logo

trugen jacn

سۇغۇرتىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي شىركەتلىرى ياسىماقتا

c1d46496-4142-4e30-981b-1cb89a631d4c

 

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ھەپتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي داۋالاش، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى دورىلىرى تىزىملىكى» گە 17 خىل ئۇيفۇر تېبابەت دورىسى قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار بۇ دورىلارنى ئىشلەتكەندە، دورا پۇلىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆز يېنىدىن چىقارغاندىن كېيىن، قالغىنىنى داۋالاش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلدۇرسا بولىدىكەن. دائىرىلەر مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە بۇ 17 خىل ئۇيفۇر تېبابەت دورىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى ئاساسلىقى «شىنجاڭنىڭ جۇڭيى ۋە ئۇيفۇر تېبابەت دورىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ خەۋەردىن، ئەمدى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىمۇ بازار تاپىدىغان بولدى دېگەن ئويغا كېلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۇيفۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ خادىملىرى ۋە دورىگەرلەر، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەنتەنە قىلىنىۋاتقان بۇ «ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى» نىڭ ئەقلى مۈلۈك، ياساش، ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى تېبابەت خەزىنىسىدىكى ئىنتايىن قىممەتلىك مىراس. ئۇيغۇر تېبابەت دورا ماتېرىياللىرىنىڭ مەنبەسى ناھايىتى مول بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرى 1000 خىلدىن، ئادەتتە دائىم ئىشلىتىلىدىغىنى 450 خىلدىن ئاشىدىكەن. مانا مۇشۇنداق دورا ماتېرىياللىرىدىن ياسالغان ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئەسىرلەر بويى ئۇيغۇرلار ۋە رايون ئىچى، سىرتىدىكى بىمارلارنىڭ تېنىگە شىپا، جىسمىغا قۇۋۋەت بولۇپ كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئاستا-ئاستا زامانغا لايىقلىشىپ، بەلگىلىك كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىپ، خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادىكى مىللىي تېبابەت دورىلىرى بازىرىدا بارغانسېرى ئىناۋەت تاپماقتا. ھازىر ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئىچىدىكى دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن دورىدىن 56 سى بار. ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ سىرلىق پەردىسى ئېچىلىپ ئەمدىلا ئۆز «سەلتەنىتى» نى نامايان قىلىشقا باشلىغاندا بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شىركەتلەرنىڭ تالان-تاراجىغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 29-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي داۋالاش، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى دورىلىرى تىزىملىكى» گە 17 خىل ئۇيفۇر تېبابەت دورىسى قوشۇلغان. يېڭىدىن قوشۇلغان ئۇيفۇر تېبابەت دورىلىرى رەۋغىنى بۇيا، ئانار قان تولۇقلاش شىرنىسى، مەجۈنى لوبۇپى سەغرى، قۇرسى زەھەب، قۇرسى مەسھا، غارىقۇن ئىچىملىكى، سىيادان چاچ مېيى، سىيادان چاچ ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقى، قۇرسى سۆلەپ، زۇكام كاپسۇلى، زىماتى كالىزىرە، مەلھىمى بەرەس، قۇرسى ئىمساك، ھەببى لوبۇپى كەبىر، ھەببى قەشىپ، زەپەر ئىچىملىكى، قۇرسى بابۇچىدىن ئىبارەت ئىكەن. خەۋەرلەردە يەنە كۆرسىتىشىچە، ئۇيفۇر تېبابەت دورىلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي دورىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، پۇقرالار ئىشىك ئالدىدىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن زاۋۇت باھاسىدا چىقىرىلغان، داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولغان ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى سېتىۋالالايدىغان بولغان. مەھسۇلات يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يېرىم يىل داۋاملىشىپ، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىلىش ئەھۋالى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان. ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقتەك ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن نۆۋەتتە، سەرپ قىلغان مەبلىغى 120 مىليون سوم بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت سانائىتى قۇرۇلۇشىنىڭ 2-قېتىملىق خىزمەتلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى سانائەت تۈرى قۇرۇلۇشى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۆلچەرلىنىشىچە، يىللىق سېتىش مىقدارى 2011-يىلدىكى 100 مىليون سومدىن 800 مىليون سومغا يېتىدىكەن.

