logo

trugen jacn

شىئەلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

بىلىمخۇمار

 

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى

        مەن ئۇزۇن مۇددەت چەت ئەلدە ياشاش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشنى ھېس قىلدىم: مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادى ئەڭ سەمىمىي، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئىتائەت قىلىشى ئەڭ كۈچلۈك، ۋە ئۆز-ئارا بىرلىكنى ساقلىشى ئەڭ ياخشى مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى سۈننىيگە تەۋە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە دىنىي ئەقىدە جەھەتتە شىئەگە تەۋە كىشىلەر ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭلاشقا مېنىڭ بۇ ماقالىغا يۇقىرىقىدەك تېمىنى تاللىشىم بىر قىسىم قېرىنداشلارغا سەل نورمالسىزلىقتەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. مېنىڭ مەزكۇر تېمىنى تاللىشىمدىكى سەۋەب مۇنداق: گەرچە ئۇيغۇرلار بىرلا دىنىي ئەقىدىگە تەۋە بولسىمۇ، ئۆزلىرىنى ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن ئىسلام رەسمىيەتلىرىنى تەڭ ئېلىپ ماڭغان ھەقىقىي مۇسۇلمان، دەپ ھېسابلايدىغانلارنىڭ ئېتىقاد دەرىجىسىدە خېلى زور پەرقلەر بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى تايانچى كۈچ بولۇش رولىنى ئويناۋاتقان ئوقۇغان قېرىنداشلار ئىچىدە ئۆزىنى بىر مۇسۇلمان ھېسابلايدىغان، ئۆزىدە بىر خىل ئەقىدە ساقلايدىغان، ئەمما ئىسلام رەسمىيەتلىرىنى ئۇنچىۋالا تولۇق ئورۇنلاپ كەتمەيدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس. گەرچە بۇنداق كىشىلەر مۇسۇلمانلىقنىڭ ھەممە ئۆلچەملىرىگە تولۇق يەتمىسىمۇ ، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ھەمدە سانىنىڭ خېلى كۆپلۈكى ھازىرقى بىر خىل ئەمەلىيەت. ھازىر بىز دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى يۇقىرىقىدەك ئوخشىمىغان ياشاش يولىنى تاللىغان قېرىنداشلار بىر-بىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدۇر. مەن ئۆزۈمنىڭ «دىن ۋە زامانىۋىلىق» دېگەن ماقالىسىدە «تەنقىد» ئۈستىدە بىر ئاز توختىلىپ، ئاشۇ بىر ئىشقا نىسبەتەن ياسىر قازى بىلەن ئۆزۈمنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. ھەمدە مەن ئۇ مەزمۇن چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ تەنقىدنى قانداق يولغا قويسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاڭ-سەۋىيىسىنى بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما تورداشلارنىڭ ئۇ ماقالىدىن كېيىنكى ماقالىلەرگە ئىنكاس ياكى تەنقىد يېزىش ئەھۋالىدىن ئۇنداق بىر يۈكسىلىشنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلالمىدىم. ئۇغۇ بوپتۇ. مەن سەل قوبۇل قىلالمىغان بىر ئەھۋال شۇكى، بىر قىسىم قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ بىر مۇسۇلمان ياكى ئەخلاق ئىگىسى بولۇشىغا ماس كېلىدىغان بۇرچى ياكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپلا قالماي، بەزىدە پەقەت ئاللاھقىلا تەۋە بولغان ۋەزىپىلەرنىمۇ قوشۇپ ئورۇنلاشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىكەن. يەنى، بەزى قېرىنداشلار ھېچ قانداق ئەيمەنمەستىن «مۇنداق، مۇنداق قىلساڭ جەننەتكە كىرەلمەيسەن»، ۋە «مۇنداق، مۇنداق قىلساڭ دوزاخقا كىرىسەن»، دەيدىكەن. باشقىلاردىن ناھەقلىققا ياتىدىغان سوئاللارنى سورايدىكەن. ھەمدە خېلى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزى ئىشىنىدىغان ئىدىيىنى باشقىلارغا مەجبۇرى تاڭىدىكەن. ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامدا چەكلەنگەن، ياكى تەشەببۇس قىلىنمىغان ئىشلاردۇر.
شۇڭلاشقا مەن بۇ ماقالىدا ياسىر قازىنىڭ شىئە مۇسۇلمانلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلىگەن بىر لېكسىيىسىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. بۇ لېكسىيىنىڭ تېمىسى «شىئەلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋە ئۆچمەنلىك» (Violence & hatred towards Shi’a) بولۇپ [1]، ئۇنى ياسىر قازى 2013-يىلى 1-سېنتەبىر كۈنى سۆزلىگەن. بۇ لېكسىيىنىڭ تور ھۆججىتىدىن مەن ياسىر قازىنىڭ بۇ لېكسىيىنى قەيەردە سۆزلىگەنلىكىنى بىلەلمىدىم. ئۇنىڭ سىن ھۆججىتىدىن قارىغاندا بۇ لېكسىيە سۆزلەنگەن زالدا كەم دېگەندە بىرەر مىڭ ئادەم بار ئىكەن. مېنىڭ بۇ قېتىم مەزكۇر لېكسىيىنى تاللىشىمدىكى مەقسىتىمنىڭ بىرى ئوقۇرمەنلەرگە شىئە مۇسۇلمانلىرىغا بولغان توغرا مۇئامىلىنى بىلدۈرۈپ قويۇش. ئەمما مەقسىتىمنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولسا، ئوقۇرمەنلەرگە ئىدىيىسى ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشنىڭ توغرا يولىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت.
مەن بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا پەقەت ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسىدىكى مەزمۇنلارنىلا تونۇشتۇرىمەن. ئەگەر ئۆز پىكرىمنى قوشۇپ قويۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنى «ئىلاۋە» شەكلىدە كىرگۈزىمەن. 
تۆۋەندىكىسى ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسىدىكى مەزمۇنلار.

1. شىئەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بىلىشكە تېگىشلىك 5 نۇقتا

      ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ساھابىلەر، يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرى مەسىلىسىدە تارىختىن بۇيان ئىككى خىل ئىدىيە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ بىرى ساھابىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ياخشى ياكى ئەڭ ياخشى كىشىلەر، دەپ قارايدۇ. ئۇلار ساھابىلەرنى سۆيىدۇ، ھەمدە ساھابىلەرنى سۆيۈشنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارايدۇ. 
       بىز يەنە بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلىمىز. ئۇلار «ساھابىلەر ئۇنى قىلغان، ساھابىلەر بۇنى قىلغان. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى توغرا يولدىن چىقىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بويسۇنمىغان»، دەيدۇ. ھەمدە بىر قىسىم ساھابىلەرنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى خوتۇنلىرىنى ئەيىبلەشنى ئۆز دىنىي ئېتىقادىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارايدۇ.
بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ 
(1) ئۆينىڭ ئىچىدىكى بۇ پىل (elephant) نى كۆرمەسلىككە سېلىشقا بولمايدۇ. بۇ پىل مەۋجۇت ئەمەس، دېگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا بولمايدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن، بۇ بىر ئاسانلا ھېسسىياتنى قوزغايدىغان سەزگۈر مەسىلە. بۈگۈن ھەممىمىز بۇ يەرگە جەم بولۇپ، بىر ئاممىۋى سورۇندا مۇشۇنداق بىر مەسىلە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتىمىز. بىز پەقەت مۇشۇنداق توپلىشىپ سۆھبەتلىشىشكە جۈرئەت قىلىش ئارقىلىقلا، بۇنىڭدىن كېيىن ئالغا قاراپ ماڭالايمىز. بىز بۇ مەسىلىنى كۆرمەسكە سالساق بولمايدۇ. بىز ئۇ توغرۇلۇق سۆزلىشىشىمىز كېرەك. 
(2) بىز ھەممىمىز مۇنداق بىر نەرسىگە قوشۇلىمىز: تېئولوگىيە ياكى ئەقىدە جەھەتتە بىزنىڭ بىر-بىرىمىزدىن قانداق پەرقلىنىدىغانلىقىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئىسلام، قۇرئان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەرگىز ئۆزىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئەقىدىگە ئەگەشكۈچىلەرگە جىسمانىي جەھەتتىن زوراۋانلىق قىلىش (physical violence) نى قوبۇل قىلىپ باققان ئەمەس. مەن شۇنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئېنىق جاكارلايمەنكى، مەن بىر سۈننى مۇسۇلمان. مەن ئۆزۈمنىڭ بىر سۈننى مۇسۇلمان بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. مەن بىر تېئولوگىيەشۇناس. مەن بىر ئىسلام تېئولوگىيە مۇتەخەسسىسى. مەن سۈننى تېئولوگىيىسىنى دەرس قىلىپ ئۆتىمەن. مەن مەسچىتلەردە سۈننى تېئولوگىيىسى توغرىسىدا تەلىم بېرىمەن. ھەمدە مەن سۈننى تېئولوگىيىسىگە ئىشىنىمەن. مەن شىئەزم ۋە شىئە تېئولوگىيىسىگە قوشۇلماسلىقىم مۇمكىن. ئەمما مەن ھەر قانداق بىر سۈننى مۇسۇلماننىڭ بىرەر شىئە مۇسۇلمانىغا جىسمانىي جەھەتتىن زەخمەت يەتكۈزۈشىگە، ياكى بىرەر شىئە مەسچىتىنى پارتلىتىۋېتىشىگە قوشۇلمايمەن. ئۇنداق قىلىشىغا مەڭگۈ قوشۇلالمايمەن. مېنىڭ ئۆز ئەقىدەمنى، ئۆزۈم ئىشىنىدىغان تېئولوگىيىنى قانچىلىك قاتتىق سۆيۈشۈمدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ مېنىڭ ئەقىدەمنى باشقىلارغا مەجبۇرى تېڭىشىغا قارشى تۇرىمەن. مېنىڭ ئەقىدەمنى باشقىلارغا كالتەك بىلەن، قىلىچ بىلەن ياكى بومبا بىلەن تېڭىشىغا قارشى تۇرىمەن. سىزنىڭ نېمىگە ئىشەنگۈڭىز كەلسە، شۇنىڭغا ئىشىنىۋېرىڭ. سىزنىڭ نېمە تېما ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارغۇڭىز كەلسە، شۇ تېما ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىۋېرىڭ. ئەمما، باشقىلارنىڭ ئۆزى ئىشەنمەكچى بولغان نەرسىسىگە ئىشىنىشىگە يول قويۇڭ. 
(3) قېرىنداشلار: بۇ سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، مەسچىتتە تەلىم بېرىدىغان موللىلار، دىنىي زاتلار، ئۆلىمالار، ئاياتۇللالار، ھەممە مەزھەپلەرنىڭ زىيالىيلىرى مۇنداق بىر ئىشنى چۈشىنىشى كېرەك: زىددىيەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتى، ئورنى، ئاڭلىغۇچىلىرى، تىلى، ۋە ئۇسۇلى بار. زىيالىيلار بىلەن دىنىي زاتلار شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، گەرچە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلار باشقىلارنى زوراۋانلىق قىلىشقا ئۈندىمىسىمۇ، كىشىلەردىكى ئۆچمەنلىك ئوتىنىڭ ئۈستىگە ماي قۇيۇپ بېرىش، باشقىلارنى قۇترىتىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش، قىسمەن ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئەھۋال قىلىپ كۆرسىتىش، پاكىتلارنى بۇرمىلاشقا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن. قورال ئۇلارنىڭ قولىدا بولماسلىقى، ۋە قورالدىن ئوقنى ئۇلار ئۆزلىرى چىقارماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى، ئۇلارنىڭ تۆۋەندە ئولتۇرغان ئاڭلىغۇچىلىرى روھلىنىپ، ۋە مەدەت ئېلىپ، شۇنىڭ بىلەن چىقىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا زىيالىيلار بىلەن دىنىي زاتلارنىڭ ۋەزىپىسى يالغۇز ھەقنى سۆزلەشلا ئەمەس، بەلكى ئەقلىنى ئىشلىتىپ، ھەقنى تەڭشەشتىن ئىبارەت (tempering the truth with wisdom). قېرىنداشلار، مەن مۇنداق بىر ئىشنى ئىنتايىن ئېنىق دەپ قوياي: مەنمۇ ئۆز خاتالىقىمدىن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلىگەن. يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا، مەن ئۆزۈممۇ باشقىلارنى كۈشكۈرتىدىغان لېكسىيە ۋە نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن. مېنى تاكى بۈگۈنگىچە ۋىجدان ئازابى تارتقۇزۇۋاتقان سۆزلەرنى قىلغان ئىدىم. مەن ئۇ چاغدا كىچىك ئىدىم. ئۇ چاغدا 20-21 ياشلاردا بولغاچقا، مەن ئۆز-ئۆزۈمنى ئەپۇ قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. ئەمما، بۇنداق قىلىش مەن خاتالىق ئۆتكۈزگەن رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مەن ئۇ چاغدا پاكىتنى بۇرمىلىغان ھەمدە باشقىلارنى قۇترىتىدىغان سۆزلەرنى قىلغان ئىدىم. گەرچە مەن ئۇ چاغدا ئاران 21 ياشقا كىرگەن بولساممۇ، بۇ ئەھۋال مېنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگىنىمدىن ئىبارەت بىر ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مەن ئۇ قىلغانلىرىمغا ھازىر قاتتىق پۇشايمان قىلىمەن، ھەمدە مۇمكىن بولغان بولسا ئۇ چاغدا خاتا قىلغان ئىشلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغان بولسام، دەپ ئويلايمەن.
