logo

trugen jacn
19 مارت 2014

سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى

 

يغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەڭ قەدىمقى زاماندىن تارتىپ شامان دىنىغا ئېتقات قىلىپ كەلگەندى. بۇدىن كۆك تەڭرىچىلىك دىنى دەپمۇ ئاتىلىپ.ھونلار دەۋرىدىن تارتىپ (مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇنلا)مىلادىنىڭxئەسىرگىچە پۈتۈنتۈركى خەلىقلەرنىڭ كۆپ قېسىمى ئېتقات قىلىپ كەلگەن دىن بولغان.
شەرقى ئۇيغۇرلار (ھازىرقى موڭغۇلىيە ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان جايلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلار)مىلادىنىڭ 8-ئەسىردە ئۇيغۇر- ئۇرخۇنقاغانلىقىنىڭ قاغانى بوگو قاغاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن شامان دىنىدىن چىقىپ مانى دىنىغا ئېتقات قىلىشقا باشلىغان .غەربى ئۇيغۇرلاردىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى(تارىم ۋادىسى)دا ياشىغانلىرى مىلادىنىڭ 1ئەسىردىن باشلاپ شامان دىنىدىن چىقىپ بۇددا دىنىغا ئېتقات قىلىشقا باشلىغان.( بۇددا دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى ساكيا مۇنىدىن كىيىن قالسا بۇددا دىنىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان كۇچا كۈسەن خاندانلىقىدىن چىققان كومراجىۋامۇ ئۇيغۇر ئىدى)
مىلادىنىڭ 840-يىلى شەرقى ئۇيغۇرلار غەرىپكە كۆچكەندىن كىيىن قىسقا بىر مۇددەت مانىي ئېتقادىدا قالغان بولسىمۇ(تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا كۆچكەنلىرى)غەربى ئۇيغۇرلار ئارسىدا (بۇلۇپمۇ تارىم ۋادىسىدا)چۇڭقۇريىلتىز تارىتقان بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىدە مانىي دىنىدىن چىقىپ بۇددا دىنىغا ئېتقات قىلىشقا باشلىغان.
مىلادى 10-ئەسىردە (سۇتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بۇلۇشتۇن بۇرۇن)ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىك قىسىمى بۇددا دىنىدا ئىدى.
بۇددا دىنى مىلادىدىن 4ئەسىر بۇرۇن ھىندىستاندا پەيدا بۇلۇپ مىلادىنىڭ 2-ئەسىرىگە كەلگەندە ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە تارقالغان.
(بۇددا)دىگەن سۆز (ئاڭ-سىزىم،ئەس-ھۇش)دىگەن مەناغا ئىگە ئىمىش، بۇددا دىنىنى تارقاتقان كىشى ساكيامونى (مەنىسى ساكلارنىڭ ئەۋلىياسى ئۇ مىلادىدىن 565يىل بۇرۇن تۇغۇلۇپ مىلادىدىن 485يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن)بۇلۇپ ئۇ ھىمالايا تىغىنىڭ باغرىدا ياشىغان(ھازىرقى نېپال)شاكى قەبىلىسىنىڭ بەگچىكى ئىددى.ساكيامۇنى ياش چىغىدىلا ئۆزى قىينالغان مەسىلىلەر (ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلىشى،قېرىشى ئاغرىشى ئۆلۈشى ۋە خىلمۇخىل دەرىت-ئەلەملەرنى تارتىشى قاتارلىق مەسلىلەر)گە توغرا جاۋاپ تىپىپ ئىنسانلارنى قانداق قىلغاندا ئازاپۈئۇقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرغىلى بۇلدىغانلىقى تۇغرىسىدا ئولانغان.ئۇ ئاخىر29ياشقا كىرگەندە يېرىم كىچىدە ئاتقا مىنىپ باشقا بىر قەبىلىنىڭ ئورمانلىقىغا كەتكەن.ئۇ ئورمانلىقتا 6يىل دەرۋىش بۇلۇپ ياشىغان.ئۇبىر لىپا دەرخنىڭ تۈۋىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئەگەرئۈزۈل-كىسىل ئەقلى-ھۇشۇمغا كەلمىسەم (ئويغانمىسام)،ئۇستىخانلىرىم پارە-پارە بۇلۇپ كەتسە كىتىدۇكى،ئورنۇمدىن قوپمايمەن دەپ قەسەم ئېچكەن.
