logo

trugen jacn

شائىرنىڭ ئاخىرىقى يۈرەك سۆزى: دەرت تارتسا خەلقىم لەختە – لەختىمەن، شاد بولسا خەلقىم ئالتۇن تەختتىمەن

92c4aca1-ead4-440b-93aa-2f9628ec8da9

 قۇتلۇق

2014-u0911-qutluq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن كۆپ قىرلىق، مول ھوسۇللۇق شائىر ۋە دراماتورگ مەمتىلى زۇنۇن بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى يەنى 6 – سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا كۆپلىگەن غەزەل ۋە شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، ئۇندىن باشقا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن نۇرغۇنلىغان سەھنە ئەسەرلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىپ ئۇيغۇر درامىچىلىقىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلغان.

شائىرنىڭ «ئەخلاق – ئادەم زىننىتى»، «چالا تەككەن ئوق» قاتارلىق شېئىرلىرى،«قۇچاقلا! ئۇ، سېنىڭ داداڭ» ناملىق ھېكايىسى،«مەسلىھەت چېيى»، «جەنۇب شاماللىرى» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شائىر، دراماتورگ مەمتىلى زۇنۇن ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ كۆپلىگەن شېئىر، ھېكايە، دراما توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.

شائىر مەمتىلى زۇنۇن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن مەھمۇد قەشقەرى مەقبەرىسى ئالدىدا 1989-يىلى 19-ئوكتەبىر
شائىر مەمتىلى زۇنۇن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن مەھمۇد قەشقەرى مەقبەرىسى ئالدىدا 1989-يىلى 19-ئوكتەبىر

بىز بۇ قېتىم مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ھەمراھسى تاڭنۇر خانىمنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە، ئۇنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوقۇپ بەرگەن «دەرت تارتسا خەلقىم لەختە – لەختىمەن، شاد بولسا خەلقىم ئالتۇن تەختتىمەن» دېگەن شېئىرى بىلەن بىللە، شائىرنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم قەلەم تەۋرىتىپ ئۆز شىرەسىدە قالدۇرۇپ كەتكەن بىر قىسىم شېئىرلىرىنى تەقدىم ئەتتى ۋە شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا ئائىت بىر قىسىم مېھىرلىك ئەسلىمىلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/muhemmed-eli-zunun-09112014214436.html

Share
3324 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.