مېنىڭ بارلىق دىنىي زاتلارغا ۋە ئۆلىمالارغا دەيدىغىنىم، مۇسۇلمانلارغا قانداق تەلىم بەرسىڭىز بېرىڭ، نېمە توغرۇلۇق تەلىم بەرگىڭىز كەلسە شۇ توغرۇلۇق تەلىم بېرىڭ. ئەمما، ھەرگىزمۇ باشقىلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىك ھەققىدە تەلىم بەرمەڭ. زوراۋانلىق توغرىسىدا تەلىم بەرمەڭ. سىزگە ئەگىشىدىغان كىشىلەردىن بىرەرسىنىڭ باشقا بىرەر ئادەمگە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىگە سەۋەب بولىدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ. 
(4) مەن بىر تېئولوگىيەشۇناس، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ كەسپىنى ئىنتايىن قاتتىق سۆيىمەن. مەن ئۆزۈمگە ئوخشاش باشقا دىنىي زىيالىيلارنىڭ مۇنداق ئىشنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن: جەمئىيەتكە پايدىلىق بىرەر ئىش قىلىشتا، ئىسلام ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشىغا يول قويۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاشۇنداق ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. (مۇشۇ يەردە قۇرئان ياكى ھەدىستىكى بىر مەزمۇن ئەرەب تىلىدا نەقىل كەلتۈردى) توغرا ئىش قىلىش ۋە تەقۋادارلىققا كەلگەندە، ھەممە ئادەملەر چوقۇم ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئەسكى ئىش ۋە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئىشلاردا بولسا ھېچ كىم بىلەن ھەمكارلاشماسلىقى كېرەك. شۇڭا سىز قانچىلىك قاتتىق كونسېرۋاتىپ بولۇپ كېتىڭ، ئۆز ئەقىدىڭىزدە قانچىلىك قاتتىق ئەمەل قىلىپ كېتىڭ، سىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىڭىز نېمە بولسا بولسۇن، ھەممىمىز ئۈچۈن بىر ھەمكارلىشىش دائىرىسى (circle of cooperation) مەۋجۇت. بەزى ساھەلەردە، ۋە بەزى ئىشلاردا بىز چوقۇم باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ باشقىلار بىلەن بىر ساھەدە ھەمكارلاشقىنىمىز، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ھەممە ساھەلەردە ھەمكارلىشىشىمىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز نەزەر دائىرىمىزنى كەڭرەك تۇتۇپ، قورسىقىمىزنى كەڭرەك تۇتۇپ، مۇشۇنداق ئىشلارغا پەرقلىق ھالدا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. 
مەسىلەن، مەن ئۆزۈمنىڭ دادىسىنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرەي. دادام ئامېرىكىغا 1963-يىلى كەلگەن. 1960-70-يىللىرى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنى سۈننى ۋە شىئە دېگەندەك كىچىك گۇرۇپپىلارغا ئايرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. شۇڭا ھەممە مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار بىر يەرگە كېلىپ، تېكساس شتاتىنىڭ خيۇستون شەھىرىگە بىر مەسچىت سالغان. چۈنكى، ئەگەر ئۇ چاغدا 2 ئادەم بىر گۇرۇپپىغا، 3 ئادەم يەنە بىر گۇرۇپپىغا تەۋە بولۇپ تۇرۇۋالغان بولسا، بىرەر مەسچىت سېلىش مۇمكىن بولمايتتى. ئۇ چاغدا ھەممە ئادەملەرنىڭ ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلىشى زۆرۈر بولغانىدى. ئاشۇ زامان ۋە ئاشۇ ماكاندا، مۇسۇلمانلار بىر خىل ئاقىلانىلىكنى نامايان قىلىپ، بىرلىكتە بىر مەسچىتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. 70-يىللار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خيۇستونغا كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن سۈننىلەر بىلەن شىئەلەرنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىش ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. نەتىجىدە بۇ ئىككى گۇرۇپپا مۇسۇلمانلار بىر خوشلىشىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، بىر-بىرىنى چىرايلىقچە ئۇزىتىپ، ئايرىم-ئايرىم ئۆز يوللىرىغا ماڭدى. ئەمما، ئەگەر ئامېرىكىدا بىرەر كرىزىس يۈز بېرىدىكەن، ئەگەر ھۆكۈمەت شەرىئەتنى چەكلەيدىكەن، ئەگەر ھۆكۈمەت بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىرەر سىياسەت چىقىرىدىكەن، ئۇ چاغدا ئامېرىكىدىكى سۈننى ۋە شىئەلەرنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە كېلىشىگە، بىرلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ بىر مەسىلىدە پىكرىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ، ۋە بىزنىڭ مەسچىتلىرىمىز ئايرىم-ئايرىم بولسىمۇ، زۆرۈر پەيتلەردە بىز يەنىلا بىر-بىرىمىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ، بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. بەزى زامان ۋە ماكاندا بىز بىرلىكنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. بەزى زامان ۋە ماكاندا بىز بارلىق پەرقلىرىمىزنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بىر-بىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشىمىز، ھەرگىزمۇ بۇ پەرقلەرنىڭ نەزەرگە ئالغۇچىلىقى يوق دەرىجىدە كىچىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى بىزنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە دانا ئىكەنلىكىمىز، دەرەخنىلا ئەمەس ئورماننىمۇ كۆرەلەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىزنىڭ ئايرىم ئىشلارنىلا ئەمەس، پۈتۈن مەنزىرىنىمۇ كۆرەلەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. 