ئۇ35ياشقا كىرگەن يىلى ،كېچىدە بىريۇرۇق يۇلتۇز شەرىق تەرەپتە كۆرۈنۈش بەرگەنمىش ،شۇچاغدا ئۇ تۇيۇقسىزلا ئىشنىڭ يولىنى تېپىپ بۇددا دىنىنى ئىجاد قىلغانمىش.
شۇنىڭدىن باشلاپ ساكيامونى ھىندى يىرىم ئارىلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرغا بېرىپ بۇددا ئەقىدىلرىنى تارقاتقان.
بۇددا دىنى ھىندىستاندىكى ماۋرىيە خانلىقىنىڭ (مىلادىدىن 230يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىدىن 185يىل بۇرۇنقى چاغقىچە ھۈكۈم سۈرگەن)خانى ئاسوكا دەۋرىدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 273-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 237-يىلغىچە)كەشمىر ،كاندارا (ھازىرقى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ئۆلكىسىگە توغرا كىلىدۇ)قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.ئاسوكا ھىندىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى بىلەن شىمالى قىسمىنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرگەن.ئۇ مىلادىدىن 260يىل بۇۇرۇن بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلگەن ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئارقىلىق بۇددا دىنىنى تەشۋىق قىلغان.
بۇددا دىنى كۇشان ئېمپىريىسى (مىلادىدىن 50 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ 420-يىلىغىچە ھۈكۈم سۈرگەن )دەۋىردە ،ھىندىستاندىن باشقا جايلارغا خېلى جىددى سۈرئەتتە تارقىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بولسا كۇشان ئىمپىراتۇرى قەنشقا 3 بىربۈلۈم مەشھۇر بۇددا سىرامانلىرى (راھىبلىرى)نى باشلاپ ئۆزى خوتەنگە كەلگەن.
بۇددا دىنى مىلادىنىڭ 1-ئەسىردىن 4-ئەسىرىگىچە بولغان مەزگىلدە خوتەن،قەشقەر ،كۇچا،تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا تارقىلىپ ھۈكۈمران دىن سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان.
بۇددا دىنى ئاۋال خوتەنگە تارقالغان بولسىمۇ،ئەمما كۇچا 4-ئەسىردە بۇددىزىمنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنگە ئايلانغان.شۇچاغدا كۇچادا يۈزلىگەن بۇددا ئېبادەتخانىللىرى ،10مىڭ راھىپ ۋە راھىبە بولغان.ياپۇنىيە تارىخچىسى يۈشى لىياۋتى (غەرىپتە بۇددىزىم )ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازىدۇ:*كۇچادا بۇددانىڭ راۋاجلىنىپ يۈكسەك پەللىگە يىتەلىشى بىرتەرەپتىن ئۇنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا يەنە بىرتەرەپتىن ئۇنىڭ پەزىلەتلىك ئالى مۇقام راھىبلىرىنىڭ بولغانلىقى ،يەنە بىرتەرەپتىن بۇ راھىبلارنىڭ خان تەرپىدىن ھىمايە قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان …..قايتىپ كەلگەندە (كوماراجىۋا ھىندىستاندىن قايتىپ كەلگەندە )كۇچا خانى بەگ چوڭ ئاقسۇغا بىرىپ ئۇنى قارشى ئالغان.خان كوماراجىۋا ئۈچۈن شىر شەكىدە ئالتۇن تەخىت ياسىتىپ ،تەخىت ئۈستىنى روم دۇخاۋىسى بىلەن قاپلاتقان ،خان كوماراجىۋانىڭ تەخىتكە چىقىپ ئولتۇرىشىنى ئۆتۈنگەن.*
ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىنى خەنزۇلارغا تۇنۇشتۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان .بۇنىڭدا كۇچالىق مەشھۇر بۇددىس،شائىر،ئۇلۇغ تەرجىمان كوماراجىۋا(بۇ ئىسىم ھىندىچە)نىڭ مىلادىنىڭ 5-ئەسىرىدە چاڭئەنگە كىلىپ ناھايىتى نۇرغۇن بۇددا نوملىرىنى ھىندىچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغانلىقنى ئەسكە ئېلىشى يىتەرلىك.