بۇ گەپتىن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى تازا بازار تېپىپ، ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرى زور كىرىم قىلىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ دېگەن ئويغا كېلىشىمىز مۇمكىن. ھالبۇكى، ئۇيفۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دورىگەر قىزدىن بۇنىڭ تام ئەكسىچە جاۋابلارغا ئېرىشتۇق:

17 خىل ئۇيفۇر تېبابەت دورىلىرى سۇغۇرتىغا كىرىپتۇ خەۋىرىڭىز بارمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سىلەرنىڭ دوختۇرخانىدا ئىشلەنگەن دورىلار بارمۇ؟

-بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار. مۇشۇ سۇغۇرتىغا كىرگۈزىمىز دېگەن دورىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتۈپ بولغان دورىلار. بىزگە سېتىش ھوقۇقى بېرىلگەن ۋە ساتقاندىن كېيىن پايدىسىنى بېرىش ئارقىلىق كونترول قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئىشلىگەن دورىلىرىمىز خام دورىلار. بىزنىڭ دورىلىرىمىز سۇغۇرتىغا كىرگۈزۈلمىدى. خىتاي شىركەتلىرى پىششىقلاپ ئىشلىگەن دورىلارنى سۇغۇرتىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق تېخىمۇ جىق دورىلارنى ئۆتكۈزۈۋالماقچى. دورىلارغا سېتىلىدىغان ئورۇن شىنجاڭ مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسى دەپ يېزىلغان، ئەمما مەسئۇل شىركەت «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى» دەپ يېزىلغان. بۇ شىركەت ھازىر خىتايلارنىڭ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۇيفۇر تېبابەتكە مەنسۇپ، مەسىلەن، زۇكام جەۋھىرى ئىنتايىن بازار تاپتى، ئۈنۈمى كۆرۈندى، كېيىن بولار ئۆگىنىپ تېخنىكىنى ئىگىلەپ ئىشلەپچىقىرىشنى قولغا ئېلىپ بولدى

-ھازىر مۇشۇ ئۇيفۇر شىپاخانىدا داۋالاشتا ئىشلىتىلىۋاتقان دورىلارنىڭ تۈرلىرى قانچە؟

-يۈز خىلغا يەتمەيدۇ، سۇغۇرتىغا كىرگىنى 17 خىل، بۇلار خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلىنىدۇ. دورا قېپىغا شىنجاڭ مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسى دەپ يېزىپ قويغان، دىققەت قىلىپ قارىسىڭىز، ئىسىملار ئوخشىمايدۇ. زاۋۇتلار ھەر خىل، يېگەندىن كېيىن بەزىلىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئەكس تەسىر قىلىۋاتقانلىقىمۇ ئىنكاس قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ياساش، بازارغا سېلىش ھوقۇقى بىزگە مەنسۇپ ئەمەس، چۈنكى دوختۇرخانىمىزنىڭ باشلىقى ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئەڭ چوڭ باشلىقى جاڭ جۇڭلىڭ يەنى ئەڭ ھوقوقلۇق شۇجىلىرى مۇشۇلار، بۇلار ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش ئىشىنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇلا قىلىدۇ. مۇشۇلا ساتىدۇ. بۇ ھەقىقىي بار ئەھۋال.
-ئۇيغۇر تېۋىپ، دورىگەرلەر نېمە ئۈچۈن ئۇيفۇر دورا رېتسىپلىرىنى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ؟

-ئەڭ مۇھىم ئامىل مەبلەغ يوق، تېخنىكا ئۆگىنىش پۇرسىتى ئاز، ھوقۇق يوق. تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدۇ، ئەمما بارغانچە بۇ خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولىدىغان ئوخشايدۇ. قوغداش ئېڭى يوق، ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، ئۆزىمىز ۋارىسلىق قىلغان بولساق قوغدىلاتتى ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىگە مەنسۇپ بىر نېمە بولاتتى….