ھەزرىتى ئەلى تىكلىگەن ئۈلگە

      مۇشۇ جەھەتتە سۈننىلەر بىلەن شىئەلەرنىڭ ھەر ئىككىسى ئۈچۈن بىر ناھايىتى ياخشى ئۆرنەك بار. ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى ھەم كۈيئوغلى ھەزرىتى ئەلى (Ali Ibn Abi Talib) دىن ئىبارەت. بىز ھەممىمىز ئەلىنى ئۈلگە قىلىمىز. ئەلىنىڭ ھاياتىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقە بار بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ بىزنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ. بىز بۇ يەردە بىر ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىمىز. ئۇ چاغلاردا ئەگەر ئەلى قولىدا شەرەت قىلىپ تۇرۇپ بىر بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان بولسا، ھەممەيلەن ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلاتتى. نېمە بولدى؟ تۇنجى قېتىم بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئۈممەتلەردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇ گۇرۇپپا كىشىلەر «خاۋارىجلار»، دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار داۋاملىق ئىش تېرىپ تۇرىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر خىل غەلىتە ئەقىدىسى بار ئىدى. ئەلى بۇ كىشىلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتتى؟ ئەلى بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىنى سۆيەتتى. شۇڭا ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق ئىسلام ئەقىدىشۇناس، زىيالىي، ۋە دىنىي تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىبىن ئابباسنى تاللاپ، ئۇنى ئاشۇ خاۋارىجلارنىڭ قېشىغا ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە، ۋە ئۇلارنى ئۆز ئېتىقادىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ھەققىدە قايىل قىلىشقا ئەۋەتتى. ئىبىن ئابباس بېرىپ، ئۇ خاۋارىجلار بىلەن بىر مەيدان ئاممىۋى مۇنازىرە ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ نەتىجىسى نېمە بولدى، بىلەمسىز؟ مۇشۇ مۇنازىرىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇ خاۋارىجلارنىڭ 3 تەن بىر قىسمى ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى تونۇپ، خاۋارىجلاردىن ئايرىلىپ، ئەلىنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلدى. 
      قالغان 3 تەن 2 قىسىم كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ ھەممە مۇسۇلمانلار، ماۋۇ گەپنى ئوبدان ئاڭلاڭلار: قالغان 3 تەن 2 قىسىم كىشىلەرگە ئەلى نېمە دېدى؟ ئەلى ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار تاللىغان تېئولوگىيىدە چىڭ تۇرساڭلار، بىزنىڭ سىلەرنى ئۇنداق قىلماسلىققا زورلايدىغان ھوقۇقىمىز يوق. ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشى. بىز سىلەرگە تەلىم بېرىشكە تىرىشتۇق. بىز سىلەر تاللىغان تېئولوگىيىگە قوشۇلمايمىز. ئەمما، سىلەر ئۆز ئەقىدەڭلاردا داۋاملىق چىڭ تۇرساڭلار، ئۇنداقتا سىلەر پەقەت بىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئىش تۇتساڭلار، بىزمۇ سىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز. سىلەر پەقەت مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەي ئىش تۇتساڭلار، بىزمۇ سىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز. شۇنداقلا باشقا كىشىلەرنىڭ سىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىگىمۇ يول قويمايمىز. »
        ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ پەلسەپىسىگە بىزمۇ ئەمەل قىلىشىمىز، ھەمدە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. مەن باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسى ياكى تېئولوگىيىسىگە قوشۇلمايمەن، ئەمما مېنىڭ ئۆز ئەقىدەمنى ئۇلارغا مەجبۇرى تېڭىش ھوقۇقۇم يوق. قېرىنداشلار، ئۈممەتلەر ئارىسىدىكى بۇنداق پەرق 1000 يىل، 1200 يىل، ھەتتا 1400 يىل ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. سىلەر بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە بولغان ئۆچمەنلىكىمىز مۇشۇنداق پەرقلەرنى يوقىتالايدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟ ياق، ئىش ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ. بىز رېئاللىققا ئۇيغۇن ئىش تۇتمىساق بولمايدۇ. بىزنىڭ نېمىنى ئىستەيدىغانلىقىمىزدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق مەزھەپلەر ۋە بۇنداق گۇرۇھلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ھەممىمىز بىر پىكىر بىرلىكىگە كېلەلەيدىغان ئىشنى قىلايلى. ئۇ بولسىمۇ بۇ دۇنيانى بىر ياخشىراق ماكانغا ئايلاندۇرۇش. سوتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئاللاھ ئۆتىسۇن. سوتچىلىقنى ئاللاھ قىلسۇن (Let Allah be the Judge). بۇ دۇنيادا بىز بىر-بىرىمىزگە تەھدىت سالماسلىقىمىز كېرەك. بىر-بىرىمىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك. بىر-بىرىمىزنى ئۆلتۈرمەسلىكىمىز كېرەك. ئاشۇنداق روللارنى ئېلىش مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. مانا بىز بۇ دۇنيادا مۇشۇ ئىشتا بىرلىككە كېلەيلى. 
(5) گۇرۇھۋازلىق ئىشىدا بىز ھەممىمىز داۋاملىق بىر-بىرىمىزنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشتىن بىرى بار. ئۇ بولسىمۇ، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدىكى كۆرەڭلەپ كېتىش گۇناھىنى ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن ئىبارەت. مەن ئۆزۈمنىڭ تېئولوگىيىسى توغرا، دەپ ئويلىشىم مۇمكىن. ئەمما، مەن بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنى تېئولوگىيىسى مېنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئادەمدىن ئۈستۈن قويۇۋالسام بولمايدۇ. مەن تاللىغان تېئولوگىيە توغرا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن مۇكەممەل ئەمەس. بىز تېئولوگىيە بىلەن ئادەمنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. مەن بىر گۇناھكار بولۇشۇم مۇمكىن. مېنىڭ گۇناھىم كۆرەڭلەپ كېتىش بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئەقىدەم يەنە بىر كىشىنىڭكى بىلەن ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۇ كىشىدىن ئۈستۈن قويۇۋېلىشىم مۇمكىن. 
       قېرىنداشلار، ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى «ھەق يولدا مېڭىۋاتىمىز»، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر، ئەگەر مەنمۇ ئۆزۈمنى «ھەق يولدا مېڭىۋاتىمەن»، دەپ ئويلايدىكەنمەن، ئۇ ھالدا سىلەر بىلەن مەن ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق بىزگە چۈشۈرۈپ بەرگەن قۇرئاندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشىمىز، بىزنى كەمتەرلىك (humility) كە يېتەكلەيدىغان ھەققە ئەگىشىشىمىز، بىزنى ئاددىي-ساددىلىق (humbleness) قا يېتەكلەيدىغان ھەققە ئەگىشىشىمىز، بىزنى ناتوغرا ئەقىدە يولىدا ماڭغانلارغا قارىتا كۆرەڭلەپ كەتمەيدىغان يولغا باشلايدىغان ھەققە ئەگىشىشىمىز كېرەك. قېرىنداشلار، بىزنىڭ نېمىگە ئىشىنىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى بارلىق پەيغەمبەرلەر تەشەببۇس قىلغان «ئالتۇن قائىدە» (golden rule) غا ئىشەنسەك بولىدۇ. يالغۇز ئۇلا ئەمەس، بىز ئاشۇ «ئالتۇن قائىدە» گە ئىشىنىشىمىز كېرەك. بۇ قائىدىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: بىز باشقىلاردىن ئۆزىمىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئىستىسەك، بىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىر ئومۇمىي قائىدە. بۇ بىزدىن باشقىلارغا مېھرىبانلىق قىلىش ۋە باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان قائىدە. بۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىز ھەممىمىزنىڭ ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان قائىدە. 
ياسىر قازىنىڭ مەزكۇر لېكسىيىسى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

