logo

trugen jacn

شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت جوئې خامىلتون ئىلھام توختىنىڭ بىر يىللىق تۈرمە ھاياتىنى خاتىرىلەپ ناخشا ئىجات قىلدى

b7d45b28-d547-4113-a7dd-38dc8c1ff2c9

شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جوئې خامىلتون ئەپەندى، 28-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بىر يىللىق تۈرمە ھاياتىنى خاتىرىلەپ، ئۇنىڭغا بېغىشلانغان يېڭى ناخشىسىنى يۇتۇب تورىغا قويدى.

مۇزىكانت جوئې خامىلتون ئەپەندى يەنە تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە تىبەت ھەرىكىتى قوللىغۇچىسى. ئۇ ئۆز ئىجادىيىتىدە خەلقئارادىكى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن نېلسون ماندالا، دالاي لاما قاتارلىق ئۆز خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان مەشھۇر ئەربابلارغا ئاتاپ كۆپلىگەن ناخشىلارنى ئىجات قىلغان.

ئۇ 2014-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ ناخشا ئىجات قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ 2014-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە، 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى تۇتقۇندا ئوغلى غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئانا پاتىگۈل غۇلام ۋە 2014-يىلى 1-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېغىشلاپ ئىجات قىلغان ناخشىسى، بۇ يىل 7-ئايدا 5-ئىيۇل تۇتقۇنلىرىغا ئاتاپ ئىجات قىلغان «2009-يىل 5-ئىيۇلدا» ناملىق ناخشىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەسىر قوزغاپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/shotlandiyelik-muzikant-09292015161801.html

Share
2029 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.