logo

trugen jacn

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش-ئاخىرى-6

image (2)

قۇتلان

2015-u0522-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قىسىم-6

يەمچۈك تاشلاپ ئاخبارات ئېلىش»: ئېسكىلىستۇنا – شىۋېتسىيەدىكى نوپۇسى ئاران 80 مىڭدىن ئاشىدىغان بىر كىچىك شەھەر. ھالبۇكى، 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ كىچىك شەھەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ.

شۇ يىللاردا مەرھۇم سەنئەتكار ۋە سىياسىي پائالىيەتچى كۈرەش كۈسەن ئەپەندى بۇ شەھەردە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. «غەرب شامىلى» ناملىق ئۇيغۇرچە ژۇرنال چىقىرىدۇ. ئۇيغۇرچە تور رادىيوسى تەسىس قىلىپ ئاڭلىتىش بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنى تەشۋىق قىلىدىغان سىياسىي، مەدەنىي پائالىيەتلەر ۋە سەنئەت كونسېرتلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ.

2007 – يىلىنىڭ كۈز كۈنلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى» نامىدا بىر تەشۋىقات ئەترىتى تەشكىللەپ ياۋروپاغا ئەۋەتىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ لى فامىلىلىك باشلىقى يېتەكلىگەن بۇ ئۆمەك ئالدى بىلەن شىۋېتسىيەگە يېتىپ كېلىدۇ.

ئۆمەك كېلىشتىن بۇرۇن 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بۇ ئۇچۇرنى يەمچۈك ھېسابىدا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىغا يەتكۈزىدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت، باش كاتىپى ئابدۇشۈكۈر سامساق ھەمدە دائىمىي ھەيئىتى قۇربانجان مۇداش قاتارلىقلار ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ بۇ خەۋەرنى ئۆزلىرىگە يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ شىۋېتسىيەگە كېلىشى ھەققىدىكى ئىنتايىن تەپسىلىي ئۇچۇر ئەينى چاغدا تەشكىلات مەسئۇللىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە 62 ياشلىق بۇ سىرلىق كىشىگە بولغان دەسلەپكى گۇمانىنى قوزغايدۇ.

جاسۇس گۇماندارى ئەينى چاغدا «ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى» نامىدىكى خىتاي تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى پائالىيەت ئۇچۇرىنى نېمە غەرەز بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا يەتكۈزىدۇ؟ ئاتالمىش «شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى» نېمە ئۈچۈن تۇنجى مەيدان كونسېرتىنى شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا ئەمەس، بەلكى كىچىك شەھەر ئېسكىلىستۇنادا قويىدۇ؟

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئەسلىمىسى بىلەن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ خىتاينىڭ ئەينى چاغدا «ئۇيغۇر ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى» تەشكىللەپ، بىرىنچى مەيدان ئويۇننى شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا ئەمەس، بەلكى نوپۇسى 80 مىڭچە كېلىدىغان ئېسكىلىستۇنا شەھىرىدە قويۇشىنىڭ روشەن سىياسىي مەقسىتى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداقلا ئەينى چاغدا 62 ياشلىق جاسۇس گۇماندارىدىن باشقا، يەنە ئېسكىلىستۇنا شەھىرىدە بىر قىسىم سىرلىق ئىنسانلارنىڭ خۇپىيانە ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ بولغانلىقىنى تەستىقلايدۇ.

شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، 2005 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدىلا جاسۇس گۇماندارى ئېسكىلىستۇنا شەھىرىگە كۆپ قېتىم بېرىپ مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىگە يېقىنلىشىش ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان. ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ دېلوسى ھەققىدە ھازىرغىچە ئاشكارا قىلغان ئۇچۇرلىرى شۇنداقلا ستوكھولم شەھەرلىك سوت مېھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوت خاتىرىسى مۇنداق بىر نۇقتىنى جامائەتچىلىككە ئەسكەرتىدۇ:

2007 – يىلىنىڭ ياز مەزگىلىدە ئېسكىلىستۇنا شەھىرىدە ئوينالغان سىرلىق «تىياتېر» لارنىڭ پەردىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن «ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى» نىڭ شىۋېتسىيەگە كېلىشى بىلەن ئېچىلغان. بۇ «تىياتېر»دا 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، پەردە ئارقىسىدا رول ئالغۇچىلارمۇ مەۋجۇت

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/shwetsiye-xitay-jasusluq-05222015230258.html

Share
1580 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.