2. «ئالتۇن قائىدە»

يۇقىرىدا ياسىر قازى ئۆزىنىڭ لېكسىيىسىنى «ئالتۇن قائىدە» نى تىلغا ئېلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. مەن ئۆزۈمنىڭ 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يازغان «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن ماقالىسىنىڭ 8-قىسمىدا مەزكۇر قائىدىنى ئازراق تونۇشتۇرغان ئىدىم [2]. ئۇ ماقالىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەن ئاشۇ مەزمۇننى بۇ يەرگە كىرگۈزۈپ قويدۇم:

تۆت مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، كىشىلەر بىر «ئالتۇن قائىدە» نى باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق قائىدە، دەپ تەلىم بېرىپ كەلدى. ئەمما، گەرچە كىشىلەر بۇ پەلسەپىنى ئەخلاقلىق ئىش-ھەرىكەتنىڭ بىر توغرا قائىدىسى، دەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ روھىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ قانداق بىر قانۇنىيەتكە ئاساسلانغانلىقىنى چۈشەنمەي كەلدى. بۇ ئالتۇن قائىدىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

l        سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ.
l        سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىڭ.
l        سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق ئويلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلار توغرىسىدا ئاشۇنداق ئويلاڭ.

ئەگەر سىز مەزكۇر ماقالىنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى، يەنى، بىر ئادەمنىڭ ئوي-خىيالى ئاشۇ ئوي-خىيالنىڭ ماھىيىتى بويىچە رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنگەن بولسىڭىز، يۇقىرىقى ئالتۇن قائىدىگە ئاساس بولىدىغان قانۇنىيەتنى ئاسانلا ئاڭقىرالايسىز. يەنى، سىز باشقىلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئىش توغرىسىدا ئويلىنىشىڭىز ياكى تەپەككۇر يۈرگۈزۈشىڭىز كېرەك. شۇڭلاشقا سىزنىڭ باشقىلارغا بىرەر ئىشنى قىلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سىزگىمۇ ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر ئىنتايىن ياخشى مىسالىدۇر. يەنى ئالتۇن قائىدە بىلەن ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر نەرسىدىن ئىبارەت.

سىز يۇقىرىقى ئالتۇن قائىدىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ئەمما ئۇنىڭدىن بىر رەت قىلغىلى بولمايدىغان كۈچ سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ئۇنىڭسىز ئېرىشكىلى بولمايدىغان يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز.

باشقىلارغا ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش سىزنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلىرىڭىزنىڭ بىرى. ئەمما سىز مەزكۇر قائىدىنى چۈشەنسىڭىز، ئاخىرىدا باشقىلارمۇ سىزگە ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىز. بۇ قانۇنىيەت سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغان ئادالەتسىزلىكلەر بىلەن رەزىللىكلەرنىڭ ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىشى بىلەنلا توختاپ قالماي، سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر، ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. يەنى ئۇ سىز بۇرۇن قىلغان ئوي-خىياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسىنى سىزگە ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، سىز باشقىلارغا ئۇلارنىڭ ئۆزىڭىزگە قىلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىشلارنىلا قىلىپ قالماي، سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنى قانداق ئويلىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارنى ئاشۇنداق ئويلىشىڭىز كېرەك.

سىز باشقىلارغا قارىتا بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئۆز تەپەككۇرىڭىزدا ھاسىل قىلىسىز. ھەمدە ئاشۇ ئىشنىڭ يىغىندىسى، ئاساسى ۋە ماھىيىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاشۇ ئىش توغرىسىدىكى تەپەككۇرىڭىزنى سىرتقا تارقىتىسىز. سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا كىرگەن ئۇ نەرسىلەر سىزنىڭ ئۆز خاراكتېرىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىز ياكى تەپەككۇرىڭىزنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن ھالدا ئۆزگىرىدۇ.

