logo

trugen jacn

زىيا گۆكئالپ: مىللىي كۈلتۈر‎ ۋە‏‎ مەدەنىيەت

زىيا گۆكئالپ

تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمىسى

مىللىي كۈلتۈر بىلەن‏‎ ‎مەدەنىيەت ئوتتۇرىسدا ھەم بىرلىك نوقتىسى ھەم ‏پەرقلىق نوقتىلار بار. ‏مىللىي‎ ‎كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك ‏نوقتىسى ھەر ئىككىلىسىنىڭ بارلىق‎ ‎ئىجتىمائىي ‏ھاياتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدۇر. ‏ئىجتىمائىي ھايات دىن، ئەخلاق، ھوقۇق،‎ ‎ئەقىل، ئېستېتىكا، ئىقتىساد، ‏تىل ۋە پەن ‏بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھاياتتىن ئىبارەت. بۇ‎ ‎سەككىز تۈرلۈك ھاياتنىڭ تامامى مىللىي ‏كۈلتۈر ‏دەپ ئاتالغىنىدەك، يەنە مەدەنىيەت‎ ‎دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمدى مىللىي كۈلتۈر ‏بىلەن مەدەنىيەت ‏ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىمىلىق ۋە‎ ‎پەرقلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.‏‎ بىرىنچى، كۈلتۈر مىللىيلىككە ئىگە، مەدەنىيەت خەلقئارالىق (مىللەتلەر‎ ‎‏ئارا) بولىدۇ. كۈلتۈر پەقەت بىر ‏مىللەتنىڭ دىن، ئەخلاق، ھوقۇق، ئەقىل، ئېستېتىكا،‎ ‎‏تىل، ئىقتىساد ۋە پەن ھاياتىنىڭ ماسلاشقان بىر ‏پۈتۈنلۈكىدۇر. مەدەنىيەت بولسا‎ ‎‏ئوخشاش تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئىگە بىر قانچە مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ‏‏ھاياتىنىڭ‎ ‎ئورتاق بىر پۈتۈنلۈكىدۇر. مەسىلەن، ياۋروپا مىللەتلىرى ئارىسىدا ‏ئورتاق بىر غەرپ‎ ‎مەدەنىيىتى بار.
بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدە بىر بىرىدىن پەرقلىق ‏ۋە مۇستەقىل بولغان گىرىك كۈلتۈرى، سىكاندىنوۋىيە كۈلتۈرى،‎ ‎ئىنگلىز كۈلتۈرى، ‏فرانسۇز كۈلتۈرى ۋە گېرمان كۈلتۈرى قاتارلىقلار ‏ئورۇن‎ ‎ئالغان.‏‎ ئىككىنچى، مەدەنىيەت‎ ‎بىر خىل ئۇسۇل (مىتود-شەكىل)‏‎ ‎ۋاسىتىسى ۋە شەخسىي ‏ئىرادە بىلەن ‏شەكىللىنىدىغان‎ ‎ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ تامامىدۇر. مەسىلەن، دىن ‏بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار‎ ‎ۋە بىلىملەر ئۇسۇل ۋە ئىرادە بىلەن ‏شەكىللەنگىنىدەك، ئەخلاققا، ھوقۇققا، گۈزەل‎ ‎سەنئەتكە، ھاسىل بولغان ‏ئەقىلنىڭ ‏فۇنكىسىيىلىرىگە، تىلغا ۋە پەنگە ئائىت بىلىم ۋە‎ ‎نەزەرىيىلەرمۇ پۈتۈنلەي ‏شەخسلەر تەرىپىدىن ‏ئۇسۇل ۋە ئىرادە بىلەن‎ ‎شەكىللەندۈرۈلگەن. شۇ سەۋەبلىك ‏بىر خىل مەدەنىيەت دائىرىسى ‏ئىچىدىكى بارلىق بۇ‏‎ ‎ئۇقۇملار، مەلۇماتلار ۋە ‏بىلىملەرنىڭ توپلىمى مەدەنىيەت دەپ ئاتىلىدىغان نەرسىنى‏‎ ‎مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.‏‎ مىللىي‎ ‎كۈلتۈرنى شەكىللەندۈرگەن نەرسىلەر بولسا ئۇسۇل ۋە شەخسنىڭ ‏ئىرادىسى بىلەن بارلىققا‎ ‎كەلمەيدۇ. ئۇ سۈنئىي ئەمەس. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ‏ھايۋانلارنىڭ ئورگانىك ھاياتى‎ ‎ئۆزلىگىدىن ۋە ‏تەبىئىي ھالدا قانداق تەرەققىي ‏قىلغان بولسا، مىللىي كۈلتۈرگە ئائىت‎ ‎نەرسىلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ‏تەرەققىي ‏قىلىشىمۇ خۇددى شۇنىڭدەك بولىدۇ. مەسىلەن،‎ ‎تىل شەخسلەر تەرىپىدىن مەلۇم ‏ئۇسۇل بىلەن ‏يارىتىلغان نەرسە ئەمەس.
