logo

trugen jacn

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى-9

image

قۇتلان

2015-u0619-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قىسىم: پاتپاراقچىلىقتا قالغان خىتاي ئەلچىخانىسى

سەپو، يەنى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان بۇ زور جاسۇسلۇق دېلوسىنى 2 يىلغا يېقىن مەخپىي كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى تورنى يىغىش قارارىغا كېلىدۇ.

2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس ستوكھولمنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى تۇرالغۇسىدا قولغا ئېلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر شۇ كۈنى شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدۇ. شىۋېتسىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باش مىنىستېرى فرېدرىك راينفېلتمۇ شۇ كۈنى تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىغا بۇ ھەقتە بايانات بېرىدۇ: «بىز ئاخىرىقى ھېسابتا شىۋېتسىيەدە قانۇنسىز ھالدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللانغان 62 ياشلىق بۇ كىشىنى قولغا ئېلىش توغرىلىق قارار چىقاردۇق.»

جاسۇس گۇماندارىنىڭ تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنىشى ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنى قاتتىق پاتپاراقچىلىققا سېلىۋېتىدۇ. ئۇلار سكاندىناۋىيە ئەللىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان مەخپىي جاسۇسلىرىدىن كىمنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى جەزىم قىلالماي، 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسقا شۇ كۈنى 57 قېتىم تېلېفون ئۇرىدۇ.

جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئۆيىدىن قولغا چۈشكەن 9 دانە يانفون سەپو خادىملىرىنىڭ ئىشخانىسىدا تۇرۇپ توختىماي جىرىڭلايدۇ.

«مۇخبىر» قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتاي ئىشپىيونى لېي دا ئۇيغۇر جاسۇس بىلەن ئالاقە قىلالماي پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلايدۇ. سەپو خادىملىرى ئۇنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى «دىپلومات» قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئايالى بىلەن قىلغان كودلۇق تېلېفون ئالاقىسىنى مەخپىي ئاڭلايدۇ.

6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:30 بولغاندا، «مۇخبىر» قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئەر جۇڭگو ئەلچىخانىسىدىكى ئايال «دىپلومات»قا، تېلېفون قىلىپ ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بېرىشنى سورايدۇ. ئۇ تېلېفوندا ئايال «دىپلومات» قا: «نومۇرنى تەتۈر تەرەپتىن ئوقۇغىن!» دەيدۇ. شۇ كۈنى ئۇلار بىرقانچە قېتىم تېلېفونلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار تېلېفوندا نورمال سۆزلىشىشنىڭ ئورنىغا كودلۇق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ قارشى تەرەپكە ئۇچۇر بېرىدۇ. مۇخبىر ئەر: «قاتتىق يامغۇر ياغىدىغان بولدى» دېگىنىدە، ئايال دىپلومات: «ماشىنىنى ئېھتىيات بىلەن ھەيدىگىن» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.

سەپو خادىملىرى دەرھال «مۇخبىر» قىياپىتىدىكى لېي دانىڭ كەينىگە چۈشۈپ، مەخپىي كۆزىتىدۇ. شۇ كۈنى سائەت 11 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئۆز تۇرالغۇسىدىن ئايرىلىدۇ – دە، ئۇدۇل 62 ياشلىق جاسۇس گۇماندارىنىڭ روكېسۋېدتىكى ئۆيى ئەتراپىغا كېلىدۇ. ئۇ ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەن پېتى بۇ مەھەللىنى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ، ھالبۇكى، جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. كېيىن ئۇ يانفونىدىن جۇڭگو ئەلچىخانىسىدىكى ئايال «دىپلومات» قا تېلېفون قىلىپ، بۇ يەردىن دەرھال ئايرىلىدۇ.

62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس قولغا ئېلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئايال «دىپلومات» جۇ لۇلۇ بىلەن ئۇنىڭ «مۇخبىر» قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئېرى لېي دانىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە شىۋېتسىيە چېگراسىدىن مەڭگۈگە ئايرىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

قىزىقارلىقى شۇكى، خىتاي تەرەپ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر جاسۇسلۇق دېلوسىدىكى ئەيىبنامىسىنى ئىنكار قىلىدىغان ھېچقانداق دەلىل – ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن دىپلوماتىك ئۇسۇلدا «ئۆچ ئېلىش» نى ئۇنتۇمايدۇ. خىتاي تەرەپ ھېچقانداق سەۋەبسىزلا بېيجىڭدىكى شىۋېتسىيە ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر جۈپ ئەر – ئايال شىۋېت دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ.

ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۇزۇن ئۆتمەيلا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگىمۇ مەلۇم بولىدۇ.

سەپو خادىمى ۋىلھېلىم ئۇنگە ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ ئۆيىدىن شىۋېتسىيەدە ياشىغۇچى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئۇچۇرلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «بىز جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئۆيىدىن جۇڭگو دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى دىققەت قىلىۋاتقان ۋە ئىزچىل كۆزىتىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، تېلېفون نومۇرى ھەمدە ئۇلارنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى قولغا چۈشۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان ئورۇنلىرى ۋە سۆزلەشكەندە قالدۇرغان خاتىرىلىرىنى تاپتۇق.»

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئەخمەت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئەينى چاغدا ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ نورۋېگىيە ۋە فىنلاندىيەگە قىلغان سەپەرلىرىمۇ جاسۇس تەرىپىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

بابۇرنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىمۇ شىۋېتسىيە دۆلەت رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنى ئاقلاشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ: «مەسىلە شۇ يەردىكى، جاۋابكارنىڭ جاسۇسلۇققا دائىر قىلمىشى يېتەرلىك دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن تىركەلگەن ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/jasusluq-06202015004514.html

Share
1426 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.