logo

trugen jacn

شىنجاڭدىكى مىللىي سىياسەت

 

ئىلھام توختى

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، «ئۇيغۇربىز تورى» نىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى، 9-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە نەزەربەند قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن ئىلھام توختى ئەپەندى ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ بىر ھەپتە نەزەربەند قىلىنىشىغا، ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن باشقا 2010- يىلى 3- دېكابىر كۈنى سۆزلەنگەن « شىنجاڭدىكى مىللىي سىياسەت » ناملىق لېكسىيىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى :“مېنىڭ نەزەربەند قىلىنىشىمغا مەن سۆزلىگەن لېكسىيە ئاساسى سەۋەب بولدى“.ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، بىر ئايدىن بۇيان بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم « چاي ئىچىپ سۆھبەتلىشىش» كە چاقىرتىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ 3- دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى ھەر مىللەت زىيالىيلىرى قاتناشقان بىر قېتىملىق لېكسىيىسىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي سىياسەت ھەم ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ رايوندا بىللە ياشاش جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان كونكرېت مەسىلىلەر ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگىنى ئۈچۈن، شۇ كۈنى لېكسىيىگە قاتناشقان دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن « بۇ لېكسىيە سەزگۈر تېمىدا سۆزلەندى» دەپ قارىلىپ، ئۆزىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نامىدا بىر كېچە ئۆيىگە قايتۇرۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختىنىڭ لېكسىيىسىدە جۇڭگونىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان

لېكسىيىگە ”شىنجاڭدىكى مىللىي سىياسەت، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار قانداق شارائىتتا باراۋەر ياشىيالايدۇ؟“ دېگەن تېما قويۇلغان بولۇپ، ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆز لېكسىيىسىدە 1955-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ رايوندا ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەر ھەم رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالغان.

ئىلھام ئەپەندى لېكسىيىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق بايانلارنى بېرىدۇ:

”2010- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 55 يىل بولدى. جۇڭگو كوممۇنىست پارتىيىسى 1949- يىلى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغىنىدىن بۇيان، بۇ زېمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى رايونىغا ئايلاندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىچكىرى رايوندىكى خەلقلەرنى كوللېكتىپ ھالدا رايونغا كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلىشىشقا تەشكىللىدى. نەتىجىدە خەنزۇمىللىتىنى ئاساس قىلغان كۆچمەنلەر رايونغا كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، بۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ مىللىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.2009- يىلى يىل ئاخىرىغا كەلگەندە رايوندىكى خەنزۇلارنىڭ نىسبىتى 1949- يىلدىكى 4.5% تىن 39% كە يەتتى. ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى بولسا ئەسلىدىكى 80% تىن 47% كە چۈشۈپ قالدى. بۇ خىل ئەھۋال رايوندا ئۇيغۇرلار ھەم خەنزۇلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مىللەت قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، ئېتىقادى، سىياسىي قارىشى قاتارلىقلار تامامەن ئوخشىمايتتى. مىللىي ئالاھىدىلىكىمۇ روشەن پەرقلىق بولۇپ. بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى ئىدى. بۇ خىل قارمۇ-قارشىلىق ۋە پەرق ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى ئالاھىدە مەدەنىيەت مۇھىتى شەكىللەندى.“

ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق بايان بېرىدۇ:

”ئۇيغۇر رايونى جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسىگە كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، رايوندىكى مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىياسەت مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى تېما بولۇپ كەلدى. چۈنكى رايوندا يۈرگۈزۈلگەن ھەرقانداق سىياسەت بۇ يەرنىڭ ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مائارىپ تۈزۈمى، بايلىق تەقسىماتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ شىنجاڭ مەسىلىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بىرلىككە كەلگەن ئورتاق قاراش. ئەمما، جۇڭگو ھوقۇق مەركەزلەشكەن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللىي مەسىلىدە دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ كەلدى. دۆلەت ئىچىدە ئەجدىھانىڭ ئەۋلادى، يەنخۇاڭ ئەۋلادى دېگەندەك نەزەرىيىلەر كۈچىيىپ، خەنزۇتىلى ئەمەلىيەتتىكى دۆلەت تىلى دەپ قارالدى. ئىلاھسىزلىق تەرغىب قىلىنىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشلىرى چەتكە قېقىلدى. شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە بولسا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم نەزەرىيىۋى قاراشلىرى بار، ئۇلار بىر ‏- بىرىدىن پەرقلىق. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى ھەم ياخشىلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. شىنجاڭ مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەكلىپ پىكىرلىرىنى قويۇپ كەلدى. ئەمما، رايوندىكى مىللىي مەسىلىلەر ھەل بولماي كەلدى.“