مۇشۇ ئاددىي پرىنسىپنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، سىز نېمە ئۈچۈن باشقا بىر ئادەمنى ئۆچ كۆرسىڭىز ياكى ئۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى، سىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ئادالەتسىزلىك قىلغان كىشىلەردىن ئۆچ ئالسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا نېمە ئۈچۈن «يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش» كېرەكلىكىنىمۇ چۈشىنەلەيسىز. 

ئەگەر سىز ئالتۇن قائىدىگە ئاساس بولىدىغان قانۇنىيەتنى تولۇق چۈشەنسىڭىز، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بىرلا دوستلۇق رىشتىسى بىلەن ئەبەدىي باغلاپ تۇرىدىغان قانۇنىيەتنىمۇ چۈشىنىپ، مەيلى تەپەككۇر جەھەتتە بولسۇن ياكى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت جەھەتتە بولسۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى زەخىملەندۈرمەي تۇرۇپ باشقا بىر ئادەمنى زەخمىلەندۈرىشىڭىز قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىسىز. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سىز پۈتۈن ئىشتىياقىڭىز بىلەن قىلغان ھەر بىر تەپەككۇر ۋە ھەر بىر ئىش-ھەرىكەت سىزنىڭ ئۆز خاراكتېرىڭىزگە پايدىلىق يوسۇندا قوشۇلىدۇ.

بۇ قانۇنىيەتنى چۈشەنسىڭىز سىز قىلچىلىكمۇ گۇمانلانماي تۇرۇپ شۇنىمۇ بىلىسىزكى، باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر يامانلىقىڭىز ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىمۇ جازالايسىز، شۇنداقلا باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر ياخشىلىقىڭىز ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگىمۇ پايدا يەتكۈزىسىز.

3. زۇبەيىر قەمەرنىڭ ۋاھابى ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرى 

تورداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەن «سۈننى ئىسلامدىكى ۋاھابى ۋە سەلەفى ھەرىكەتلىرى» دېگەن ماقالىنى تەييارلاشتا پايدىلانغان ئاساسلىق مەنبە زۇبەيىر قەمەرنىڭ ماقالىسى ئىدى. ئۇ ماقالە «ئامېرىكا سۈننەت فوند جەمئىيىتى» نىڭ تور بېتىگە قويۇلغان بولۇپ، تېمىسى «ۋاھابىزم: رادىكال ئىسلامنىڭ يىلتىزى بىلەن ئۆرنىكىنى چۈشىنىش» ئىدى. مەن يېقىندا مۇنداق يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم: زۇبەيىر قەمەرنىڭ «ئامېرىكا سۈننەت فوند جەمئىيىتى» نىڭ تور بېتىگە قويۇلغان ماقالىسى ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئەسلىدىكى ماقالە 2006-يىلى يېزىلغان ئىكەن. ئاپتور ئۇ ماقالىنى ئۆزگەرتىپ ۋە تولۇقلاپ، 2014-يىلى 18-فېۋرال كۈنى ئۆزىنىڭ تور بېتىگە چىقىرىپ قويۇپتۇ [3]. ھەمدە ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىسى نەچچە ئونلىغان ئىنگلىزچە تور بەتلىرىگە كۆچۈرۈپ چىقىرىلىپتۇ. مەن ۋاھابى توغرىسىدىكى ماقالىنى يازىدىغاندا، ماڭا پەقەت ئۇ ماقالىنىڭ «ئامېرىكا سۈننەت فوند جەمئىيىتى» نىڭ تور بېتىگە قويۇلغان قىسقارتىلغان نۇسخىسىلا ئۇچراپ قالغان ئىكەن. ماقالىنىڭ ئەسلىدىكى نۇسخىسىدا مەن پايدىلانغان نۇسخىسىغا قارىغاندا خېلى كۆپ يېڭى مەزمۇنلار بار ئىكەن.  .  مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەندىكى 3 ئىشىنى قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم: (1) زۇبەيىرنىڭ ماقالىسىنىڭ كونا ۋە يېڭى نۇسخىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، مەن ۋاھابى-سەلەفى توغرىسىدىكى ماقالامدا پايدىلانغان مەزمۇنلاردا بىرەر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىمىدىم.  (2) مەن ھازىرغىچە زۇبەيىر قەمەرنىڭ «ئامېرىكا سۈننەت فوند جەمئىيىتى» بىلەن بىرەر مۇناسىۋىتى بارلىقى ياكى ئۇنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى ھەققىدە بىرەر ئۇچۇر ئۇچرۇتۇپ باقمىدىم.    مەن ۋاھابى توغرىسىدىكى ماقالىنى تورغا چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، زۇبەيىر قەمەر ۋە ئۇنىڭ تور بېتى ھەققىدە قېرىنداشلارغا ئۆزۈمنىڭ ئىنكاسلىرى ئارقىلىق خېلى كۆپ قوشۇمچە ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدۈم. شۇنداق بولسىمۇ بىر قىسىم قېرىنداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىكى زۇبەيىر قەمەرگە بېرىلگەن باھادا خېلى ئېغىر ئادالەتسىزلىك ۋە ناھەقلىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ. قېرىنداشلارنى زۇبەيىر قەمەر توغرۇلۇق تېخىمۇ تولۇق ۋە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ ئەسلىدىكى تولۇق نۇسخىسىدىكى ۋاھابى ۋە تېررورىزم ھەققىدىكى مەزمۇننىڭ بىر قىسمىنى بۇ يەرگە ئەينەن تەرجىمە قىلىپ كىرگۈزۈپ قويدۇم. مەن زۇبەيىر قەمەرنى تونۇمايمەن. ئۇنىڭ بىلەن ھېچ قانداق ئالاقەم يوق. مېنىڭ توردىن بىلگىنىم، ئۇ ئۆزىنى ئەھلى سۈننەنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلايدىغان، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى سۈننى ئىسلامنىڭ خەلقئارادىكى توغرا ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداشقا ئاتىۋەتكەن بىر كىشى ئىكەن. 