تىلنىڭ بىر‎ ‎سۆزىنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيمىز، ‏ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر سۆزنى ئىجاد ‏قىلىپ‎ ‎دەسسىتەلمەيمىز. تىلنىڭ ئىچكى ‏قانۇنىيىتىگە مەنسۇپ بولغان بىر قائىدىسىنىمۇ‎ ‎ئۆزگەرتەلمەيمىز. ‏تىلنىڭ سۆز ۋە ‏قائىدىلىرى پەقەت ئۆزلىكىدىن ئۆزگىرىدۇ. بىز بۇ‎ ‎ئۆزگىرىشكە تاماشىبىن ‏بولۇپ قاراپ ‏قالىمىز. شەخسلەر تەرىپىدىن پەقەت بىرمۇنچە‎ ‎ئاتالغۇلار، يەنى ‏يېڭى سۆزلەر قوشۇلىدۇ. لېكىن بۇ سۆزلەر ‏ئۆزى مەنسۇپ كەسپ‎ ‎تارماقلىرى ‏تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغىچە سۆز- ئىبارە ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىپ، ‏سۆزلۈك‎ ‎بولۇش ‏خاراكتېرىگە ئىرىشەلمەيدۇ. يېڭى بىر سۆز بىر كەسپىي گۇرۇھ تەرىپىدىن قوبۇل‏‎ ‎‏قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، جەمئىيەتنىڭ كاتىگورىيىلىك سۆزىگە ئايلىنىدۇ، پەقەت ‏پۈتكۈل‎ ‎خەلق تەرىپىدىن ‏قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنلا ئورتاق سۆزلەر ئارىسىغا ‏كىرەلەيدۇ. ‎‏‎
لېكىن، يېڭى سۆزلەرنىڭ بىر‎ ‎كەسپىي گۇرۇھ ياكى پۈتكۈل خەلق تەرىپىدىن ‏قوبۇل قىلىنىشى ياكى ‏قىلىنماسلىقى‎ ‎ئۇلارنى ئىجاد قىلغان شەخسلەرنىڭ ئىلكىدىكى ‏ئىش ئەمەس. قەدىمكى ئوسمانىيلارنىڭ‎ ‎تىلىدا شىناسى دەۋرىدىن بېرى مىليۇنلىغان ‏يېڭى سۆزلەر ئىجاد قىلىنغان بولسىمۇ،‎ ‎بۇلاردىن ئاز بىر قىسمى ‏كەسپىي گۇرۇھ ‏سۆزلىرى ئارىسىغا كىرەلىدى، ئورتاق سۆزلەر‎ ‎ئارىسىغا كىرەلىگەنلەر بولسا يەتتە – ‏‏سەككىز سۆز ئەتراپىدا بولدى.