ئىلھام توختى ئەپەندى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ:

”شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى پارتكوم ھەم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىدارىلەرنىڭ رەھبەرلىرى. ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى خەنزۇمىللىتىدىن تەركىب تاپقان. بۇ شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر تۈزۈمى، ھەرقانداق ئاممىۋى تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشىغا رۇخسەت يوق. ئىلگىرى مۇشۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق، بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. رايوندىكى ئاخبارات، مەتبۇئاتلار، ھەرقايسى جەمئىيەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلىرىنى تۇتقۇچىلار يەنىلا خەنزۇلار. بۇ ئورگانلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ھەم ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇشى ھەم قوللىشى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن. 60 يىل جەريانىدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى نۆۋەتلىك رەئىسىدىن باشقا قالغان رەئىسلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ رەئىسلىرىنىڭ ھەممىسى مەركىزى ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ھەم ئۇزۇن مەزگىللىك كۆزىتىش ھەم تەربىيىلەشتىن ئۆتكەن، سادىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى كىشىلەر. خەنزۇلاردىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالغان.“

ئىلھام توختى ئەپەندى 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسىدىكى ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

”2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت شىنجاڭغا ئەڭ زور كۆلەمدىكى تەتقىقاتچىلار قوشۇنىنى ئەۋەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ ھەقتە بەس-بەستە خەۋەر بېرىشتى. شۇڭا بېزىلەر جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراشتى. ئەمما، مەن ئۇنداق قارىمايمەن. مېنىڭچە، ھازىر رايوندا « ۋاڭ تەرەپدارلىرى » بىلەن ئىسلاھاتچىلار تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا كۈچ سېلىشتۇرمىسى بولغاندىن باشقا، خەنزۇلارنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. چۈنكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خەنزۇلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق رايوندا سىياسەت يۈرگۈزۈش ھەم رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىدېئولوگىيىسى ئۆزگەرگىنى يوق.“

ئىلھام ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:

”مەركىزى ھۆكۈمەت ئۈزلۈكسىز ھالدا بىڭتۇەننى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بۆلۈپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ياردەم بېرىش نامىدا يەر ھەم بايلىقلارنى تەقسىم قىلىۋاتىدۇ. «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نامىدا پىلانلىق تەشكىللىك ھالدا زور كۈچ بىلەن خەنزۇتىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇۋاتىدۇ. گەرچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئىشسىز،ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن ياشلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، شىنجاڭغا ياردەم نامىدا يەرلىكتىن ئېلىنىدىغان بايلىقنىڭ بىر قىسمىنى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى پىلان ئىچىدىكى بىر تامچە سۇلا خالاس. چۈنكى بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ھەممىسى رايوندىكى خەنزۇمىللىتى ھەم يېڭىدىن كۆچۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلماقتا. پارتكوم سېكرېتارلىرى ھەم ھەرقايسى دەرىجىلىك ھوقۇقدارلىرى بۇ تەرەققىياتنىڭ پىلانلىغۇچىلىرى ھەم ئىجراچىلىرى. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، كەلگۈسىدە رايوندىكى ئىقتىسادى سەۋىيىنى كۆرسىتىدىغان ‹گ د پ › نىڭ ئېشىشىمۇ يەنىلا رايوندا ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان خەنزۇ مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ.“

2

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئىككى چوڭ مىللەت، يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خەنزۇلارنىڭ رايوندىكى سىياسىي سەھنە، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە تۇتقان ئورنى ھەم بۇ جەرياندا ئىككى مىللەت ئارىسىدا كېلىپ چىققان سۈركىلىش ھەققىدە توختالغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆزىدە بۇلتۇر 10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە بېيجىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ئەھۋالى ھەققىدىكى لېكسىيىسىدىمۇ بۇ مەسىلىلەرنى سۆزلىگىنىدە ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى.

« خەنزۇلاربىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىللە ياشاش جەريانىدىكى قاراشلىرى»

ئىلھام توختى ئەپەندى 3-دېكابىر كۈنىدىكى لېكسىيىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ كۆز قارىشىدىكى ئوخشىماسلىق ھەققىدە توختالغان. ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆز قارىشىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

”ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارمىللىي پەرقى تولىمۇ چوڭ بولغان ئىككى مىللەت. ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسلىق مىللەت، ئەمما خەنزۇمىللىتى بولسا جۇڭگودىكى ئاساسى نوپۇسنى تەشكىل قىلىدىغان مىللەت. ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى تولىمۇ مۇرەككەپ. ئۇيغۇرلار ئۆزىنى بۇ رايوننىڭ ئىگىسى، قانۇنىي جەھەتتىن مۇستەقىل ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە مىللەت دەپ قارايدۇ. خەنزۇ مىللىتىنى بولسا رايوندىكى كۆچمەن مىللەت دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئاپتونوم رايون دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقى ھەم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قانۇنى ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ھەم مائارىپى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتلىنىشى قوغدىلىشى كېرەك دەپ بىلىدۇ.“

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر زېمىنىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خەنزۇلارنىڭ قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ھالبۇكى رايوندىكى خەنزۇ مىللىتى بولسا خەنزۇ مىللىتى جۇڭگودىكى ئاساسى مىللەت دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بۇ زېمىنغا نۇرغۇنلىغان خەنزۇكۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈردى. بۇ خەنزۇكۆچمەنلىرى بۇ يىللاردا رايوندا زور دەرىجىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، ھەتتا رايوندا ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقتى. ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ئۇلار بەلگىلىگەن قائىدە ‏- نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك دەپ قاراشتى. ھالبۇكى، كۆچمەن خەنزۇلاربولسا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىتا ‘سىلەرنىڭ بەختسىزلىكىڭلار بىز خەنزۇ مىللىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مەسىلە بولسا كومپارتىيە ھەم ھۆكۈمەتكە دەڭلار’ دەيدىغان پوزىتسىيىدە بولدى. بۇ ئاددىي قانۇنىيەتنى كۆپچىلىك ھەممىسى ياخشى چۈشىنىدۇ، مەسىلە شۇ يەردىكى ھازىرقى تۈزۈم ئاستىدا بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدا باراۋەرلىككە ئېرىشىش تولىمۇ قىيىن. ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارقانداق شارائىتتا بىللە ياشىيالايدۇ؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە ھازىرغىچە كۆڭۈلدىكىدەك بىر يەكۈن چىقىرىلغىنى يوق. بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار60 يىل بىللە ياشىدى، لېكىن رايوندىكى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي مەسىلىلەر ئارىدىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە بولۇپ كەلدى، بۇندىن كېيىنكى يىللاردىمۇ بۇ مەسىلىلەر يەنىلا ئاساسى مەسىلە بولىدۇ ئەلۋەتتە!“

«مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى ھەم ئۇيغۇرلارنى چەتلەشتۈرۈش»

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدە جۇڭگودا مىللىي ئاپتونومىيىلىك تېررىتورىيە دەپ بەلگىلەنگەن ئۇيغۇر رايونىدا، بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق جەھەتتە رايوندىكى كۆچمەن خەنزۇ مىللىتى بىلەن باراۋەر قانۇنى ھوقۇققا ئىگە بولالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى چەتلەشتۈرۈش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ھازىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەرقايسى شىركەتلەر ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا بايلىقلارنى ئېچىۋاتىدۇ ھەم پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتالغانلار ئۆز زېمىنىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرۇلمىدى. نوپۇس بېسىمى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى ھەم مەمۇرى باشقۇرۇش قاتلاملىرىدىكى خەنزۇلاشتۇرۇش ئەمەلىيەتتە خەنزۇ مىللىتىنىڭ رايوندىكى ھوقۇقىنى كېڭەيتمەكتە. ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى پەقەت سىمۋول خاراكتېرلىك ھوقۇق بولۇپلا قالدى خالاس. مەمۇرى جەھەتتىن بۇ زېمىن يەنە خەنزۇ مىللىتى توپلانغان رايونلارغا تەقسىم قىلىندى. مەسىلەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، مەركەزگە بىۋاسىتە قارايدىغان سانائەت شەھەرلىرى قارىماي، مايتاغ دېگەندەك.“

