logo

trugen jacn

شۇنداق بىر كۈنلەر ئۈچۈن

 

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى

تارىختىن بېرى ئىنسانلار دىنى، تىلى، قىممەت قارشى جەھەتتىكى پەرقلەر بىلەن ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ، ياخشىلىق ۋە يامانلىققا بولغان كۆزقاراشتا ئوخشاش ئىنساننى كۆز قاراشقا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ قايسى مىللەت ياكى قايسى كۈلتۈردە بولمىسۇن، يامانغا يانتاياق بولۇشنىڭ ھامان بىر كۈنى سورىقى بولىدىغانلىقىنى، تارىخ تەكرار-تەكرار ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى ئەنە شۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ ھامان كېلىدىغانلىقى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا، تۈرمىلەرگە سولاشقا ھەسسە قوشۇپ، پاك قىزلىرىمىزنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا، ياش يىگىتلىرىمىزنىڭ قۇشخانىلارغا كىرىشىگە، سەبىيلىرىمىزنىڭ ئىگە-چاقىسىز خارلىق ئىچىدە ياشىشىغا كۈچ چىقىرىۋاتقان، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غالچىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئارخىپلاشتۇرۇشقا ئاتلاندۇق.

1991-يىلى ئىككى گېرمان بىرلەشكەندىن كېيىن، سابىق شەرقى گېرمانىيە تەرەپتە بېرلىن تېمىنى قوغداپ تۇرغۇچى بىر ئەسكەر سورتقا تارتىلىپ جىنايىتى بېكىتىلگەن. ئۇنىڭ جىنايىتى بېرلىن تېمىغا ياماشقان ئادەتتىكى پۇقرالارغا ئوق چىقىرىش بولغان. ئۇ ئۆزىنى ئاقلاپ ئوق چىقىرىش بۇيرۇقىنى شۇ چاغدىكى ئۆز كوماندىرىدىن ئالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ پەقەتلا بۇيرۇققا بويسۇنغانلىقىنى ئېيتقان. سوتچى بولسا: «ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى ئالغان بولساڭمۇ، ئادەمگە قارىتىپ ئات دېگەن بۇيرۇق ئالمىدىڭ. سېنىڭ ئادەم يوق ياققا قارىتىپ ئېتىش پۇرسىتىڭ بولغان بولسىمۇ، بىگۇناھ ئادەمگە قارىتىپ ئوق ئېتىپ ئۆلۈمگە سەۋەب بولغان سەن. شۇ ۋەجىدىن سەن جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭ» دېگەن.

شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىزمەت قىلىپ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزمىڭلاپ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان تىزىملىكتىكى بۇ ئىنسانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تارىخى جىنايەتلىرىنى ھەرگىز يوشۇرۇپ ياكى ئاقلاپ بولالمايدۇ. بىز، مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى يېقىن كەلگۈسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ ئېرىقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ دەپ ئىشىنىمىز. ئاشۇ كۈن يېتىپ كەلگەندە خەلقئارا قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ تىزىملىكنى تۈزۈپ چىقتۇق. بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇۋېلىشى ئۈچۈن ئىسىملىرى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا ئېلان قىلىندى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا جازالىنىشقا تېگىشلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسىملىرى

Share
1503 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.