‏‎ دېمەك، مىللىي كۈلتۈرنىڭ دەستلەپكى‎ ‎ئۆرنىكىنى تىلنىڭ سۆزلىرىدىن، ‏مەدەنىيەتنىڭ دەستلەپكى ‏ئۆرنىكىنىمۇ يېڭى سۆزلەر‎ ‎شەكلىدە ئىجاد قىلىنغان ‏ئاتالغۇلاردىن كۆرىمىز. يېڭى سۆزلەر كىشىنىڭ ئۆز‎ ‎ئەسىرىدۇر. بەزىدە بىر كىشىنىڭ ‏ئىجاد قىلغان بىر سۆزى بىردىنلا خەلق ئارىسىغا‎ ‎تارقىلىپ كېتىدۇ. لېكىن، ‏ئاشۇ ‏سۆزگە بۇ خىل تارقىلىش كۈچىنى بەرگىنى ئۇنى ئىجاد‎ ‎قىلغان ئادەم ئەمەس، بەلكى ‏جەمئىيەتنىڭ ‏كىشىلەرگە بىلىنمىگەن سىرلىق بىر‏‎ ‎ئېقىمىدۇر.‏‎
بۇنىڭدىن ئون بەش‎ ‎يىل ئىلگىرى (1908 -يىلى— ت) ۋەتىنىمىزدە ئىككى خىل تىل ‏تەڭ داۋاملاشقان. ‏بۇنىڭ‎ ‎بىرىنچىسى، رەسمىي ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ، يېزىقنى ‏مونۇپۇل قىلىۋالغاندەك قىلاتتى‎،‎ بۇ «ئوسمانلىچە» دەپ ئاتىلاتتى. ئىككىنچىسى، ‏پەقەت خەلق ئارىسىدا سۆزلىنىشكە مەجبۇر قىلىنغاندەك ‏ئىدى، بۇ كەمسىتىلىپ ‏‏«تۈركچە» دەپ‎ ‎ئاتىلاتتى ۋە تۈۋەنكى تەبىقىگە خاس بىر ئاتالغۇ ھېسابلىناتتى. ‏‏ھالبۇكى، ئەسلى،‎ ‎تەبىئىي ۋە ھەقىقىي تىلىمىز مۇشۇ ئىدى. ئوسمانلىچە بولسا تۈركچە، ‏ئەرەپچە ۋە‏‎ ‎پارسچىنىڭ گراماتىكىسى، سىنتاكسىىسى ۋە لېكىسىكىسىنىڭ ‏بىرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن‏‎ ‎شەكىللەندۈرۈلگەن سۈنئىي بىر ئارىلاشمىدىن ئىبارەت ‏ئىدى. بۇ ئىككى تىل ئىچىدە‎ ‎كېيىنكىسى تەبىئىي ‏ھالدا تەشكىل تاپقان ۋە كۈندىلىك ‏تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىش‎ ‎جەريانىدا ئۆزلىكىدىن ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ‏شۇڭا، بۇ ‏مىللىي كۈلتۈرىمىزنىڭ تىلى‎ ‎ئىدى. ئالدىنقىسى بولسا شەخسلەر تەرىپىدىن ئۇسۇل ‏ۋە ئىرادە ‏بىلەن ياسالغان. ئۇ‎ ‎تىلنىڭ ئىچىگە پەقەت بەزى تۈركچە سۆزلەر ۋە ‏قوشۇمچىلار ئارىلاشتۇرىلاتتى. دېمەك،‎ ‎ئوسمانلىچىنىڭ مىللىي كۈلتۈرىمىزدىكى ‏ھەسسىسى ناھايىتى ئاز. شۇ سەۋەبلىك ئۇنى‎ ‎مەدەنىيىتىمىزنىڭ ‏تىلى ئىدى، دەپ ‏ئاتايمىز. ۋەتىنىمىزدە بۇ ئىككى خىل تىلغا ئوخشاش، ئىككى خىل‎ ‎ئۆلچەم (ۋەزىن) مۇ ‏بىرگە قوللىنىلاتتى.