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدە رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىبارسىز قارىلىۋاتقانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ”ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېتىبارسىز قالدى. ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەر بۇ تەرەققىياتتىن بەھرىمەن بولالمىدى. يەرلىك ھۆكۈمەت ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىز، زامانىۋىيلاشتۇرىمىز دېگەن ناملار بىلەن ئەسلىدىكى چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ئىگىلىكى رايونلىرىنى قىسقا مەزگىل ئىچىدە رايوندىكى بايلىقلارنى قېزىۋالىدىغان ئاتالمىش زامانىۋى تەرەققىيات رايونىغا ئايلاندۇردى.“

ئىلھام توختى ئەپەندى رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى ئۇلارنىڭ ئانا تىلنى قوللىنىش، مائارىپ ھوقۇقى، خىزمەت ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىدا ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ”رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەڭسىزلىككە ئۇچرىدى. مائارىپ قۇرۇلمىسىدا بىرنەچچە يىلدىن ئىلگىرىلا ئالىي مەكتەپلەردە خەنزۇتىلى ئومۇملاشتۇرۇلدى. ھەتتا يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى مائارىپ سىستېمىسى پۈتۈنلەي خەنزۇتىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپ قۇرۇلمىسىغا ئۆزگەرتىلدى. نەتىجىدە ئانا تىلىنى قوللانغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھۆكۈمەت ئىشلىرى ھەم ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنى ئىقتىساد، جەمئىيەت، سىياسىي پائالىيەتلەردە ھېچقانداق ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى يوق ھالەتكە كەلتۈردى.“

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەتلەشتۈرۈلۈشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىپادىسى ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ”مىللىي تېررىتورىيىدىكى بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى مەركىزى ھۆكۈمەت كونترول قىلماقتا. بۇ بايلىقلارنى ئېچىش ھوقۇقى ھېچقاچان يەرلىك خەلقنىڭ قولىغا ئۆتكىنى يوق. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مەنپەئەت شەخسلەر قولىغا مەركەزلىشىشكە يۈزلەنمەكتە. ھازىر گەرچە رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرمۇ بايلىقلارنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى بايلىقلارنى ئېچىشقا قىزىقىۋاتقانلار يەنىلا رايونغا يېڭىدىن كۆچمەن بولۇپ كېلىۋاتقانلار بولماقتا. ئۇيغۇرلار بۇ بايلىقلارنى ئېچىشقا قاتناشتۇرۇلمىدى، ئەكسىچە بۇ بايلىقلارنىڭ ئېچىلىشى ھەم ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر بەدىلىگە ئۇيغۇرلار ئۆز تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا، ئۆز مەدەنىيىتىنى قۇربان قىلماقتا. مانا بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى رايوندا ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارىلىۋاتقان يەرلىك مىللەتنىڭ ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت ھەم ئىجتىمائىي ئورۇن جەھەتتە چەتلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.“

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدە يەنە جۇڭگومەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرى، قۇرۇلمىسى، مىللىي سىياسىتى شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بېقىنىشىدىكى كونكرېت سەۋەبلەر، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ توختالغان

3

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدە يەنە   مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خاراكتېرى، قۇرۇلمىسى، مىللىي سىياسىتى شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بېقىنىشتىكى كونكرېت سەۋەبلەر، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ توختالغان.

«مەركىزى ھۆكۈمەت ھوقۇق مەركەزلەشكەن كۈچلۈك ھاكىمىيەت»

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆز لېكسىيىسىدە يەنە   مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدىكى ھەققىدىمۇ بىر قەدەر ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. ئۇ   مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خاراكتېرىگە باھا بېرىپ، « مەركىزى ھۆكۈمەت ھوقۇق مەركەزلەشكەن كۈچلۈك ھاكىمىيەت » دەيدۇ.

