logo

trugen jacn

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش-ئاخىرى

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قىسىم-3  جاسۇسنىڭ نىشانلىرى

شىۋېتسىيەنى زىلزىلىگە سالغان ئىشپىيونلۇق دېلوسىدىكى 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ نىشانلىرى زادى كىملەر بولغان؟

بۇ سوئال 2009-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا سېتىلغان ئۇيغۇر جاسۇس گۇماندارى تۇتۇلغاندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى ئەڭ كۆپ تەشۋىشلەندۈرگەن نۇقتىدۇر.

سىتوكھولم شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ 2010-يىلى 8-مارتتا چىقارغان «ب-8976-09 نومۇرلۇق» 38 بەتلىك سوت خاتىرىسى بىلەن شىۋېتسىيە دۆلەت رادىئوسىنىڭ 3-قانىلى بۇ يىل ئاپرېلدا تارقاتقان «خىتاي ئەلچىخانىسىغا باغلانغان ئىشپىيونلۇق دېلوسى» ناملىق 75 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك رادىئو پروگراممىسى بۇ سوئالغا قىسمەن جاۋاب بېرىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ ئاخبارات توپلاش نىشانى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ۋە پائالىيەت كۈنتەرتىپلىرى ھەتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلىرىگە قەدەر بېرىپ تاقىلىدۇ.

ئۇ يەنە گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئاۋۋال ئالبانىيەگە، ئاندىن شىۋېتسىيەگە يەرلەشكەن ئادىل ھېكىمجاندىن تارتىپ، رابىيە قادىر خانىم، دولقۇن ئەيسا، ئابدۇجېلىل قاراقاش، ئاتاخان ئابدۇغېنى قاتارلىق شەخسلەرنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىدۇ.

سەپو، يەنى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس يەتكۈزگەن ئاخباراتلار ئىچىدە ئەينى چاغدا خىتاي ئەلچىخانىسى سىياسىي باشقارمىسىنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئادىل ھېكىمجاننىڭ سىياسىي پاناھلىق دېلوسىغا دائىر ئۇچۇرلار بولغان ئىكەن.

ئۇنداقتا، خىتاي نېمە ئۈچۈن ئادىل ھېكىمجاننىڭ شىۋېتسىيەدىكى سىياسىي پاناھلىق دېلوسىغا شۇنچىلىك قىزىقىدۇ؟

مەلۇمكى، ئادىل ھېكىمجان گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بېرىلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئابابەكرى قاسىم قاتارلىق 5 نەپەر ئۇيغۇر ياش بىلەن بىللە 2006-يىلى 8-مايدا ئالبانىيەگە يەرلەشتۈرۈلىدۇ. 2007-يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا ئۇ شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ. گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاخىرلىشىشى بىلەن شىۋېت ئادۋوكاتلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشى ئارقىسىدا شىۋېتسىيەدە قايتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەيدۇ ھەمدە سىتوكھولمدا ئولتۇرۇشلۇق بىر تۇغقان ئاچىسى بىلەن جەم بولىدۇ.

دەل مۇشۇ پەيتتە، يەنى 2007-يىلى نويابىرنىڭ بىر سوغۇق كۈنىدە 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس سىتوكھولمدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قوشۇلۇپ ئادىل ھېكىمجاننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئارلاندا ئايرودرومىغا چىقىدۇ.

شىۋېتسىيە ساقچى تەرەپنىڭ كېيىنچە 62 ياشلىق جاسۇس گۇماندارىنى سوراق قىلىش خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئادىل ھېكىمجاننىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ئالاھىدە خادىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغان.

خىتاي تەرەپ ئەينى چاغدا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئادىل ھېكىمجانغا سىياسىي پاناھلىق بەرمەيدۇ دەپ ھېسابلىغان. ئۇلار ئادىل ھېكىمجاننىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ، شىۋېتسىيە چېگراسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ھامان ئۇنى تۇتۇپ خىتايغا ئېلىپ كېتىش تەييارلىقىنى قىلغان.

ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئادىل ھېكىمجان 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسىنىڭ ئۆزىگە قانداق قىلىپ يېقىنلاشقانلىق جەريانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا ئاشكارا قىلدى.

ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئادىل ھېكىمجانغا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن جاسۇس ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئادىلغا مەيلى شىۋېتسىيەنىڭ بولسۇن ياكى باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ تاراتقۇلىرى بولسۇن، ھېچكىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ئادىل ھېكىمجاننىڭ شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە سۇنغان سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر تەپسىلاتى 62 ياشلىق جاسۇس تەرىپىدىن سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا يوشۇرۇن ھالدا يەتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ «دىپلوماتىيە خادىمى» قىياپىتىگە كىرىۋالغان، ئەمەلىيەتتە شىۋېتسىيەدە يوشۇرۇنچە جاسۇسلۇق تورى قۇرۇپ خىتاي ئۈچۈن ئاخبارات ئوغرىلاۋاتقان جۇ فامىلىلىك ئايال بۇ مەزگىلدە ھەرىكىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ.

ئۇ شۇ مەزگىللەردە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ جاسۇسلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئادىل ھېكىمجاننىڭ پاناھلىق دېلوسى ھەققىدە يوشۇرۇنچە ئاخبارات توپلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ «دىپلومات» قىياپىتىدىكى ئاشكارا يۈزى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە ئادىل ھېكىمجاننى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىلىق تەلەپ قويىدۇ:

«ئادىل شىۋېتسىيەگە قەدەم باسقان كۈنىلا بىز ئۇنىڭ دېلوسىغا نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرغان. بىزنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقىمىز بار، ئەلۋەتتە. مەيلى ئامېرىكا بولسۇن ياكى شىۋېتسىيە بولسۇن، ئۇلارنىڭ گۇەنتانامودىكى ‹تېررورچى تۇتقۇنلار› ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈم چىقىرىشى ئۇلارنىڭ ئىشى. بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا قانۇن سىستېمىمىز، تەپتىش ۋە سوت رەسمىيەتلىرىمىز شۇنداقلا تەكشۈرۈش ۋە ھۆكۈم قىلىش يولىمىز بار. بىزنىڭ بۇ دېلونى ئۆز ئالدىمىزغا تەكشۈرۈش ۋە قارار چىقىرىش ھوقۇقىمىز بار. بىز تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى كۈرەشنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمىنى ئويلاشقان ھالدا ئادىل ھېكىمجاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇشنى ۋە جۇڭگونىڭ قانۇن سىستېمىسىغا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئۇنداقتا، 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس ئادىل ھېكىمجانغا قانداق قىلىپ يېقىنلاشتى؟

ئادىل ھېكىمجان بۇ جەرياندىكى بەزى تەپسىلاتلارنى ئىنتايىن ئەپسۇسلۇق ئىچىدە مۇنداق ئەسلىمە قىلىدۇ:

«مەن شىۋېتسىيەگە كەلگەن كۈنۈم بابۇر مەقسۇتمۇ جامائەتكە قوشۇلۇپ مېنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئارلاندا ئايرودرومىغا چىققان ئىكەن. مەن كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇ ماڭا يېقىنلىشىشقا باشلىدى. ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ماڭا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قارىسام، ئۇ كىشى شۇ چاغدا جامائەتكە قوشۇلۇپ 5 ۋاق ناماز ئوقۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭ بىرى ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىپتىمەن. ئۇ مەندىن گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى كەچۈرمىشلىرىمنى ۋە باشقا شەخسىي ئەھۋاللىرىمنى سورىدى. ئەگەردە شىۋېتسىيەدە مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمغا ئېرىشەلىسەم، ۋەتەندىكى خوتۇن-بالىلىرىمنى ئەكېلىشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە شۇ چاغدا ھېچقانداق مۇخبىر ياكى ژۇرنالىستنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىقىمنى، ھەرقانداق ئىش بولسا ئۇنىڭ ئۆزىدىن مەسلىھەت سورىشىمنى ئەسكەرتتى. مەن ئۇنىڭدىن پەقەتلا گۇمان قىلماپتىمەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/shiwetsiye-xitay-jasusluq-05142015154538.html

Share
1061 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.