بىز يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەنئەنىۋى داۋالاشتا ئەڭ نوپۇزلۇق شىپاخانا بولغان خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيفۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ بىر تېۋىپى بىلەن ئالاقە باغلىدۇق، ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ تېۋىپنىڭ بىلدۈرۈشىچە: «ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسىدا داۋالاشتا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئىچىدە دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەستىقىدىن ئۆتكەن دورىلار ئەسلىدىلا ئاز. بۇنداق بولۇشىدا ھەر بىر دورىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر مىليون سوم سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مىللىي شىپاخانىلارنىڭ بۇنداق زور مەبلەغ سېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكتىن نۆۋەتتە، بۇ دورىلارنىڭ ئىشلەپچىقىش ھوقۇقلىرى خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۆتۈپ كەتمەكتە. ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتە مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن كۈچىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما دائىرىلەر 45 كۈندىن ئارتۇق دوختۇرخانىدا يېتىشقا يول قويماسلىق سىياسىتىنى چىقارغاندىن كېيىن، داۋالانغۇچىلارغا تېز تەسىر قىلىشىنى قوغلىشىپ دورىلارغا ھورمون قوشۇپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان قىلىپ ياساشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن كىشىلەر ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، بۇ دورىلارنى ئەسلى رېتسېپ بويىچە ياسىماي، باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ ياساپ، بازارغا سېلىپ، ھەقىقىي ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە، بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرگەن مىللىي دورىگەر، تېۋىپلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مىۋىلىرىنى ساپ ھالەتتە، ئەڭ ياخشى سۈپەت بىلەن بازارغا سىلىشنى تەلەپ قىلسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا داۋراڭ سالدىڭ» دېگەندەك تەھدىتلەرگە ئۇچرىماقتا، بۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈنمىسە بولمايدىغان بىر خەتەرلىك ئەھۋال بولۇپ قالدى.»

10 يىلدىن ئارتۇق داۋالاش تەجرىبىسىگە ئىگە بۇ تىۋىپ يەنە مۇنداق دېدى: «مىللىي تىبابەتنى قوللاپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بولسا، مىللىي تىبابەت شىپاخانا ۋە خادىملار مەنپەئەتلىنىشى كېرەك، ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىر ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىلىرىدىن پۈتۈنلەي خىتاي شىركەتلىرى مەنپەئەتلىنىۋاتىدۇ. دوختۇرخانىمىزنى مىسالغا ئالساق، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئېتىبارى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم، دوختۇرخانىمىزغا كېسەل داۋالاتقىلى كېلىدىغان ئاغرىقلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ بىلەن شىپاخانىنىڭ كىرىمى ئېشىپ دوختۇرلىرىمىز باي بولۇپ كەتكىنى يوق. ھەتتا بانكىدىن قەرز ئالغان ئۆيلىرىنىڭ پۇلىنى كۆتۈرەلمەيۋاتقانلا خېلى كۆپ، دورا بازىرى قالايمىقانلىشىپ، قېپى ئوخشاش، ئىچىدىكى ئوخشىمايدىغان ساختا دورىلار بازارنى قاپلاپ كەتتى، ھەمىمە ئادەمگە ئاشكارا بولۇپ كەتكەن ئىشلار بۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ نوپۇزى، ئىناۋىتى زور توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.»

ئۇيفۇر تىبابەت خادىملىرىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا قارىغۇلارچە بازار ئېچىشى ۋە مەبلەغ سالىدىغان خىتاي شىركەتلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن، يەرلىك ئۇيفۇر تىبابەت كارخانىلىرى مەبلەغ قىيىنچىلىقى، پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرى، تېخنولوگىيىنىڭ ئارقىدا قېلىشى،ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك،تەڭسىز رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالمىغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيفۇر دورا شىركەت ۋە كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا، خىتاي كارخانىلارغا يېشىل چىراق يېقىپ، ئۇلارنىڭ مىللي تىبابەت زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، دورا ئىجازەتنامىسى بېجىرىش، سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش، كارخانا دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت سىياسەتلىرىنى تۇرغۇزغان ۋە خىتاي مەبلەغ سايلىغۇچىلارنى ئەڭ ئەتراپلىق، كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداپ ھەمدە ئەسلى سۈپىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دورىگەرلىكنى كەسپ قىلغان شىركەت ۋە زاۋۇتلار توسالغۇلارغا ئۇچراپ ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/uyghur-tibabet-09062016125607.html

Share
2768 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.