ئىلھام ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلايدۇ: ”نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ قانۇنىدا ھەرقايسى ئاپتونوم رايون، ئوبلاستلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەم مۇستەقىل تەرەققىياتىغا ھۆرمەت قىلىش بەلگىلەنگەن. مەركىزى ھۆكۈمەت دۆلەت دائىرىسىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولۇش بېكىتىلگەن. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى، ھەتتا ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن بەزى بەلگىلىمىلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەتتا ئىجرا قىلماسلىق ھوقۇقى بارلىقى تەكىتلەنگەن. ئەمما رېئال ئەمەلىيەت نەزەرىيە جەھەتتىن بەلگىلەنگەن قائىدە، پرىنسىپلار بىلەن ئوخشىمايدۇ. چۈنكى   مەركىزى ھۆكۈمەت ھوقۇق مەركەزلەشكەن بىر ھاكىمىيەت. بۇ ھۆكۈمەت قۇرۇلما جەھەتتىن زور بولۇپلا قالماستىن، قانۇن بەلگىلەش ھەم قانۇننى ئىجرا قىلىش ياكى قىلماسلىقنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ئالىي ھوقۇققا ئىگە ھاكىمىيەت. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەركىزى ھۆكۈمەت يەنە پۈتۈن دۆلەتنىڭ مالىيىسى ھەم باج سىستېمىسىنى كونترول قىلىدىغان بولۇپ، جايلاردىكى بايلىق مەنبەلىرىدىنمۇ بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە.“

«جۇڭگودا ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار مەركىزى ھۆكۈمەتكە شەرتسىز بويسۇنىدۇ»

ئىلھام توختى ئەپەندى   مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق بايان قىلىدۇ: ”جۇڭگودا ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇستەقىل ھالدىكى مالىيە ھوقۇقى يوق، چۈنكى كۆپلىگەن خام چوت پىلانى مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھېسابلىنىپ، بەلگىلىنىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەركەزگە بويسۇنۇشى مۇقەررەر. ئەگەر يەرلىك ئورۇنلار مەركەزگە بويسۇنمىسا، مەركەزنىڭ چارە كۆرۈشى تۇرغانلا گەپ. جۇڭگونىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسى مەركىزى ھۆكۈمەتكە ھوقۇق مەركەزلەشكەن دۆلەت بولغىنى ئۈچۈن، بۇ خىل تۈزۈم بىلەن مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئوتتۇرىسىدا ئەسلىدىنلا زىددىيەت مەۋجۇت. جۇڭگو  مەركىزى ھۆكۈمەتدە يەنە مىللەت ئامىلىمۇ نەزەرگە ئېلىنغان. يەنى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىجراچىسى بولغان كومپارتىيىگە رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇمىللىتىدىن.جۇڭگودا دۆلەت رەئىسى، باش مىنىستىرى ھەم ھەرقايسى مىنىستىرلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇمىللىتىدىن سايلىنىدۇ.“

«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پۈتۈنلەي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىشىدا»

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان بۇ زېمىننىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىشىدا ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ”ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگراسى ئىچىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دەپ ئاتالغان مەركىزى ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانمۇ ئەمەلىيەتتە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغان خەنزۇكۆچمەنلىرىدىن تەركىب تاپقان. مانا شۇنداق ئىكەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمەلىيەتتە خەنزۇلار رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن بىر يەرلىك ھاكىمىيەتلا خالاس. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، نەزەرىيە جەھەتتىن جۇڭگوكۆپ مىللەتلىك دۆلەت، مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلەتنىڭ ئاساسى تۈزۈمى دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي ھوقۇق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ئۆزى ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن يەككە تۈزۈلمە ئاستىدىكى دۆلەت.“

«جۇڭگونىڭ مىللىي سىياسىتىدە مىللەتلەر ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلمىدى»

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە چاقىرغان.

