logo

trugen jacn

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش-ئاخىرى-5

image

قۇتلان

ڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

5-قىسىم: قارا كۆزەينەكلىك يوچۇن ئادەم

شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ ئادىل ھېكىمجانغا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم بەرگەندىن كېيىن 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس ئۆزىنىڭ مۇھىم نىشانىنى قەيەرگە قاراتقان؟

سەپو، يەنى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى مەخپىي ئاڭلاشقا باشلىغان تۇنجى كۈنىلا جاسۇسلۇق پاكىتقا ئېرىشىدۇ. يەنى جاسۇس گۇماندارىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ئايال «دىپلومات» قا ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش قىلماقچى بولغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بايقايدۇ.

بۇ ھەقتە شىۋېتسىيە دۆلەت رادىئوسى تارقاتقان ھۆججەتلىك رادىئو پروگراممىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:

«سەپو خادىملىرى ئادالەت مىنىستىرلىقى بەرگەن ئالاھىدە تەستىق بويىچە، 2008-يىلى 9-ئاپرېل كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا جاسۇس گۇماندارىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى دىپلومات بىلەن بولغان سۆھبىتىنى تۇنجى قېتىم مەخپىي ئاڭلايدۇ. 62 ياشلىق ئۇيغۇر ئەر ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ‹دىپلومات› ئايالغا ئالدىن تېلېفون قىلدى. ئۇ تېلېفوندا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارنىڭ شەنبە كۈنى سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدا نامايىش قىلىدىغانلىقىنى خەۋەرلەندۈرىدۇ.»

ئەمەلىيەتتە، شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى جاسۇسنىڭ كەينىدىن بىر يىلدىن ئارتۇق ئىز بېسىپ مەخپىي تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۇنىڭ كۆپ لىنىيەلىك ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئەينى چاغدا يېشى 60 تىن ئاشقان، ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغان بۇ يوچۇن كىشىنىڭ ھەر قېتىملىق نامايىش مەزگىلىدە قارا كۆزەينەك تاقاپ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.

شىۋېتسىيەدە ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر تەشكىلاتى قۇرغان، جامائەتنى تەشكىللەپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى فارۇق سادىق ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز ئەسلىمىلىرى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىتوكھولمدا قاچانىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى بولسا قارا كۆزەينەك تاقىغان بۇ يوچۇن كىشىمۇ شۇ مەيداندا سىرلىق ھالدا پەيدا بولىدۇ.

ھازىر شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان، ئەينى چاغدا مەزكۇر تەشكىلاتتا باش كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن ئابدۇشۈكۈر سامساق ئەپەندى 62 ياشلىق بۇ يوچۇن كىشىنىڭ ئەينى چاغدىكى سىرلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

ئۇنداقتا، ئەينى ۋاقىتتا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە يارقىن تەسىرات ئەمەس، بەلكى غۇۋا ۋە يوچۇن تۇيغۇ بەرگەن بۇ سىرلىق كىشى جامائەتكە يېقىنلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئىشنى قەيەردىن باشلىغان؟

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى شۇنداقلا بۇ تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئەخمەت تۇرسۇن ئەپەندى 62 ياشلىق جاسۇسنىڭ ئەينى چاغدا شىۋېتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا سۇقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندىمۇ جاسۇسنىڭ ئەينى چاغدا كۆز بوياپ شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكى ۋە بىر يىللىق ئەزالىق پۇلى تاپشۇرغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئەينى چاغدا بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئېغىر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئەسلەيدۇ. ئۇلار قارا كۆزەينەك تاقىغان بۇ يوچۇن كىشىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا شىۋېتسىيەدىكى ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئارىسىدا نۇرغۇن «تىياتىر» لارنى ئوينىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىڭغا رەئىس بولۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

دەرۋەقە، شۇ يىللاردا جاسۇسنىڭ سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىدۇ، ئەمما شىمالىي ياۋروپادىكى بۇ تىنچ، پاراۋان ۋە دېموكراتىك ئەلدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ئۆچمەيدۇ، بەلكى بۇ ئەلدە كۈندىن-كۈنگە زورىيىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى يىراقتىكى مەھكۇم ۋەتىنى ۋە ئۇنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە تېخىمۇ كۈچلۈك سادالارنى ياڭرىتىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/shiwetsiye-xitay-jasusluq-05202015163104.html

Share
1014 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.