زۇبەيىر قەمەر ماقالىسىنىڭ مەن بۇ قېتىم تاپقان تولۇق تېكىستىدە «ۋاھابىلار بىلەن ئەھلى سۈننە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر» دېگەن بىر قىسىم بار بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىي 8 جەھەتتىكى پەرقلەر بايان قىلىنىپتۇ. ئۇ مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى مېنىڭ ماقالەمدە بايان قىلىنغان مەزمۇنلارغا ئوخشاپ قالىدىكەن. ئىنگلىزچىنى بىلىدىغان ئۇيغۇر دىنىي زىيالىيلىرىغا ئاشۇ مەزمۇننى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تۆۋەندىكىسى زۇبەيىر قەمەر ماقالىسىنىڭ 1-قىسمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئاز بىر قىسمى. ئۇ قىسىمنىڭ تېمىسى «ئارقا كۆرۈنۈشنى توغرىلاش: ۋاھابىلارنىڭ ھەممىسى تېررورىستچى ئەمەس، ئەمما بەزىلىرى شۇنداق» ئىكەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇن زۇبەيىر قەمەرنىڭ ماقالىسىدىن ئەينەن تەرجىمە قىلىندى:

«بىرىنچىدىن، مەن ۋاھابىزم ئۈستىدە يۈرگۈزىدىغان مۇلاھىزە ئەھلى سۈننە ئاساسىدا بولىدۇ. بۇ گېپىمنىڭ مەنىسى، ۋاھابىزم «سۈننى ئىسلام» دېگەن نىقاب بىلەن دىنىي ئەقىدە (doctrine) بىلەن ئىبادەت (worship) گە خاتا ھالدا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، مەن ئۇنى قوبۇل قىلالمايمەن. ئىككىنچىدىن، ۋاھابىلار ئىچىدىكى بىر قىسىم گۇرۇپپىلار ئەقىدە بىلەن ئىبادەت جەھەتتىكى پەرقلەر سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلارغا جىسمانىي جەھەتتىن زوراۋانلىق قىلىپ كەلدى، ھەمدە ئۆزلىرى «كاپىرلار» دەپ قارىغان ئەللەرگىمۇ زوراۋانلىق قىلىپ كەلدى. مېنىڭ تېررورىزمغا بەرگەن ئېنىقلىمام سۈننى ۋە شىئە پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋە قەستەنلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» 

(بۇ يەردىكى مەزمۇن قىسقارتىلدى)

ۋاھابىلارنىڭ كۆپىنچىسى سىياسەتتىن يىراق تۇرىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن تىنچلىقپەرۋەر كېلىدۇ، ھەمدە تېررورچىلىقنى قوللىمايدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە تېررورچىلىقنى ئەيىبلەيدۇ. بەزى زىيالىيلارغا ئوخشاش ئۇ ۋاھابىلارغا «تېررورچىلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرمەسلىك كېرەك. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بىز كۆپ ساندىكى ۋاھابىلارنىڭ تېررورىزمغا ئېتىراز بىلدۈرۈشىدىن پايدىلىنىپ، ۋاھابىزمنىڭ تېررورىزمنى تارقىتىدىغان سىياسىي ۋە مىلىتانت ۋارىيانتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بىر ئەھلى سۈننە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ۋاھابىلار بىلەن بولغان ئېتىقاد ۋە ئىبادەت جەھەتتىكى پەرقلىرىمىز، ھەمدە تىنچلىقپەرۋەر ۋاھابىلارنىڭ ئىككى-قۇتۇپلۇق ۋە بەزىدە رادىكال كۆز قاراشلىرىنى ئەپۇ قىلىۋېتىش بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنداق بولۇشىدىن ناھايىتىمۇ يىراق.

ئەمما، ھازىرقى تېخىمۇ مۇھىم مەسىلە تېررورىزم مەسىلىسى بولۇپ، ۋاھابىزم بىلەن باشقا شەكىلدىكى سەلەفىزمنىڭ مىلىتانت ئاشقۇنلۇقلىرىغا زەربە بېرىشتە، ئەھلى سۈننە ئىسلام بىلەن تىنچلىقپەرۋەر ۋاھابىلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلالايدۇ.

ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا، دىن بىلەن ئىدېئولوگىيىنىڭ ئاشقۇنلارچە چۈشەندۈرۈلۈشى تېررورىزمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان كۆپلىگەن ئامىللار ئىچىدىكى پەقەت ئىككى ئامىلدىنلا ئىبارەت. تېررورىزم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ساغلام ئانالىز تېررورىزمنىڭ سەۋەبلىرىنى ھەرگىز مۇشۇ ئىككى ئامىلغىلا چۈشۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك. »

زۇبەيىر قەمەرنىڭ ماقالىسىدىكى مەزمۇن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. مەن تورداشلاردىن مۇنۇ ئىككى جۈملە سۆزنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن: 

«ۋاھابىلارنىڭ كۆپىنچىسى سىياسەتتىن يىراق تۇرىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن تىنچلىقپەرۋەر كېلىدۇ، ھەمدە تېررورچىلىقنى قوللىمايدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە تېررورچىلىقنى ئەيىبلەيدۇ.» 

«ۋاھابىزم بىلەن باشقا شەكىلدىكى سەلەفىزمنىڭ مىلىتانت ئاشقۇنلۇقلىرىغا زەربە بېرىشتە، ئەھلى سۈننە ئىسلام بىلەن تىنچلىقپەرۋەر ۋاھابىلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلالايدۇ.» 

