logo

trugen jacn

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى – – 4 – قىسىم: كۈتۈلمىگەن نەتىجە

image (1)

قۇتلان

2015-u0515-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ستوكھولم شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ 2010 – يىلى 8 – مارتتا چىقارغان «ب – 8976 – 09 نومۇرلۇق» سوت خاتىرىسىدىكى بەزى تەپسىلاتلار ئەينى ۋاقىتتا شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئادىل ھېكىمجان دېلوسى ھەققىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاخبارات توپلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ سىكاندىناۋىيە ئەللىرىدىكى جاسۇسلۇق تورى ئەينى ۋاقىتتا گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن تۇنجى تۈركۈمدە «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بېرىلگەن ئادىل ھېكىمجاننى ئوۋلاش ۋە ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش مەخپىي پىلانىنى تۈزگەن.

سەپو، يەنى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئەينى چاغدا خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان جاسۇسلۇق دېلوسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل خادىملىرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تەرەپ «شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئادىل ھېكىمجانغا سىياسىي پاناھلىق بەرمەيدۇ»، دەپ ھېسابلىغان.

شۇ ۋەجىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ «دىپلومات خادىمى» قىياپىتىدىكى جۇ لۇلۇ بىلەن ئۇنىڭ «مۇخبىر» قىياپىتىدىكى ئېرى لېي دا ستوكھولمنىڭ روكسفېلت مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنى ئىشقا سېلىپ ئادىل ھېكىمجاننىڭ دېلوسى ھەققىدە ئاخبارات توپلايدۇ.

ئادىل ھېكىمجان ئىنتايىن ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەيدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سابىق رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا ئۆزى شاھىت بولغان بىر قىسىم كەچمىشلەر بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

2008 – يىلىنىڭ فېۋرال ئايلىرىدا شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئادىل ھېكىمجاننىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش، پۇرسەت كەلگەن ھامان خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش پىلانىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئۇيغۇر جاسۇس خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئادىل ھەكىمجاننىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىشكە تىرىشىدۇ.

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئادىل ھېكىمجاننىڭ سىياسىي پاناھلىق دېلوسىغا شۇ قەدەر قىزىقىشى ۋە بۇ ھەقتە مەخپىي تۈردە ئاخبارات يىغىشى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى يەنىمۇ سەگەكلەشتۈرىدۇ. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئادىل ھېكىمجاننىڭ سىياسىي پاناھلىق دېلوسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي بىلەن شىۋېتسىيە ئارىسىدىكى بىر مەيدان «دىپلوماتىك كۈچ سىنىشىش» قا ئايلانغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.

بىرىنچى قېتىملىق سوتتا ئادىل ھېكىمجاننىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسىنى رەت قىلغان، ھەتتا «ئادىل ھېكىمجانغا سىياسىي پاناھلىق بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شىۋېتسىيە پارلامېنتى دۆلەتنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى كېرەك» دەپ تۇرۇۋالغان شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ قېتىم ئۆز قارارىنى كەسكىن ئۆزگەرتىدۇ.

ئارىدىن بىر يىل 2 ئاي ئۆتكەندە، يەنى 2009 – يىلى 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىۋېتسىيە سوتى ئادىل ھېكىمجاننىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىمۇ سوتنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسەن ئادىل ھېكىمجانغا مەگگۈلۈك ئولتۇرۇم بېرىدۇ.

بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان شۇنداقلا ھېچقاچان كۈتمىگەن نەتىجە ئىدى!

شىۋېتسىيە سوتى ئادىل ھېكىمجاننىڭ شىۋېتسىيەدە مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ 10 مىنۇت ئۆتكەندە، 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس ئادىلغا تېلېفون قىلىپ بۇ خەۋەرنى ئاڭلايدۇ.

سەپو، يەنى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى دەل شۇ مىنۇتتا جاسۇسنىڭ كوچىدىكى ئاممىۋىي تېلېفون ئارقىلىق «مۇخبىر» قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتاي جاسۇسى لېي داغا بۇ ئۇچۇرنى مەلۇم قىلغانلىقىنى مەخپىي ئاڭلايدۇ. كۈتۈلمىگەن بۇ خەۋەردىن ھاڭ – تاڭ بولغان لېي دا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتمەي تۇرۇپ ئۇيغۇر جاسۇستىن «بۇ راستمۇ؟» دېگەن سوئالنى 3 قېتىم قايتا – قايتا سورايدۇ.

سەپو خادىملىرى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە جاسۇس لېي دانىڭ بۇ خەۋەرنى كودلۇق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ئايال «دىپلومات» جۇ لۇلۇغا يەتكۈزگەنلىكىنى، ئۇنىڭ شۇ كۈنىلا بۇ خەۋەرنى يەنە بېيجىڭدىكى كاتتىباشلىرىغا مەلۇم قىلىغانلىقىنى ئۇقۇپ تۇرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيەگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئادىل ھېكىمجاننىڭ 3 – دۆلەت بولغان شىۋېتسىيەدىكى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ.

خىتاي بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئادىل ھېكىمجاننىڭ دېلوسىنى نۇقتا قىلغان بىر مەيدان «ئىس – تۈتەكسىز» دىپلوماتىك كۈچ سىنىشىش توقۇنۇشى ئاخىرىدا خىتاينى قۇرۇق قول قالدۇرىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن، 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس ئادىل ھېكىمجاننىڭ دېلوسى ھەققىدىكى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، دىققىتىنى باشقا نىشانلارغا قارىتىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/shwetsiye-xitay-jasusluq-05152015224756.html

Share
1037 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.