logo

trugen jacn

ساقچىنىڭ قورالىنى ئېلىپ قاچقان كېرىيىلىك يىگىت ئېلى مەتتۇرسۇننىڭ يەنە بىر تۈركۈم ئىش – ئىزلىرى ئاشكارىلاندى

image

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0306-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

1 – مارت كۈنى خىتاي ساقچىلىرى چىڭخەي ئۆلكىسىدىن خوتەنگە يالاپ ئېلىپ كېلىۋاتقاندا يول ئۈستىدە ساقچىلارنىڭ قوللىرىدىكى ئىككى ناگان ۋە ئوقلىرىنى ئېلىپ قاچقان خوتەن كېرىيىلىك يىگىت ئېلى مەتتۇرسۇننىڭ ئىش – ئىزلىرى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېلى مەتتۇرسۇن بۇنىڭدىن 4،5 يىللار ئىلگىرى كېچىدە ئۆي تەكشۈرۈشكە كەلگەن خىتاي ساقچىلىرىنى گاز باكقا ئوت قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قورقۇتقان ۋە ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغان، ئۇ شۇ ئىشتىن كېيىن 3 يىللىق كېسىلگەن.

ئۇ جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان چېغىدىمۇ خىتاي ساقچىلىرى بىلەن قارشىلىشىپ ئۇلارغا ئاراملىق بەرمىگەن. ئىككى يىللار ئىلگىرى ئۇ جازا لاگېرىدا ئاچلىق ئېلان قىلغان. خىتاي ساقچىلىرى ئېلى مەتتۇرسۇننىڭ تىنچىماس قارشىلىقلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشتىن شەكىللەنگەن ئاشقازان كېسىلىنى نەزەردە تۇتۇپ داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىللىك قويۇپ بەرگەن.

ئېلى مەتتۇرسۇن بۇلتۇر ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان يېقىندا يەنە قايتىدىن تۇتۇلغان.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/keriye-eli-mettursun-03062015213930.html

Share
1610 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.