logo

trugen jacn

ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن مايكىل براۋن ۋە يۇتۇۋېتىلگەن ئىماممەمەت ئېلى -1-2

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۇ يىل 9-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىنىڭ مىسسورىي شتاتىدا يۈز بەرگەن 18 ياشلىق قارا تەنلىك ياش Michael Brown نىڭ ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى دۇنيا ئاخباراتىدا تا بۈگۈنگە قەدەر غۇلغۇلا قوزغىماقتا، مۇنازىرە قىلىنماقتا.

بۇ مۇنازىرىگە شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بەس-بەستە ئىشتىراك قىلماقتا. 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياش ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغاندا خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھېچنېمە دېمىگەن ئىدى؛ غايىب ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام ئەھۋالنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان چېغىدىمۇ خىتاي ئاخباراتى قۇلاق يوپۇرۇۋالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلا ۋەقە ئاچچىق بىر تراگېدىيە، ھەر ئىككىسى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ پاجىئەسى، ھەر ئىككىسى ئىرقىي ياكى ئېتنىك زىددىيەتنىڭ بىر يان ئىپادىسى. شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانى ھەققىدە قىسقىچە سېلىشتۇرما ئېلىپ بارىمىز؛ بۇ سېلىشتۇرما، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئادالەت سىستېمىسى ۋە بۇ ئىككى دۆلەتتىكى ئاخبارات ئەخلاقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ۋە چۈشىنىشكە پايدىلىق دەپ ئويلايمىز.

9-ئاۋغۇست كۈنى مايكىل براۋن بىر ماگىزىندىن تاماكا ئوغرىلاپ قايتقىنىدا ساقچى Darren Wilson غا يولۇقىدۇ. ۋىلسون مايكىلنى چەتتە توختاشقا بۇيرۇغىنىدا مايكىل ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئىشىكىنى تاقىۋالىدۇ ۋە ئىككى تەرەپ سوقۇشىدۇ، ئاقىۋەتتە ساقچى 7 پاي ئوق چىقىرىپ مايكىلنى ئۆلتۈرىدۇ.

ئىماممەمەت ئېلى، 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە نامايىشقا قاتنىشىدۇ، ئارىدىن 9 كۈن ئۆتكەندە ئىشىك ئالدىدا دوستلىرى بىلەن تۇرغىنىدا قارا كىيىملىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ نەگە ئەكېتىلگەنلىكى، نېمە ئۈچۈن ئەكېتىلگەنلىكى ھېچكىمگە بىلدۈرۈلمەيدۇ.

10-ئاۋغۇست كۈنى St.Louis رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مايكىل براۋننىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ئەل-جامائەتكە مەلۇمات بېرىدۇ. 11-ئاۋغۇست كۈنى مايكىلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئوغلىنىڭ ساقچى زوراۋانلىقىغا يولۇققانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ ۋە ئادۋوكات تۇتۇپ ئەرزنى باشلايدۇ؛ ئامېرىكىنىڭ 100دىن ئارتۇق شەھىرىدە مايكىل ئائىلىسىنى قوللاپ نامايىشلار داۋام قىلىدۇ.

ئىماممەمەت ئېلى تۇتۇلۇپ كېتىپ ئىككى ئايغىچە ھېچنەدىن سادا چىقمايدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام ئەڭ ئاۋۋال ئۆز تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىغا بېرىپ ئوغلىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ؛ ساقچى خادىمى ئىمامەمەت ئېلىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ مىدۇڭچۈ تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. پاتىگۈل ئۇ تۈرمىگە بارغىنىدا ساقچى خادىملىرى بۇ تۈرمىدە بۇنداق بىر كىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىدۇ.

مايكىل ئېتىۋېتىلىپ ئەتىسى يەنى 10-ئاۋغۇست كۈنى س. لويىس رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى، 11-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسى، 13-ئاۋغۇست كۈنى مىسسىۇرىي شتاتلىق پۇقرالار ھوقۇقى كومىتېتى، 20-ئاۋغۇست كۈنى س. لويىس رايونلۇق سوت كوللېگىيىسى بولۇپ 4 ئورۇن مايكىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلايدۇ.

پاتىگۈل غۇلام ئۈرۈمچىدىكى 10 قاماقخانىغا بېرىپ ئىماممەمەت ئېلى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمايدۇ؛ شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە بارسا، ئۇلار ئۇچۇر بېرىش مەسئۇلىيىتىنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىدۇ. پاتىگۈل ئۆزىگە ئوخشاش بىر گۇرۇپپا غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتى بىلەن ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا ئاتلىنىدۇ. ئۇلار بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ تېخى ئەرزىيەت ئىشخانىسى بىلەن كۆرۈشمەي تۇرۇپ ئۈرۈمچى ساقچىلىرىغا تۇتۇلىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ.

