logo

trugen jacn

س ن ن تېلىۋىزىيىسى: ئىلھام توختى خىتاينىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى

b578359e-12cb-432c-998b-e092221ff07d

ئامېرىكىدىكى داڭلىق خەۋەر تېلىۋىزىيىسى س ن ن بۈگۈنكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نامى ئاستىدا پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلگەن، بىراق شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن بېسىم كۈچىيىپ، ئاكادېمىيە، ئاخبارات – مەتبۇئات، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە كېڭەيگەن.

س ن ن تېلىۋىزىيىسى خەۋىرىدە، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختىنىڭ ئۆزى قۇرغان «ئۇيغۇر بىز» تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرى، سىنىپتا ۋە چەتئەل ئاخباراتلىرىغا بايان قىلغان پىكىرلىرى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن :

– ئۇ، ئېتنىك توپلۇملار ئارىسىدا تىنچ يول بىلەن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان ۋە خىتاينىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇننى دەپسەندە قىلىپ، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى ۋە ئۆكتىچى ئاۋازلارنى باسماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر زىيانكەشلىكنى تېخى ھىيلىگەرلىك بىلەن قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى، دەپ ئاتىماقتا.

خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئىنتېرنېت ھەققىدە يەنە يېڭى بەلگىمىلەرنى چىقىرىپ، ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلار ۋە ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى تەقىپكە ئېلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى بايان قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/cnn-ilham-toxti-03252015200830.html

Share
1660 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.