logo

trugen jacn

شاياردا گۇماندار مەمەت ئابدۇرېھىم «تېررورلۇق» پىلانى تۈزگەن ئەمەس، ئويلاشقىنى ئۈچۈن ئېتىۋېتىلگەن

d5c1a175-f1e1-4172-8bce-804a423b5981

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بىز تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا خىتاي ساقچىسى تۇرغۇنجان مامۇتنىڭ جىنايىتى ئايدىڭلاشمىغان گۇماندار مەمەت ئابدۇرېھىمنى قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن ئېتىۋەتكەنلىكى ۋە بۇ قىلمىشى سەۋەبلىك بازارلىق ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، گۇماندار مەمەت ئابدۇرېھىمنىڭ ئېتىۋېتىلگەنگە قەدەر ھېچقانداق بىر ۋەقە سادىر قىلمىغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن شايار بازارلىق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئېزىز توختى گۇماندار مەمەت ئابدۇرېھىمنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق» پىلانىنى تۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئويلاشقىنى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ۋە ساقچىنىڭ قولىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى پاش قىلدى.

خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ساقچى تۇرغۇنجان مامۇت بىلەن سۇڭ گۇەننەننىڭ گۇماندار مەمەت ئابدۇرېھىمنى ئېتىشتىن بۇرۇن ھاۋاغا ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما خەۋەردىكى تەپسىلات ۋە زىيارەت خاتىرىلىرىمىزدىن مەلۇمكى، مەمەت ئابدۇرېھىم ھېچقانداق بىر ۋەقەدە رول ئالمىغان، بىر ھەرىكەت پىلانىمۇ تۈزمىگەن، ساقچىلارغا قارشىلىقمۇ كۆرسەتمىگەن، يېنىدا تىغلىق ئەسۋابمۇ ساقلىمىغان، پەقەت جېنىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشقان. ساقچى تۇرغۇنجان مامۇتنىڭ ھاياتىغا ھېچقانداق تەھدىتمۇ شەكىللەندۈرمىگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ساقچى تۇرغۇنجان مامۇت شۇ كۈنى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت مۇكاپاتقا ۋە مەنسەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر جاننىڭ، بىر ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/shayar-saqchi-04152015132104.html

Share
1396 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.