مايكىل ئۆلتۈرۈلۈپ ئەتىسىدىن ئېتىبارەن، ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى پۈتۈن ئامېرىكا ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنىدۇ. قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى دېلونى ئەل-جامائەت ئالدىدا ئانالىز قىلىدۇ، سوتسىيولوگلار ۋەقەنىڭ ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەھلىل قىلىدۇ، بەزىلەر مەسىلىنى ئامېرىكىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسىنىڭ بىر ئىپادىسى دېسە، بەزىلەر بۇنى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدىكى مەسىلە دەپ ئىزاھلايدۇ.

پاتىگۈل غۇلام ئەھۋال مەلۇم قىلىپ شىنجاڭ گېزىتىگە بارغىنىدا گېزىتخانا بۇ ۋەقەنى ئېلان قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندە، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، بىر خىتاينىڭ ئىتى يىتىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئېلان بېرىدۇ؛ پاتىگۈل خانىم مەزكۇر پروگرامما مەسئۇلىغا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئوغلى يىتىپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىدۇ ۋە ئىزدەش ئېلانى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ تەلەپمۇ رەت بولىدۇ.

مايكىل ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا 7 پاي ئوق تەگكەنلىكى، بۇنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بېلەككە، بىرىنىڭ باش قىسىمغا تەگكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. ئەجەللىك ئوقنىڭ ئۇنىڭغا قېچىۋاتقان مەزگىلىدە تەگكەنلىكى بېكىتىلىدۇ. تەكشۈرۈشلەر مايكىلنىڭ ئوغرىلىق قىلغان-قىلمىغانلىقى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ساقچى ۋىلسوننىڭ مايكىلنى ئېتىشىنىڭ ھەقلىق ياكى ھەقسىز ئىكەنلىكى ئۈستىدە داۋام قىلىدۇ.

2010-يىلى 9-ئايدا مىچۈەن تۈرمىسىدىن بىر مەھبۇس قويۇۋېتىلىدۇ، پاتىگۈل ئىككى كىچىك ئوغلىنى ئەۋەتىپ، ئىماممەمەت ھەققىدە ئۇچۇر سورايدۇ. سابىق مەھبۇس ئىماممەمەت بىلەن بىر كامىرىدا ياتقانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ ۋە ئىماممەمەتئەلىنىڭ ئىككى قېتىملىق سوراقتىن ئامان چىققانلىقى، 3-قېتىملىقىدىن ھوشسىز چىققانلىقى، 3 كۈن تاماق يېيەلمىگەندىن كېيىن داۋالىتىش ئۈچۈن ئاچىقىپ كېتىلگەنلىكى ۋە شۇ پېتى كامىرىغا قايتۇرۇپ كېلىنمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى ئېيتىدۇ.

يۇقىرىدا ئامېرىكا ساقچىسى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن مايكىل براۋن بىلەن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلگەن ئىماممەمەت ئېلى ھەققىدە تەييارلانغان سېلىشتۇرما مەلۇماتنىڭ بىر قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق، داۋامى كېيىنكى پروگراممىمىزدا بېرىلىدۇ

2014-u1212-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز تۈنۈگۈنكى پروگرامىمىزدا ئامېرىكىدا قارا تەنلىك ياش مايكىل براۋننىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئىمامممەت ئەلىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلىش يەنى غايىپ قىلىۋېتىلىش ۋەقەسى ھەققىدە سېلىشتۇرما خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. تۆۋەندە ئەنەشۇ سېلىتۇرما خەۋەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز. پروگرامىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، پاجىئە سەۋەبلىك مايكىل براۋننىڭ ئانىسىدىن فەرگاسۇن ساقچى باشلىقىنىڭ ئەپۇ سورىغانلىقى ۋە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ھال سورىغانلىقى؛ پاتىگۈل غۇلامنىڭ بولسا، ئوغلىنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئۈچۈن 7 كۈن قاماققا ئېلىنغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار دىققىتىڭلاردا بولىدۇ. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان.

مايكىل ئۆلتۈرگەن ساقچى داررەن ۋىلسون ئۈستىدىن تەكشۈرۈش داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ يۈزدىن ئارتۇق شەھىرىدە مايكىل ئائىلىسىنى قوللاش ۋە ساقچى زوراۋانلىقىغا خاتىمە بېرىش نامايىشلىرى داۋام قىلىدۇ. نامايىشلار بەزىدە توقۇنۇشلارغا، بەزىدە ئوت قويۇش ۋە بۇلاڭچىلىقلارغا سەھنە بولىدۇ. مايكىلنىڭ ئائىلىسى ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.

