logo

trugen jacn
14 ماي 2014

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش قىلدى

 

گۈلچېھرە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال قويۇش، چۈمبەل ئارتىش، ھىجاب كىيىشىنى «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ سىمۋولى» دەپ قاراپ باستۇرۇشنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، دىنىي تۈستە كىيىنگەن ھىجابلانغانلارنىڭ ھۆكۈمەت بىنالىرى دوختۇرخانا، گاز قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان ئۇقتۇرۇش، بۇيرۇقلارمۇ مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۇ خىل چەكلىمىلەر ھەتتا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىمۇ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ يېقىندا مۇشۇ تۈردىكى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان، دىنىي بەلگىسى بار كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشى، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىشىنى چەكلىگەن ئىدى. 12-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 60 نەپەر ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەكتەپنىڭ بۇ خىل يولسىز چەكلىمىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رادىئومىزغا يوللىغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن مۇخبىرىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلار دېققىتىڭلاردا بولسۇن.

ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان، دىنىي بەلگىسى بار كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىنى، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىشىنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدە ئۆتكەن ھەپتە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
بەلگىلىمىدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان كىيىم-كېچەك كىيىپ، باش كىيىم ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاپ مەكتەپ قورۇسىغا، ئوقۇتۇش بىناسى، ئاشخانا، ياتاق بىناسى، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىشىنى بىردەك مەنئى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دەرسخانا، تەجرىبىخانا، ئىمتىھان مەيدانى ۋە يىغىنغا بىردەك يالاڭۋاشتاق كىرىشى تەلەپ قىلىنغان. مەزكۇر بەلگىلىمە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ رادئىئومىزغا يەتكەن ئىنكاسلىرىدىن ئۆتكەن ھەپتە بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى مەلۇم ئىدى.

ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلار سۈكۈتتە تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتىپتۇ يەنىلا مەكتەپنىڭ بۇ خىل يولسىز چەكلىمىلىرىنى توسۇپ قالالمىغاندىن كېيىن 12-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. ئەمما نارازىلىق بىلدۈرۈپ توپلانغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن تېز ئارىدا تارقىتىۋېتىلگەن.

ۋەقەدىن خەۋەردار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا دۈشەنبە كۈنى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدېرلىرىدىن خالمۇرات غوپۇر باشلامچىلىقىدىكى ئونغا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۆزلىرى بىۋاسىتە مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە مەركىزى ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ ئالدىدا پوستا تۇرۇپ ياغلىق ئاتقان ياكى دىنىي تۈستە كىيىنگەنلەرنى بىردەك تاماق يېيىشتىن ۋە دەرسخانىغا كىرىشتىن توسقان، ئۆز خاھىشى بويىچە كىيىنىشتىن ئىبارەت بىلىم ئېلىشقا ھېچ زىت كەلمەيدىغان بۇ ئاددىي ئەركىنلىكىنىڭ نۆۋەتتە بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا بولسا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ۋاز كەچمىسە بولمايدىغان تاللاش بولۇپ قالغىنىغا قايىل بولمىغان ئوقۇغۇچىلار نارازىلىقىنى باشتا مۇنازىرىلىشىش، قارشىلىشىش ۋە سۈكۈتتە تۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلەپمۇ باققان. ئەمما مەكتەپ مۇدىرلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوپاللىق بىلەن تەنبىھ بېرىشى، روھىي بېسىم قىلىشى ھەتتا مەكتەپتىن مەجبۇرىي چېكىندۈرۈش تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار نەتىجىدە مەركىزىي ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش قىلغان، نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلار سانى 60 ئەتراپىدا بولۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىشلىشى بىلەن تېزدىن تارقىتىلغان ئەمما چەكلىمە بىكار قىلىنمىغان.
بىز ئوقۇغۇچىلار يەتكۈزگەن بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن سەيشەنبە كۈنى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت ئامانلىق بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.

