logo

trugen jacn

سىچۈەندە خىمىيە زاۋۇتىنىڭ زەھەرلىك گاز ۋەقەسىگە قارشى مىڭلىغان ئادەم نامايىش قىلدى

201504142018china2

14-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى ۋېييۈەن ناھىيىسىدىكى مىڭلىغان ئامما كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ناھىيىدىكى خىمىيە زاۋۇتىدا زەھەرلىك گاز چىقىش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، نېيجياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت نارازىلىق بىلدۈرگەن ئاممىغا ئۇلار قايىل بولغۇدەك جاۋاب بەرمىگىنى ئۈچۈن، 13-ئاپرېل دۈشەنبە باشلانغان نامايىش 14-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى يەنە داۋاملاشقان. ھۆكۈمەت تەرتىپ ساقلاشقا ئەۋەتكەن ساقچىلار بىلەن 1000 دىن ئارتۇق نامايىشچى ئامما ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر قىسىم نامايىشچىلار تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نامايىشچىلاردىن شياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نېيجياڭ شەھىرى ۋېييۈەن ناھىيىسىدە قۇرۇلغان خىمىيە زاۋۇتىدىن چىقىدىغان سېسىق گاز ئەتراپتىكى ئاممىنى كېسەل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ناھىيە خەلقى كۆپ قېتىم ھۆكۈمەتتىن زاۋۇتنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن جاۋاب ئالالمىغان ئامما دۈشەنبە كۈنى نېيجياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ساقچىلارنى ئەۋەتىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغان. نەتىجىدە سەيشەنبە كۈنىدىكى ئىككى تەرەپ توقۇنۇشى يۈز بەرگەن.

رادىئومىز ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ۋېييۈەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىزمەتچى خادىم تېلېفون ئۇرغۇچىنىڭ چەتئەل مۇخبىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن تېلېفوننى قويۇۋەتكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/sichuan-ximiye-04142015152516.html

Share
1553 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.