پاتىگۈل غۇلام ئوغلىنىڭ قېيىن – قىستاقتا ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ قارشلىق بىلدۈرىدۇ، شۇ كۈنگىچە ئۆزىنى ئالدىغان، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان ساقچىلارنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئىليار ئىسىملىك بىر ساقچىنى تىللىغانلىقى ئۈچۈن، 7 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرىلىدۇ.

مايكىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسى ھەققىدىكى سوت كوللىگىيەسىنىڭ تەكشۈرۈشىدە 3 ئاي ئىچىدە 21 كۈن سوراق ۋە گۇۋاھلىق داۋام قىلىدۇ؛ جەمئىي 62 ئادەم گۇۋاھلىقتىن ئۆتىدۇ، 5060 بەتلىك ئىسپات ماتېرىيالى توپلىنىدۇ. 3 قېتىم جەسەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئىماممەت ئەلىنىڭ غايىپ بولۇش دېلوسى ھەققىدە، ھېچقاندات تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمايدۇ؛ ئەكسىچە پاتىگۈل غۇلام ئوغلىنى ئىزدەشتىن چەكلىنىدۇ؛ ئۆز ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىدۇ. سەزگۈر كۈنلەردە سودىلىققا چىقىشىمۇ چەكلىنىدۇ. تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى كامال قىلىچدارئوغلى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، پاتىگۇل غۇلام ساقچىلار تەرىپىدىن كوچىدا تارتىپ – سۆرىلىپ ئۆيىگە قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئۆز ئۆيىگە سولاپ قويۇلىدۇ.

مايكىل دېلوسىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن، پرېزىدېنت ئوباما، ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك ھولدەر، بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تەلىمات بېرىدۇ، بايانات ئېلان قىلىدۇ. ئوباما يەنە مايكىل ئائىلىسىدىن ھال سورايدۇ. رايون ساقچى ئىدارە باشلىقى جەي مايكىلنىڭ جەسىتى ۋەقە يۈز بەرگەن بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا كوچىدا تۇرغۇزۇلغانلىقى ئۈچۈن مايكىل ئائىلىسىدىن ئەپۇ سورايدۇ.

پاتىگۇل غۇلام، رايوننىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرىگە خەت يازىدۇ، ئەمما جاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئىماممەت ئەلىنىڭ غايىپ بولۇش ۋەقەسىگە خىتاي تەۋەسىدە پەقەت مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىلا كۆڭۆل بولىدۇ؛ ئۇ 2013 – يىلى 7 – ئايدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ دائىرىلەرنى ئۇيغۇر غايىپلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاشقا ۋە جاۋابكارلارنى تېپىش ۋە جازالاشقا چاقىرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى، بۇ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتا ئاتالمىش جىنايى پاكىتلار قاتارىغا تىزىلىدۇ.

24 – نويابىر كۈنى داررەن ۋىلسون ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان سوت كوللىگىيەسى ۋىلسوننىڭ مايكىلنى ئېتىشىنى يوللۇق قوغدىنىش دەپ ئېلان قىلىدۇ؛ بۇ قارار ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغايدۇ، 150 دىن ئارتۇق شەھەردە نارازىلىق نامايىشى داۋام قىلىدۇ، نامايىش ئامېرىكا چېگرىسىدىن ھالقىپ لوندونغا قەدەر كېڭىيىدۇ. داررەن ۋىلسون ساقچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدۇ.

ئىماممەمەت ئەلى قاتارلىق غايىپلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خىتاي تەرەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلە ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تا بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيدۇ. ياۋروپا بىرلىكى بۇ يىل ئۇيغۇر غايىپلار مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئېچىپ خىتاينى ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە چاقىرىدۇ، خىتاي يەنىلا ئۈن چىقارمايدۇ.

مايكىل براۋننىڭ ئائىلىسى ۋە تەرەپدارلىرىنىڭ ساقچى زوراۋانلىقى ئۈستىدىكى نارازىلىق ئەرزى ۋە نامايىشى ھېھەم داۋام قىلماقتا. ئەمما پاتىگۈل غۇلام بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 22 – ماي ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى داۋامىدا تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئامېرىكىدا ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن قارا تەنلىك ياش مايكىل براۋن بىلەن ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىۋېتىلگەن غايىپ ئىماممەمەت ئەلى ۋە ئىككىسىگە ئالاقىدار جەريانلار ھەققىدە سېلىشتۇرما خەۋەر ئاڭلاتتۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/brown-ali-12122014223119.html

Share
2474 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.