-تۈنۈگۈن 12-ماي ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ كىيىم ھەققىدىكى چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپتىكەن بۇ ئىش قانداق بىر تەرەپ بولدى؟
-سىز نەدىن ئۇرۇۋاتىسىز؟
-ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن، مۇخبىر مەن.
-بۇ ئىش جىمىقىپ قالدىمۇ؟
-نارازىلىق تۈنۈگۈن بىر كۈنلا بولدىمۇ؟
-ياق بىر قانچە كۈنغۇ.
-ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقان ئەھۋال بارمۇ؟
-بىزمۇ ئانچە ئۇقمىدۇق، مەكتەپ ئۆزى چىقارغان ئۆزلىرى قارار چىقارغان ئىش بۇ.
-بۇ بەلگىلىمە مەخسۇس ياغلىق چىگكەن، ساقال قويغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىپ چىقىرىلغانمۇ؟
-ھە شۇنداق ئوخشايدۇ.
-ئۇ بالىلار نارازى بولغاندىن كېيىن بېسىقتۇرۇشقا سىلەر ئارىلاشمىدىڭلارمۇ؟
بېسىقتۇرغىدەكمۇ ئىش يوق. بۇ يەردە مەكتەپتە ئاشخانىغا دەرۋازىدىن كىرگۈزىدۇ ئەمەسمۇ، ھازىر شۇنىڭغا ئاشۇ….
ساقچىنىڭ گېپى تۈگىمەيلا تېلېفون ئۈزۈلۈپ قالدى.

بىز تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ بەلگىلىمىنىڭ قاچان چىقىرىلغان ۋە قاچاندىن باشلاپ يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى سورىدۇق، تېلېفونغا باشتا بىر خىتاي كۆزەتچى جاۋاب قىلدى:
-شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىنىشىنى باشقۇرۇش ھەققىدە بىر بەلگىلىمە چىقاردىمۇ؟
-شۇنداق چىقارغان.
-بەلگىلىمىگە خىلاپ كىيگەنلەرنى دەرسخانا، ئاشخانا، كۇتۇپخانىلارغا كىرگۈزمەمدۇ؟
-شۇنداق قىلىۋاتىدۇ.
بۇ بەلگىلىمە قاچاندىن باشلاپ يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ؟
-پويىز ۋوگزالىدا ئىش چىققاندىن كېيىنلا، ئەتىسى مەكتەپ يىغىن ئېچىپ بېكىتكەن.
-ئوقۇغۇچىلارنىڭ\ تۈنۈگۈنكى نارازىلىقىمۇ مۇشۇ بەلگىلىمە تۈپەيلىدىنمۇ؟
-شۇنداققۇ دەيمەن.
بۇ خىتاي خادىم تېلېفوننى باشقا بىر ئۇيغۇرغا تۇتقۇزدى:
-سىز قايسى ئىدارىنىڭ؟
-مەن مۇخبىر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن.
-سىلەر ئارىلاشمىدىشڭلارمۇ نامايىشقا؟
-مەن ئۇقمايمەن ئۇنىڭغا مەكتەپ تەشۋىقات بۆلۈمى جاۋاب بېرىشى كېرەك.
سىز جاۋاب بېرەلمەمسىز؟
-مەكتەپكە كېلىپ شۇلاردىن سورىسىڭىز جاۋاب بېرىدىغانلار بار.

يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت تارماقلىرى، دوكتور ئاشتى خالمۇرات غوپۇر قاتارلىقلار باشچى بولۇپ، سىنىپلارغا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا مەدەنىي كىيىنىش، دىنىي تۈستىكى كىيىملەرنى كىيمەسلىك ھەققىدە مەخسۇس تەربىيە ئىشلەشنى كۈچەيتكەن، مەكتەپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى يەنە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ھىجابلانغان 65 نەپەر قىز ئوقۇغۇچىنى تىزىمغا ئېلىپ ئۇلارغا مەخسۇس تەربىيە بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەپ ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياغلىقىنى بېشىدىن ئېلىۋېتىش ئۈچۈن بىر ھەپتە مۆھلەت بېرىپ بىر ھەپتىگىچە يەنە ئىدىيىسى تازىلانماي ياغلىقىنى ئالمىغاندا مەكتەپتىن قوغلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېسىم ئىشلىتىۋاتقان ئىكەن.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/yaghliq-cheklesh-05132014141224.html

Share
1992 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.