logo

trugen jacn

شىجىنپىڭ، يېڭى زىللاندىيىدىكى تەرورىست قەتلىئامنىڭ قاتىلىنى نىمىشكە تەرورىست دىيەلمىدى؟

Ä°lgili resim

مەھمەتىمىن ھەزرەت

15 مارت جۈمە كۈنى يېڭى زىللاندىيىدە 50 مۇسۇلماننى جۈمە نامىزىدا رۇكۇغا كېتىۋاتقان مىنۇتتا ئارقىسىدىن ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن ئاۋۇستىرالىيەلىك قاتىل  برەنتون تاررانت<Brenton Tarrant> نى ئاۋىسىترالىيە [1]باش مىنىستىرى  سكوتت موررىسون <Scott Morrison> يېڭى زىللاندىيە باش مىنىستىرى جاكىندائاردەم <Jakinda Ardem>… قاتارلىق بىر مۇنچە دۆلەت رەھبەرلىرى <رادىكال تەرورىست>، قاتىللىق ھەركىتى  دەپ ئاتىدى ۋە قاتتىق تەنقىد قىلىدى. بىراق مۇسۇلمان قاتىلى برەنتون تاررانتنى <قاتىل> دىيىشكە تىلى بارمىغان، يېڭى زىللاندىيەگە 15. مارت كۈنى ئەۋەتكەن تەزىيە تىلگىراممىسىداقاتىلنى ھىچ ئەيىپلىمىگەن دۆلەت رەئىسى كىم بىلەمسىز؟ خىتاي دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭ. شىنىڭ تەزىيە تىلگىراممىسىنىڭ تىكىستى تۆۋەندىكىچە،[2]< يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرستچېرچ شەھىرىدە ئېغىر ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈرىمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن.>
شىجىنپىڭ، ۋەھشى تېرورلۇق قەتلىئامىنى ،تېرو ۋەقەسى دېيىشتىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئېغىر ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى، دەپ ئاتىغان.  ۋەتەندە يانچۇقىدىن بىر قەلەمتىراچ پىچاق تېپىلغان بىر ئۇيغۇرنى ھېچقانداق گۇناسى يوقلىقىغا قارىماي <تەرورىست> جىنايىتى بىلەن دەرھال تۇتۇپ قولغان ئېلىشقا بۇيرۇق بەرگەن مۇسۇلمان قاتىلى شىجىنپىڭنىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قاتىلى بولغان برەنتون تاررانتغا كۆڭۈلدىن ھىسداشلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

يېڭى زىللاندىيەدىكى قەتلىيام خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسىنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرىشى مۇمكىن.  چۈنكى بۇ قاتىل جۈمە كۈنى 2 جامىدا ئىبادەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ئوققا تۇتۇشتىن بۇرۇن ئىجتىمالى’ئى تاراتقۇلاردا 74 بەتلىك خىتاپنامە ئېلان قىلغان بۇلۇپ، بۇ خىتاپنامىدا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىنى مۇسۇلماندىن تازىلاش ئىدىيىسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. تارىختا مۇسۇلمانلارنى كوللىكىتىپ ئۆلتۈرۈشتە شۆھرەت قازانغان قاتىللارنىڭ ئىسمىنى قەھرىمان سۈپىتىدە ئاپتۇماتقا ۋە ئوق قاچىلاش دىسكىغا يازغان. يېڭى زىللاندىيەدىكى بۇ قەتلىيام بىر تەرور تەشكىلاتىنىڭ پىلانلىق،پروگراملىق ئەلىپ بېرىلغان قاتىللىق ھەركىتىنىڭ باشلىنىشىدۇر. بۇ قاتىللىق تەشكىلاتىنىڭ <ئىراق- شام ئىسلام دۆلىتى> تەشكىلاتىدىن پەرقى يوقتۇر. شىجىنپىڭنىڭ، قاتىلنى قاتىل، قاتىللىق جىنايىتىنى بولسا قاتىللىق جىنايىتى دېمەسلىكنىڭ سەۋبىمۇ مانا مۇشۇ يەردە. ئۇيغۇر مىللىتى تېخىمۇ تەدبىرلىك بولىشى كېرەك.

yeni zelanda da katliam ile ilgili görsel sonucu

مەنبە:

1.新西兰清真寺枪击案凶嫌出庭,澳总理称他极端主义右翼暴力恐怖分子

2. شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرستچېرچتىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى زېلاندىيە باش ۋالىيسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

http://uy.ts.cn/system/2019/03/16/035602769.shtml
Share
3905 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.