بۇددا دىنى نىمە ئۈچۈن ئاسىيا دىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتتى بۇنىڭ سەۋەپلىرى بار.
بۇددا دىنىدا بۇدۇنيادا ياخشىلىق قىلغانلار ئۇدۇنيادا ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ،يامانلىق قىلغانلار ئۇدۇنيادا ئازابىنى تارتىدۇ،دىگەن قاراش تەرغىپ قىلىنغان.لىكىن بۇددا دىنىنى كىشىلەرنى ئازاپ-ئۇقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلسىمۇ ،كۆرەشنى ئىنكارقىلىدۇ.شۇڭا ھىندىستاندىكى ياكى ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردىكى ھۈكۈمىران ئەزگۈچىلەر بولسۇن تۇلا چاغلاردا بۇددا دىنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزھۈكۈمىرانلىقىنى چىڭىتىش ۋە ئۇنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشقا تىرىشقان. شۇڭا بۇددا دىنى ئەڭ دەسلەپ ھۈكمىران خانلار ۋە بەگلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشكەن.ئۇلار ئاۋام خەلىقنى شۇدىنغا ئېشەندۈرۈش ئۈچۈن بارلىق چارە تەدبىرىنى قوللانغان.
بۇددا دىنى پەيدا بولغاندىن كىيىنلا بىرنەچچە ئىقىمغا ئايرىلغان.ئۇنىڭ بىرى ماخىيانا (قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا كىچىك كولۇڭگو دەپ ئاتىلىدۇ)ئېقىمى ھىساپلىنىدۇ.
ياپۇنىيە تارىخچىسى يۈشى لىياۋنىڭ (غەرىپتە بۇددىزىم)ناملىق ئەسىرىدىكى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ،ئۇيغۇرلار ماخيانا ئېقىمىغا ئىتقات قىلغانكەن.
ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بۇلۇشتىن بۇرۇن ئېتقات قىلغان بۇددا دىنى توغىرسىدا ئېيتىدىغانلىقىمىز ھازىرچە شۈنچىلىك.
تۈۋەندە سىتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بۇلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرى توغرىسىدا توختىلىمىز.
سىتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى توغرىسىدا بەزى رىۋايەتلەر مەۋجۈت.بۇ توغرىسىدا گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.بىرقەدەر ئېشەنچىلىك بولغان تارىخ پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا،سىتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشىدا ئەبۇ نەسىر سامانى رول ئوينىغان.ئەبۇنەسىر سامانى ئەسلىدە سامانلار پاتىشاھلىقى (مىلادىنىڭ 870 -يىلدىن مىلادىنىڭ 1000-يىلىغىچە ھۈكۈم سۈرگەن)نىڭ شاھزادىسى ئىدى.ئۇسامانى پاتىشاھى ناسىر 3نىڭ ۋاقتىدا (مىلادىنىڭ 914-يىلىدىن 943-يىلىغىچە پاتىشاھ بولغان)سامانلارنىڭ ھۈكىمىران تەبىقىسى ئىچىدە يۈزبەرگەن ئىچكى كۆرەشتە ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ قارىخانلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە قىچىپ كەلگەنكەن. ئۇنى ئوغۇلچاق قاناتئاستىغا ئېلىپ قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان.بەزى تارىخچىلار ئەبۇ نەسىر ساماننىڭ قەشقەرگە كېلىشىدىكى سەۋەبىنى يۇقارقىدەك چۈشەندۈرىدۇ.