تۈرك ‏خەلقى قوللانغان تۈرك ئۆلچىمى بىر خىل‎ ‎ئۇسۇلغا تايىنىپ ‏ياسالمايتتى. خەلق شائىرلىرى ئۆلچەم ‏دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى‎ ‎بىلمەي تۇرۇپ ‏ناھايىتى لىرىك شېئىرلارنى يازاتتى. تەبىئىيكى، بۇ ئىلھام ۋە‎ ‎ئىجادىيلىك بىلەن ‏بارلىققا كىلەتتى، ھەرگىزمۇ خاس بىر خىل شەكىل ۋە تەقلىد بىلەن‎ ‎ياسالمايتتى. ئۇ ‏‏ھالدا بۇ ئۆلچەممۇ تۈرك كۈلتۈرىنىڭ ئىچىگە كىرەتتى. ئوسمانىيلار‎ ‎ئۆلچىمىگە ‏كەلسەك، ئۇ ئىران ‏شائىرلىرىدىن ئېلىنغان ئىدى. بۇ ئۆلچەمدە شېئىر‎ ‎يازغانلار ‏تەقلىد بىلەن بەلگىلىك بىر شەكىلدە يازاتتى. ‏شۇ سەۋەپلىك، «ئارۇز‎ ‎ۋەزنى» دەپ ‏ئاتالغان بۇ ئۆلچەم خەلق ئارىسىغا كىرەلمىدى. بۇ ئۆلچەمدە شېئىر‎ ‎يازغانلار ئىران ‏ئەدەبىياتىدىن دەرس ئېلىپ، ئارۇز ئۇسۇلىنى تەدبىقلايتتى. شۇڭا،‎ ‎ئارۇز ئۆلچىمى ‏مىللىي ‏كۈلتۈرىمىزگە كىرەلمىدى. پارسلاردا بولسا دېھقانلارمۇ ئارۇز‏‎ ‎ئۆلچىمىدىكى ‏شېئىرلارنى توقىيالايدۇ. بۇ، ‏ئارۇز ئۆلچىمى ئىراننىڭ مىللىي كۈلتۈرىگە‎ ‎مەنسۇپ ‏دېگەنلىكتۇر. ۋەتىنىمىزدە بۇلاردىن باشقا تەڭ داۋاملىشىپ كەلگەن ئىككى خىل مۇزىكا‎ ‎بار ‏ئىدى. بۇنىڭ بىرى ‏خەلق ئارىسىدا ئۆزلىكىدىن بارلىققا كەلگەن تۈرك مۇزىكىسى،‎ ‎‏يەنە بىرى فارابى تەرىپىدىن ‏ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم) دىن تەرجىمە ۋە قوبۇل ‏قىلىش‎ ‎يولى بىلەن ئېلىنغان ئوسمانىيلار مۇزىكىسى ئىدى.
‏تۈرك مۇزىكىسى تەقلىد ‏ئارقىلىق‎ ‎سىرتتىن ئېلىنماستىن، بەلكى ئىلھامدىن شەكىللەنگەن ‏ئىدى. ‏ئوسمانىيلار مۇزىكىسى‎ ‎بولسا تەقلىد قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئېلىنغان،‎ ‎لېكىن شەكىل ‏ئارقىلىق‎ ‎داۋاملاشتۇرۇلغان. بۇلاردىن بىرىنچىسى كۈلتۈرىمىزنىڭ، ئىككىنجىسى بولسا‎ ‎‏مەدەنىيىتىمىزنىڭ ‏مۇزىكىسىدۇر. مەدەنىيەت شەكىل- ئۇسۇل بىلەن ۋە تەقلىد ‏ۋاسىتىسى‎ ‎ئارقىلىق بىر مىللەتتىن يەنە بىر ‏مىللەتكە ئۆتكەن ئۇقۇم ۋە ‏تېخنىكىلار (مىتود،‎ ‎ئۇسۇل، تېخنىكا، سەنئەت ۋە ھۈنەر قاتارلىقلار) نىڭ ‏تامامىدۇر. ‏مىللىي كۈلتۈر بولسا‎ ‎ھەم ئۇسۇل – شەكىلگە تايىنىپ قىلغىلى بولمايدىغان، ھەم تەقلىد ‏قىلىش ‏ئارقىلىق‎ ‎باشقا مىللەتلەردىن ئالغىلى بولمايدىغان تۇيغۇلاردۇر. شۇ ۋەجىدىن ‏ئوسمانىيلارنىڭ‎ ‎مۇزىكىسى ‏قائىدىلەردىن شەكىللەنگەن بىر پەن شەكلىدە بولغان ‏بولسا، تۈرك مۇزىكىسى‎ ‎قائىدىسىز، شەكىلسىز ۋە ‏پەنسىز مىلودىيىلەردىن، تۈركنىڭ ‏باغرىدىن ئېتىلىپ چىققان‎ ‎سەمىمىي نەغمىلەردىن ئىبارەتتۇر.
