logo

trugen jacn
29 مارت 2014

شى جىنپىڭ فرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىكى زىيارىتىدە نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى

namayiş
ئەركىن تارىم

27 –
مارت كۈنى فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ فرانسىيەدىكى زىيارىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

فرانسىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەنلىكلەر ۋە دېموكرات خىتايلاردىن بولۇپ، 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ئۇلار قوللىرىدا ئۆز بايراقلىرى ۋە «تىبەتلەرگە ئەركىنلىك»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتاي مەدەنىيىتىمىزنى يوق قىلىش سىياسىتىنى توختاتسۇن» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار يېزىلغان لۇزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ فرانسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 28 – مارت كۈنى ئەتىگەن گېرمانىيەگە ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. شى جىنپىڭ گېرمانىيە رەئىسى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن كىرىپ كېتىۋاتقاندا، قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، لوزۇنكىلارنى ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار ياڭراق شۇئار سادالىرى بىلەن كۈتىۋالدى. بۇ نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا 700 كىلومېتىر يول بېسىپ بېرلىنغا كەلگەن ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە تىبەتلەردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xi-uyghur-namayish-03282014215119.html

Share
1909 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.