بەزى تارىخچىلار بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەبۇ نەسىر ساماننى سامانى پاتىشاھى ناسىر 1سىتوق بۇغراخاننى مۇسۇلمان قىلىش مەقسىتىدە بۇخارادىن قەشقەرگە يولغا سالغان دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
يۇقارقى ئىككى خىل قاراشنىڭ قايسى توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر سىتۇق بۇغراخاننى مۇسۇلمان قىلغان كىشى بەربىر ئەبۇ نەسىر سامانى بۇلۇپ چىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىنى ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئەبۇ نەسىر سامانى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتۇشنىڭ ئارغۇ دىگەن يۇرىتنىڭ شىمالىدىكى تاغلارغا ئوۋغا چىققان ياش شاھزادە سىتۇق بۇغراخانغا يۇلىقىدۇ.ئۇنىڭ بىلەن تۇنىشىدۇ.بۇ ئىككى سەخىس ئارسىدىكى ئارلىق بارغانسىرى قۇيۇقلىشىدۇ.ئاخىرى سىتۇق بۇغراخان ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بۇلىدۇ.سىتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بۇلۇشتىن بۇرۇن ،قەشقەردە ئىسلام دىنىغا كىرىپ (يۇشۇرۇن ھالدا بولسا كىرەك)مۇسۇلمان بولغانلارمۇ ئاز بولمىسا كىرەك.سىتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن قاتتىق كۆرەشلەردىن كىيىن تاغىسى ئوغۇلچاتنى يىڭىپ (ئوغۇلچاتنى ئۆلتۈگەن بۇلىشى مۇمكىن)قارىخانلار تەخىتكە چىقىدۇ.مانا شۇ ۋەقە مىلادىنىڭ 920-يىلى يۈز بەگەن .
ئىسلام دىنى سىتۇق بۇغراخاننىڭ بۇددىس ئۇيغۇرلارغا قارشى توختىماي ئېلىپ باغان قانلىق كۆرەشلىرى ئارقىلىق قەشقەر،يەكەن،ئاقسۇ،بالاساغۇن ،بارىسغان (ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقى)قاتارلىق جايلاردا يەتتە سۇدىكى شامان دىنىغا ئېتقات قىلدىغان قارلۇقلار ئارسىغا يىلتىز تارتىشقا باشلايدۇ.
بۇددىس ئۇيغۇرلار سىتۇق بۇغراخانغا ناھايىتى قاتتىق قارىشلىق كۆرسىتىدۇ.سىتۇق بۇغراخان مىلادىنىڭ 943-يىلى بالا ساغۇننى ئىسلامدىنىغا قارىشلىق كۆرسەتكەن دۈشمەنلىرىنىڭ قۇلىدىن تارتىۋالىدۇ.
سىتۇق بۇغراخان مىلادىنىڭ 920-يىلى مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن قارىخانلار بىلەن سامانلارنىڭ مۇناسىۋىتى خىلى يىقىنچىلىققا قاراپ تەرەققى قىلغان.مىلادىنىڭ 921-يىلى سامانلارنىڭ خوراسان ئۆلكۈسىدە كۈتۈرۈلگەن شىئەلەر ئىسسىيانىنى باستۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن سىتۇق بۇغراخان خۇراسانغا كەلگەن.قارىخانلاردا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە سىتۇق بۇغراخاننىڭ سامانلار ئېچىدىكى ئىسسىيانلارنى باستۇرىشىغا كۈچ چىقارغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان سامانلار پاتىشالىقى سىتۇق بۇغراخانغا كۆپ جەھەتتىن ياردەم قىلدى .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماۋرەئوننەھرى،خوراسان،ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىن قەشقەرگە نۇرغۇن ئالىم لار كەلدى.مانا شۇ مۇسۇلمان ئالىملىرى سىتۇق بۇغراخانغا( ئابدىكىرىم) دىگەن ئاتنى قويغان.سىتۇق بۇغراخان دەۋرىدە (مىلادى 920-يىلدىن 956-يىىلغىچە)قۇيدۇرۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لىنىنگىرات موزىيدا ساقلانماقتا.
