logo

trugen jacn

سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا ئىلھام توختىنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

el-profesor-ilham-tohti-en-su-casa

 مېھرىبان 

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئىككى نەپەر ئادۋوكاتتىن ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ يۈەننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، باش ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ۋە ياردەمچى ئادۋۇكات ليۇ يۈەن 5 – سېنتەبىر جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتى ئىلھام ئەپەندى ئەيىبلەنگەن ئەيىبنامىدىكى سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 – 6 سائەتلىك ماتېرىياللارنى ئادۋوكاتلارنىڭ كۆرۈشىگە ماقۇل بولغان

ئادۋۇكات ليۇ يۈەن يەنە 7 – سېنتەبىر ئېچىلىدىغان ئىلھام توختى سوتىدىن ئىلگىرىكى يىغىنغا ئىلھام ئەپەندىنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئادەتتە سوتتىن ئىلگىرى ئېچىلىدىغان يىغىنلارغا ئەيىبلەنگۈچىلەرمۇ (جاۋابكارمۇ) قاتناشتۇرىلىدۇ. بۇنداق يىغىنلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ئېچىلىدۇ. مېنىڭچە بۇ يىغىنغا ئىلھام ئەپەندىمۇ قاتنىشىشى مۇمكىن» دېدى

ئىلھام توختى ئەپەنىدىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىممۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوتقا قاتنىشىش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما ئادۋوكات لى فاڭ پىڭنىڭ ئۇنىڭغا دائىرىلەرنىڭ سوت ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئېرى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، بەلكىم سوت ئېچىلغاندىن كېيىن ئىلھام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىلھام توختى ئەپەندى، بۇ يىل 15 – يانىۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. دائىرىلەر ئۇنى«دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۇتقۇندىكى ئىلھام ئەپەندى بۇ جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختىدەك تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-08282014234022.html

Share
1681 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.