ئۇ لېكسىيىسىدە ئۆز قاراشلىرىنى ماركسىزم تەلىماتىدىكى «كومپارتىيە خىتابنامىسى» دىن نەقىل ئېلىش ئارقىلىق مۇنداق بايان قىلغان: ”ھازىر دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، تېررورچىلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە پۇرسەت ھەم بازار ھازىرلاپ بېرىۋاتقان مىللىي سىياسەت ھەم تەرەققىيات سىياسىتى ئۆزگەرتىلىشى كېرەك ئەلۋەتتە. ھاكىم مۇتلەقلىق ھەم چىرىكلىك ھەر ۋاقىت ئوتتۇرا ھەم تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. خەلق ئۆزىنىڭ بايلىقتىن بەھرىمەن بولۇش يولى ئېتىلىپ قالغانلىقىدىن، كىشىلىك ھوقۇق ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن چېغىدا، تېررور بازار تاپقان مەزگىل بولىدۇ. بىر قىسىم خەنزۇ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە، خەنزۇمىللىتى ئۇيغۇرلارغا ھەم تىبەتلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان شارائىتتا ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەر ئۇلارغا تەشەككۈر بىلدۈرۈشى كېرەك دەپ قارالماقتا. شۇڭا ئۇلار يەرلىك خەلقلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن خەنزۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلىقىنى ھەم خەنزۇمىللىتى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەيدۇ. ئەمما، بۇلار نۇرغۇن رايونلاردا كىشىلەرنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى بايلىقنى، ماددىي بايلىق ھەم بۇرمىلانغان ئەقلىي بايلىق، چىرىكلەشكەن ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەن بولسا كېرەك. بۇلار ماركس، ئېنگىلىسلار ئوتتۇرىغا قويغان كومپارتىيە خىتابنامىسىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھازىر بىز خەنزۇمىللىتىنى مۇستەملىكىچىلەر دېسەك ئانچە مۇۋاپىق بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھېس تۇيغۇسىغا ئېتىبارسىز قارىدى. ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئالمىدى.

«ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى سىياسىتى سەۋەب بولدى»

ھازىر ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاللىقاچان خەنزۇلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ھېقىقى ئاپتونومىيىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى. جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئاپتونوم رايونىدا تامامەن چەتلەشتۈرۈلدى. مانا ئەمدى ئۆز تۇپرىقىدىمۇ ناھايىتى تېزلىكتە ھېقىقى ھالدىكى ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇلۇش تەقدىرىگە دۇچ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھېقىقى ھالدىكى باراۋەر، ئۆزىنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلگەن جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئاسان ئەمەس. 14- مارت، 5- ئىيۇل ۋەقەسىدەك ۋەقەلەردىن كېيىن، جەمئىيەتشۇناسلار جۇڭگوكومپارتىيىسىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتى ۋەيران بولدى دەپ قاراشماقتا. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە يەنە 2-3 يىل ياكى 10 يىللاردىن كېيىن شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟“

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ مەسىلىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ”ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت، باستۇرۇش، قورقۇتۇش ھەم ئالداش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، مەنپەئەتدار گۇرۇھنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ، باشقا مىللەتنىڭ ئەسلى ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قانائەتلەندۈرۈشى، ھەرگىزمۇ رايوندىكى تىنچلىقنىڭ كاپالىتى ئەمەس. ئۇيغۇرلار مەڭگۈ بۇ خىل ئاجىز ھالەتتە تۇرۇۋېرىشكە قانائەت قىلمايدۇ، ھالبۇكى ئۆزىگە قارىتىلغان بۇ خىل تەڭسىزلىك سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، دەۋرلىك ھالدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي قارشىلىقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.“

«جۇڭگو ھۆكۈمىتى مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى زۆرۈر»

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدىمۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ: ”مەن ئىلگىرىكى لېكسىيىلىرىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودىكى خەنزۇمىللىتىدىن يىراق تۇرىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ھەتتا غەرب ئەللىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىقىنى بايان قىلغان ئىدىم. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت مىللىي ئويغىنىش ھەم دىنىي جەھەتتە ئويغىنىش دەۋرىدە تۇرماقتا. بۇ خىل رېئال ۋەزىيەت ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئورنىغا نىسبەتەن قايتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ“ دەيدۇ.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ھەم ھۆكۈمەتكە بولغان تەلىپىنى مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن ئاياغلاشتۇرىدۇ: ”مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش قەدىمدىن تارتىپلا چوڭ مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى شىنجاڭ ھەم تىبەت مەسىلىسى قانداق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ؟ بىز ئادەتتىكى ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جۇڭگوكوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما، بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز، پەقەتلا ھۆكۈمەتتىن باراۋەرلىك ھەم ئادىللىق تەلەپ قىلىش.“
http://www.ejdad.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=983

Share
2197 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.