سۇتۇق بۇغراخان نىمە ئۈچۈن بۇددا دىنىنى تەرىك ئىتىپ مۇسۇلمان بولدى؟دۇنيادا سەۋەپسىز بىرەر ئېش بولمىغاندەك 10-ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بۇلىشىدا ناھايىتى چوڭ سەۋەپلەر بار.كۆپچىلىكى بۇددا دىنىغا ئېتقات قىلغان ئۇيغۇرھۈكمىرانلىرى بۇددا دىنىدىن پايدىلىنىپ خەلىق ئۈستىدىكى ھۈكىمىرانلىقنى چىڭىتىش ۋە ئۇزارتىشنى ئويلىغان.ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئىتقات قىلغاندىن كىتىن جەڭگىۋارلىقىنى يۇقىتىشقا باشلىغان.چۈنكى بۇددا دىنى تەركى دۇنياچىلىقنى تەرغىپ قىلىپ كۆرەش قىلىشنى تەشەببۇش قىلماتتى.ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ بۇددا دىنىغا قارىغاندا جەڭگىۋار ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدى.بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنىغا كىرىش تۇيغۇسى ئويغاندى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى شامان،بۇددا ،زوروئاستىر،مانى ،مانى خرىستىيان قاتارلىق دىنلارغا ئىشنىدىغان ئۇيغۇرلارنى دىنى جەھەتتە بىرلا دىنغا ئىشىنىدىغان قىلغاندا ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئارسىدىكى دىنى ئايرىمىچىلىق ئاساسىدا پەيدا بولغان زىدىيەتنى تۈگىتىپ بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك دۆلەت قۇرغۇلى بۇلىدىغانلىقىنى چۇڭقۇر ھىس قىلغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەپلەر ئىسلامدىنىنى ئاسىيادىكى خەلىقلەر ئارسىغا ئۇمۇمى يۈزلۈك چۇڭقۇر يىلتىز تارىتقۇزۇش ئۈچۈن قۇلارال كۈچى ئىشلىتىشتىن كۈرە دىپلۇماتىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.8-ئەسىردە ئەرەپلەر ئوتىرا ئاسىيا خەلىقلىرىنى مۇسۇلمان قىلىشقا كۈچەپلا قالماستىن شەرقى ئاسىيادا ياشايدىغان شەرقي تۈرۈكلەرنىمۇ ،شەرقى ئۇيغۇرلارنىمۇ مۇسۇلمان قىلىشقا ئۇرۇندى.مەسلەن ئەرەپ ئۆممەۋىىلەر خەلپىلىكىنىڭ خەلپىسى ھىشام(724-743)مىلادىنىڭ 730-يىلى شەرقى تۈرۈكلەرنىڭ پايتەختى ئوتوكۈنگە ئەلچى ئەۋەتىپ شەرقى تۈرۈك قاغانى بىلگە قاغاننى شامان دىنىدىن چىقىپ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلغان بولسا ،ئەرەپ ئابباسلەر خەلپىلىكى (750-1258)نىڭ تۇنجى خەلىپىسى ئابدۇللا بىننى ئابباس مىلادىنىڭ 750-يىلى تامىم بىننى بەھرئەل مۇتاۋۋىنى ئۇيغۇر- ئۇرخۇن قاغانىنىڭ پايتەختى قارابالسۇنغا ئەۋەتىپ قاغان بايانچۇرنى مۇسۇلمان بۇلۇشقا ئۈندىگەن.شەرقى تۈرۈكلەرمۇ شەرقى ئۇيغۇرلارمۇ ئەرەپ ئەلچىللىرىگە ئۈزۈرخالىق ئىيتىپ تۈرلۈك سەۋەپلەرگە شامان دىنىنى تەرىك ئىتىپ ئىسلام دىنىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
10-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىنغا ئايلىنىپ ئاسىيا ئافرىقا ،ياۋرۇپادا ناھايىتى چوڭ تەسىر ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولغاندى.

ئاپتۇرى: ئېنىق ئەمەس

Share
2150 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.