logo

trugen jacn

شىرئەلىجان بىلەن قىرانبەك دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى

±à¼­²ß»®£ºÖйúÄÐÀºµÚÈýÅú¶ÓÔ±¼¯ÑµÃûµ¥¹«²¼ Ò×½¨Áª¡¢µÔÏþ´¨¡¢Î÷ÈÈÁ¦½­ÁìÏÎ

±à¼­²ß»®£ºÖйúÄÐÀºµÚÈýÅú¶ÓÔ±¼¯ÑµÃûµ¥¹«²¼ Ò×½¨Áª¡¢µÔÏþ´¨¡¢Î÷ÈÈÁ¦½­ÁìÏÎ

سىنا تەنتەربىيە تورىنىڭ 3-مارت بەرگەن خەۋىرى؛ 2014 – يىلى 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 10 – ئاينىڭ 3 – كۈنىگىچە كورىيىدەكورىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى ۋە 2016 – يىلى بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ 3 – تۈركۈمدە يىغىپ مەشىقلەندۈرۈلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار جەي شىياۋچۈەن، جىجى، ۋاڭ شىياۋخۇي ( بېيجىڭ )، يى جىيەنلىيەن، لىيۇ شىيايۈ، جۇ پىڭ، گاۋ شاڭ ( گۇاڭدۇڭ )، لى موخاۋ، خې جۇڭمىيەن ( دوڭگۇەن )، شىرئەلىجان، قىرانبەك ( شىنجاڭ ) قاتارلىقلار. بىيجىڭ كوماندىسىدىن سۈن يۈ ۋە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن ۋاڭ شىپىڭ، جۇفاڭيۈ، چىڭ جاڭخۇا قاتارلىق دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ پىشقەدەم ئەزالىرى تىزىملىك ئىچىگە كىرمىگەن.
ئىلگىرى تاراتقۇلار دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ 52 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، بۇ 52 كىشلىك تىزىملىك ئىچىگە سۈن يۈ، ۋاڭ شىپىڭ قاتارلىقلار كىرگەن، بىراق ۋاڭ جېجى، جۇ فاڭيۈ، چېن جاڭخۇا، دىڭ جىنخۈي قاتارلىق تۆت نەپەر لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەركەتچى تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى.
بۇ قىتىم ئىلان قىلىنغان يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىگىگە، بىرىنچى تۈركۈمدە ئىلان قىلىنغان جۇچىنى قوشقاندا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن شىرئەلىجان مۇختەر، قېرانبىك، جۇچى قاتارلىق ئۈچ نەپەر تەنھەركەتچى ھازىرغىچە ئىلان قىلىنغان 37 نەپەر تەنھەركەتچى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ يىغىلىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىگىگە تاللاندى. بۇلار 10-مارت بىيجىڭ ۋاختى 00؛16 دىن ئىگىرى بېيجىڭغا بېرىپ ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ.
بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى ئۇغلانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر ۋە قىرغىز يىگىتى قىرانبەكنىڭ بۇ قىتىملىق دۆلەت كوماندىسى سەپىرىگە ئاق يول تىلەيمىز……………

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.phpبۇ

Share
2312 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.