logo

trugen jacn

شوتلاندىيەلىك ناخشىچى جوئې ھامىلتون ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆزگىچە خاتىرىلىدى

0d9dc60b-d142-42b5-a136-2e906e76fa04

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

25-ئۆكتەبىر-يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىلھام توختىغا ئاتاپ تۇغۇلغان كۈنى كارتىسى ئەۋەتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ بايانات ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى. ئىلگىرى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ناخشىلىرى ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان شوتلاندىيەلىك ناخشىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جوئې ھامىلتون ئەپەندىمۇ ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى.

شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جوئې ھامىلتون ئەپەندى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن فېيسبوك ۋە يۇتۇبې تورلىرىغا 26-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى يوللىغان سىنئالغۇ فىلىمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىدە ئۆمۈرلۈك جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك ۋە ئادالەت تەلەپ قىلدى.

جوئې ھامىلتون ئەپەندى سىنئالغۇ فىلىمىدا، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ 25-ئۆكتەبىر يەكشەنبە تاڭ سەھەردىن كۈن پاتقۇچى پىيادە يۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەركىنلىكىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىلھام توختىغا ھەققانىيەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جوئې ھامىلتون ئەپەندى 25-ئۆكتەبىردىكى بىر كۈنلۈك پىيادە يۈرۈشىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، «مېنىڭ تۈنۈگۈن بىر كۈن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ پىيادە يۈرۈش قىلىشىم،25-ئۆكتەبىردىكى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈندۇر. مېنىڭچە، بىز ئەركىن دۇنيادىكى كىشىلەر تۈرمىدە بارلىق ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغان شارائىتتا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىلھام توختىنى ئەسلىشىمىز كېرەك. مەن تاڭ سەھەردىن كۈن پاتقۇچە داۋاملاشتۇرغان بىر كۈنلۈك يۈرۈشۈمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ چېلىش يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن بۇ قەھرىماننى ئەسلىدىم. بىر دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بالىلىرىدىن، ئايالىدىن، ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ ئەركىنلىكىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ گۇناھى نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەقلىرى ئۈچۈن سۆزلىگەن، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ھەق-ئادالەت تەلەپ قىلغان كىشىلەرنى تۈرمىلەرگە تاشلىشىغا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئېغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرىدۇ؟ بىز ئەركىن كىشىلەر، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى، خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبو قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟…….دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىدىم.» دېدى.

جوئې ھامىلتون ئەپەندى ئىلھام توختى، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ۋە غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەجبۇرى غايىب قىلىۋېتىلگەن ئوغلىنىڭ دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر ئانا پاتىگۈل غۇلام قاتارلىقلارغا ئاتاپ يازغان ناخشىلىرى بىلەنمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ناخشىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى. جوئې ھامىلتون ئەپەندى 25-ئۆكتەبىردىكى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر كۈنلۈك پىيادە يۈرۈشىدە يەنە ئۆزىنىڭ 2014-يىل 25-ئاپرېل ئىلھام توختى ئۈچۈن ئىجاد قىلغان «سەن ئۆيگە قايتقۇچە» ناملىق ناخشىسىنى گىتاردا ئورۇنلاپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان.

ئىزدىدىڭ بىز ئۈچۈن يېڭى بىر ھايات.
ئىگىلىمەس روھۇڭ ھەم غەيرىتىڭ بىلەن،
ئېرىشتىڭ ئەلئارا چەكسىز ھۆرمەتكە،
ئادالەت،مۇھەببەت ھەم سەۋرىڭ بىلەن.

مۇپتىلا بولدۇڭسەن قىيىن -قىستاققا،
ئىنسان ئىشەنگۈسىز ئازاب قىسمەتكە،
سېنىڭ پاك ۋىجدانىڭ، سەمىمىي روھۇڭ،
بەزى نامەرتلەرنى سالدى ھەسەتكە.

ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ كىرىپ كېلىسەن،
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ ھامان،
ئۈمىدتە، ئىشەنچتە كۈتىمىز سېنى،
روھىمىز، ئويىمىز سەندە ھەر زامان.

نۇر چاچتى ئەتراپقا پاك مۇھەببىتىڭ،
چىراغ، شام ياقىمىز كۈندۈز ۋە كېچە.
نامىڭنى ياد ئېتىپ يازىمىز كۆككە،
تاكى سەن ھۆر بولۇپ ئۆيگە كەلگۈچە…

جوئې ھامىلتوننىڭ ئىلھام توختىنىڭ 25-ئۆكتەبىر تۇغۇلغان كۈنىدىكى بىر كۈنلۈك پىيادە يۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ گىتار بىلەن ئورۇنلىغان ناخشىسى فېيسبوكتىكى ئۇيغۇر تورداشلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئىنكاس يېزىپ ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرنى قوللىغان جوئې ھامىلتون ئەپەندىگە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.

جوئې ھامىلتون ئەپەندى، فېيسبوك تورىغا يوللانغان ئىنكاسلاردىن تەسىرلەنگىنى ۋە تېخىمۇ جىق كىشىلەرنىڭ ئىلھام ئەپەندى ئۈچۈن سۆزلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئادالەت تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ،«ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ مېنى قوللىشىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. مەن پەقەت ئۆزۈم قىلالايدىغان ئىشنىلا قىلدىم. ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەت تەتقىقاتچىسى روفېسور ئېللىئوت سپېرلىڭ، تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوىسېر قاتارلىق خەلقئارادا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مېنىڭ يېقىن دوستلىرىم شۇنداقلا ئىلھام توختىنىڭ دوستلىرى، قوللىغۇچىلىرى. مەن ئۇلار ئارقىلىق ئىلھام توختىنى بىلدىم، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەر-ماقالىلەردىن ئىلھام ئەپەندىنىڭ قىلغان ئىشلىرى بىلەن تونۇشتۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قەلىمى بىلەن كۈرەش قىلغان، راست سۆزلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان بۇ قەھرىماننى خاتىرىلەش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش مېنىڭچە، ئازراق ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولغان ھەر بىر ئىنساننىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ۋە مەجبۇرىيىتى دەپ بىلىمەن. مەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ۋە ئەركىنلىك، دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنى ئىلھام توختىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10262015154656.html

Share
1146 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.