logo

trugen jacn

سامسۇندا تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىلدى

 

ئەركىن تارىم

2015-u0123-erkin.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

samsun-uyghur-yardem-4.jpg

سامسۇندا تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىلدى

RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ سامسۇن شەھىرىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىلدى. بۇ چاقىرىق مەزكۇر شەھەردە چاقىرىلغان «ئۈممەتنىڭ زېمىنى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىن سامسۇن ۋىلايىتى بافرا ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

سامسۇن «ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى» بافرا شۆبىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرغان بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى تۈركىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى، شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋىتى قىلىندى. ئارقىدىن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئىلياس ئالتۇنتاش ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

ئۇ، ئېچىلىش نۇتقىدا ئۆزىنىڭ 2008 – يىلى ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خوشلاشقىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە «بىزنى ئۇنتۇماڭلار» دېگەن ۋاقتىدا قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئىنسانىيەت دۇنياسىنى، شۇنداقلا تۈركىيە خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

دوكلات بېرىش يىغىنىغا سامسۇندا نەشر قىلىنىۋاتقان «يولۇچى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىدرىس ئاقدىن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇنجى تۈرك ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلغان، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەخمۇت قەشقىرىدەك زاتلار تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مۇقەددەس زېمىن ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ۋە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مىللىي ۋە دىنىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

1 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چاقىرىلغان 2 سائەت داۋاملاشقان دوكلات بېرىش يىغىنىدا ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا مىساللار بىلەن تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

Share
1554 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.