4. ئاخىرقى سۆز

      كۆپىنچە تورداشلارنىڭ ھازىرغىچە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىدەك، مەن ئۆزۈمنىڭ ۋاھابى ھەققىدىكى ماقالىسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىزچىل تۈردە قوشۇمچە ئۇچۇرلارنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ كېلىۋاتىمەن. بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب، تورداشلارنى توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، ھەمدە ماقالىنىڭ مەنبەسىنىڭ ئاپتورلىرىغا ناھەقلىق، ئادالەتسىزلىك ۋە ئۇۋال قىلىپ قويماسلىق. مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىم، تېھران گېزىتىدىكى مەزمۇن بىلەن زۇبەيىر قەمەرنىڭ ماقالىسىدىكى مەزمۇن ھەققىدە ياسىر قازىنىڭ پىكرىنى بىۋاسىتە ئېلىپ، ئۇنى تورداشلارغا ئەينەن يەتكۈزۈش. مەن مۇشۇ مەقسەت بىلەن ياسىر قازىغا ئىككى قېتىم ئۇچۇر يوللىدىم. ئەمما، ئۇنىڭدىن تېخى جاۋاب كەلمىدى. ئۇ بىر ئىمام، شەيخ، ئىككى ئالىي مەكتەپنىڭ پروفېسسورى، ۋە ئامېرىكىدا 21 شۆبىسى بار، چەت ئەلدە 10 دەك شۆبىسى بار بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولغاچقا، ھەمدە توختىماي ئۇ يەر، بۇ يەرلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەيدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ كۈنى بەك ئالدىراش ئۆتىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. ياسىر قازى مۇشۇ ئالدىمىزدىكى 11-ئاپرېل كۈنى نورۋېگىيىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى بىر مەسچىتكە بېرىپ، جۈمە نامىزىغا قاتنىشىدىكەن، ھەمدە بىر لېكسىيە سۆزلەيدىكەن. 
مەن ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاش جەريانىدا تېخى تۈنۈگۈن مۇنداق بىر ئىشنى بىلدىم: ئۇ ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەتقىقات ئىبىن تەيمىيەھ ئۈستىدە ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ لېكسىيىلىرىنىڭ بىرىدە ئىبىن تەيمىيەھنى تىلغا ئېلىپ، «ئىبىن تەيمىيەھ ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن داڭ چىقارغان» دېگەنگە ئوخشاش بىر جۈملە سۆزنى قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. مەن كېيىنچە ئۇ لېكسىيىنىڭ مەزمۇنىنىمۇ تونۇشتۇرىمەن. دېمەك، ياسىر قازى ئىبىن تەيمىيەھنى يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىق قىلغان بولغاچقا،ئۇ ئىبىن تەيمىيەھگە ئادىل ۋە ئىلمىي ھالدا باھا بېرەلەيدۇ، دەپ قارىساق، مېنىڭچە خاتالاشمايمىز .  مەن بۇ جەھەتتىكى ئىشلاردىن قېرىنداشلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىمەن.
ياسىر قازى ئامېرىكىنىڭ تېنىسى شتاتىدا، مەن بولسام كالىفورنىيە شتاتىدا بولۇپ، ئارىلىقىمىز بىر قانچە مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ ماڭا يېقىنراق يەردە بولغان بولسا، مەن ئۇنىڭ ھەممە لېكسىيىلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلاشقا تىرىشقان بولاتتىم. خۇدايىم بۇيرۇسا ماڭا ئۇنىڭ بىلەن بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىش نېسىپ بولار.
مەن كيىنكى بىر قانچە كۈن سەپەر ئۈستىدە بولىدىغان بولۇپ، مەن قېرىنداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئوقۇيالىساممۇ، سەپەردىن قايتىپ كەلگىچە ئۇ ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرالماسلىقىم مۇمكىن.  شۇنداقلا كېيىنكى يازما بىر ئاز كېچىكىشى مۇمكىن.  تورداشلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى سورايمەن.
قوشۇمچە مەزمۇن: زامان ئاخىرىنىڭ بىر بەلگىسى ھەققىدىكى يېڭى خەۋەر
2014-يىلى 2-ئاپرېل كۈنى ئەنگلىيىنىڭ مېدىيە شىركىتى BBC ئالىملارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بۇنىڭدىن 325000 يىل بۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ، كېيىن يوقاپ كەتكەن بىر خىل پىلنىڭ ناھايىتى چوڭ چىشىدىن بىرىنى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياسىر قازى ئۆزىنىڭ «Facebook» تىكى ئۇچۇر تېمىغا تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى چىقىرىپ قويدى. بۇ بىر قىزىقارلىق تېما بولغاچقا، بۇ خەۋەرنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلارغا ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ قويۇش مەقسىتىدە، مەن ئۇنى مەزكۇر ماقالىگە كىرگۈزۈپ قويدۇم:
«پەيغەمبىرىمىز (مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) مۇنداق پەرەز قىلغان: قىيامەت كۈنىنىڭ بەلگىلىرىنىڭ بىرى، ئەرەب زېمىنىنىڭ يېشىللىق بىلەن دەريالارغا قايتىشى (بۇنى ھەزرىتى مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ (Saheeh) ھەدىسىدە تەسۋىرلىگەن) بولۇپ، ئۇ زېمىن قەدىمكى بىر زامانلاردىمۇ شۇنداق ئىدى. ئەرەبلەر ئەرەب زېمىنىنىڭ قەدىمكى بىر زامانلاردا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تۈسكە ئىگە ۋە مۇنبەت تۇپراق بولۇپ، ئۇنىڭدا دەريالارنىڭمۇ مەۋجۇت بولۇپ باققانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولغاچقا، ئۇلار ئۈچۈن بۇ بىر ھەيران قالارلىق خەۋەر بولۇشى مۇمكىن. بۇ خەۋەر قەدىمكى بىر زامانلاردا ئەرەب قۇملۇقىنىڭ بىر كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان يېشىل ۋە زور مىقداردىكى سۈيى بار بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك، بۇ ئىشتا ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ئەلچىسى ھەقنى سۆزلىگەن.»
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Violence & hatred towards Shi’a. Dr. Yasir Qadhi, Sept. 1, 2013.
<https://www.youtube.com/watch?v=Hg6CTlIkNZU>

[2] بىلىمخۇمار، «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى». 2011-يىلى 2-يانۋار. 

[3] <http://zubairqamar.com/2014/02/1 … ism-and-terror/>

[4] Tusk clue to Saudi desert’s green past, April 2, 2014
<http://www.bbc.com/news/world-middle-east-26841410>

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-24300-1-1.html

Share
2373 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.