logo

trugen jacn

شايار ناھىيەسىدىكى مەسچىتلەردە خىتاي دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش تەلەپ قىلىنغان

29177280-06ba-43e3-aa8f-64b72f7b43a6
قۇتلان

يېقىندىن بۇيان ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدە يەرلىك ئۇيغۇرلارغا بولغان سىياسىي بېسىمنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى ھەتتا مەسچىتلەرگە خىتاي دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش تەلەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

شايار، توقسۇ ۋە ئاقسۇ شەھىرى ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان بىر ئۇيغۇر ياش يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەسچىتلەرگە مەجبۇرىي ھالدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ ئېسىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى:
«مەسچىتلەردە بىردەك بايراق ئېسىش تەلەپ قىلىنماقتا. خۇددى مەكتەپلەردە چوقۇم دۆلەت بايرىقى ئېسىش شەرت قىلىنغىنىدەك، مەسچىتلەرنىڭ ھويلىسىغا تۆمۈردىن تۈۋرۈك بېكىتىپ بايراق ئېسىلماقتا. بۇ ھەقتە مەخسۇس بەلگىلىمە چىقاردىمۇ-يوق، بىلمىدىم، ئەمما بىر كېچىدىلا مەسچىتكە بايراق ئاسىسەن، قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇيسەن دېگەندەك بۇيرۇقلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مەن ھازىر 5 ۋاق نامازنى ئۆيدە ئوقۇشقا مەجبۇر بولدۇم، پەقەت جۈمە نامىزىنىلا مەسچىتتە ئوقۇيمەن. نېمىشقا دېسىڭىز، بىرى، چەكلىمە كۆپىيىپ كەتتى، يەنى بىرى، ھەر قېتىم مەسچىتكە كىرسەك كىملىكىمىز تەكشۈرۈلىدۇ ۋە تىزىمغا ئالدۇرىمىز. خاتىرجەم ناماز ئوقۇغىلى ياكى تەبلىغ ئاڭلىغىلىمۇ بولمايدۇ.»

ئۇ، مەسچىتلەرگە بايراق ئاسىدىغان ئىشنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى شەرقىي 3 ناھىيەدە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنى باشقا ۋىلايەتلەردىن ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىكى بىردەك تەكشۈرۈلۈپ، تىزىمغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:
«شايار ناھىيىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۈزۈملىرى باشقا ناھىيەلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر جاي. بۇ يەر چېگرا رايون ئەمەس، لېكىن باشقۇرۇش تۈزۈمى چېگرا ناھىيەلەرگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە چىڭ. ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭ يەرلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش قىلىدۇ. مەسچىتكە بايراق ئاسىدىغان ئىشمۇ ھەممىدىن بۇرۇن شاياردا يولغا قويۇلدى. باشقا ۋىلايەتلەردە بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ باقمىدىم.»

ئۇ يەنە ھەرقايسى ناھىيەلەردىن ئاقسۇ شەھىرىگە قاتنايدىغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى، ھەتتا مېۋە ئاقلاشقا ئىشلىتىدىغان كىچىك قەلەمتىراچلارنىڭمۇ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى:
«ئاقسۇ شەھىرىگە كىرىدىغان ستېرېئولۇق كۆۋرۈكنىڭ قېشىدا ئاپتوبۇسلارنى تەكشۈرىدىغان پونكىت بار. ئۇ يەردە ئاپتوبۇسنىڭ ھەممە يېرىنى تەكشۈرىدۇ. تىغلىق ئەسۋابلارنى، ھەتتا مېۋە-چېۋە ئاقلاشتا ئىشلىتىدىغان كىچىك قەلەمتىراچلىرىمىزنىمۇ مۇسادىرە قىلىۋالىدۇ.»

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساقمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ يېقىندىن بۇيان كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى شاياردىكى جىددىي ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ شاياردىكى مەسچىتلەرگە بايراق ئېسىشنى بەلگىلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى:
«مەنمۇ يېقىندا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپتىم. شاياردىكى مەسچىتلەرگە بايراق ئېسىشنى تەلەپ قىپتۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا مەسچىتلەردىكى تائەت-ئىبادەتلەرنىمۇ قىزىل بايراق ئاستىدا باشقۇرىمىز دېگىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەسچىت سىياسىي سەھنە ئەمەس، بەلكى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي. مەسچىتكە بايراق ئېسىشنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىغىمۇ خىلاپ.»

ئۇ يېقىندا، شايار ناھىيەسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىتاي مۇئاۋىن ھاكىمىنىڭ بىر يىغىندا تۆۋەندىكى سۆزنى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:
«يېقىندا ئاڭلىشىمچە، شايار ناھىيەسىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىتاي ھاكىم سۆز قىلىپ، ناھىيە تەۋەسىدە بېشىغا ئۇزۇن ياغلىق سالىدىغان ياكى يۈزىنى ئورايدىغان بىرمۇ ئايالنى ياكى ساقال قويىدىغان بىرمۇ ئەر كىشىنى قالدۇرمايمەن دەپ جار ساپتۇمىش…»

ئاخىرىدا ئۇ، ئاقسۇنىڭ شەرقىي 3 ناھىيەسىنىڭ، بولۇپمۇ شايار ناھىيەسىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى سەزگۈر رايون بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئاقسۇنىڭ شەرقىي 3 ناھىيەسىنىڭ، بولۇپمۇ شايار ناھىيەسىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن شۇنچىلىك سەزگۈر بولۇپ كېتىشىنىڭ بىرمۇنچە سەۋەبلىرى بار. بىرىنچىدىن، شايار، توقسۇ ۋە كۇچا ناھىيەلىرىنىڭ يەرلىرى مۇنبەت، ئىلگىرى نۇرغۇن ئېشىنچا يەرلەر بار ئىدى. ھازىر بۇ يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىندى. يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنى بارغانسېرى تەسلەشتى. بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىككىنچىدىن، شايار قاتارلىق 3 ناھىيەدە تارىختىن بۇيان دىنىي ئېتىقاد كۈچلۈك، ئادەملىرى ئۆم، ئوقۇغان ئادەملىرى نىسبەتەن كۆپرەك جايلار ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي جەھەتتىكى بېسىم سىياسىتى ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر جەھەتتىكى بېسىم سىياسىتى بۇ جايلاردىكى خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى كۈچەيتكەن.»

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-05072014151227.html

Share
1778 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.