تۇركىستاندا بىزنىڭ قېنىمىز بىلەن ئۇزۇقلىنىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن پارازىت خىتايلارنىڭ تەبىيىتى ئوزگەرمەيدۇ.

ۋەتەن ئىچىدە كۆز بىلەن كۆرگىلى ،قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان،ئامما،پۈتۈن خىتاي دۆلىتىنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان بىر كۈچ شەكىللەنمەكتە.بۇ كۈچ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۈچىدۇر.
”7.5“ ۋەقەسى ،مەۋجۇت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىنىسسىيەگە چىقىش ۋاختى كېلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا جىددى بىر سىگنال بەردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىرلىككە كېلىدۇ ۋە يېمىرىلمەس قۇدرەتكە ئايلىنىدۇ. ھەر قېتىمقى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، تېخىمۇ ئىتتىپاق، تېخىمۇ قورقماس، تېخىمۇ كۇچلۇك ئۇيغۇر مىللىتى يۇكسىلپ چىقىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ۋەتەن سىرتىدىمۇ،ۋەتەن ئىچىدىمۇ ”سالاھىيەت“ھەققىدە ئۇيغۇر خەلقىگە ھاقارەت قىلغۇچىلار چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

”7.5“ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بۈگۈن دەل 2 ئاي تولغان كۈن. بۇ تارىخى كۈندە شېھىت بولغان بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ روھى،تۇرمىدا يېتىۋاتقانلارنىڭ دات-پەريادى مېنىڭ كۈرەش يولۇمنى يورۇتقۇچى نۇردۇر.ئۇلار ئۈچۈن ھېساپ سورالمىسام،ئۇلارنىڭ ئاھى زەنجىر-كىشەندەك مېنىڭ ۋىجدانىمنى بوغۇشتىن ۋاز كەچمەيدۇ.باشقا چىقىش يولۇم يوق.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ باشقا چىقىش يولى يوقتۇر

شەھىتلىكمۇ، ئەركىنلىكمۇ، ئىستىقبالمۇ، شان-شەرەپمۇ ۋەتەندە

2009.09.05

ۋەتىنىم تورى ئارخىۋىدىن ئىلىندى

 

 

2009.09.05

ۋەتىنىم تورى ئارخىۋىدىن ئىلىندى

Share
2185 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.