ھالبۇكى، ‏ۋىزانتىيە ‏مۇزىكىسىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ‎ ‎باقساق، بۇنىمۇ قەدىمكى يۇنان كۈلتۈرىنىڭ ‏ئىچىدە كۆرىمىز. ئەدەبىياتىمىزدىمۇ يەنە‏‎ ‎ئىككىلىك بار ئىدى. تۈرك ئەدەبىياتى خەلقنىڭ ماقال – ‏تەمسىللىرى بىلەن‎ ‎تېپىشماقلىرىدىن، خەلق چۆچەكلىرى، مەسەللىرى بىلەن ‏قوشاقلىرىدىن، داستانلىرىدىن،‎ ‎خەلق ‏جەڭنامىلىرى بىلەن مەنقىبەلىرىدىن، خانىقا ‏مۇناجاتلىرى بىلەن نەفەسلىرىدىن‎③‎، خەلقنىڭ كۈلكىلىك ‏لەتىپىلىرىدىن ۋە خەلق ‏تىياتىرلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ماقال‎ – ‎تەمسىللەر بىۋاسىتە خەلقنىڭ ئىلمىي ‏سۆزلىرى ‏ھېسابلىدۇ. تېپىشماقلارنى‎ ‎ياراتقانلارمۇ خەلقتۇر. خەلق مەسەللىرىمۇ شەخسلەر ‏تەرىپىدىن ‏توقۇلغان ئەمەس. بۇلار‎ ‎تۈركلەرنىڭ ئەپسانە دەۋرىدىن باشلاپ ‏ئەنئەنە يولى بىلەن زامانىمىزغا قەدەر ‏يىتىپ‎ ‎كەلگەن جىن-ئالۋاستىلارغا ۋە ‏دىۋىلەرگە ئائىت چۆچەكلىرى ئىدى. «دەدە‎ ‎قورقۇت ‏كىتابى» دىكى ھېكايىلارمۇ بىر ‏شائىردىن يەنە بىر شائىرغا جانلىق‎ ‎شەكىلدە يېزىپ قالدۇرۇلغان خەلق ‏چۆچەكلىرى ‏ئىدى. تۈرك تارىخىدىكى ۋە‎ ‎ئېتنوگرافىيىسىدىكى ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەرمۇ تۈرك ‏‏ئەدەبىياتىنىڭ تەركىبلىرى ئىدى. جەڭنامە ۋە مەنقىبەلەرگە كەلسەك، بۇلار خەلق ‏ئەدەبىياتىنىڭ ‏ئىسلامىي دەۋرگە ئائىت‎ ‎مەھسۇلاتلىرى ھېسابلىنىدۇ. خەلق ‏شائىرلىرىنىڭ قوشاقلىرى بىلەن داستانلىرىمۇ‎ ‎يۇقىرىدا ساناپ ئۆتۈلگەن ‏ئەسەرلەرگە ئوخشاش تۈرك خەلقىنىڭ سەمىمىي ئەسەرلىرى ئىدى‎. ‎بۇلارمۇ ‏شەكىل ‏ۋە تەقلىد بىلەن يارىتىلغان ئەمەس.
ئاشىق ئۆمەر، دەرتلى ۋە‎ ‎قاراجا ئوغلان قاتارلىق ‏شائىرلار ‏خەلقنىڭ سۆيۈملۈك شائىرلىرى ئىدى. خانىقالارمۇ‎ ‎خەلقنىڭ بىر خىل ئىبادەت ‏سورۇنى بولغاچقا، بۇ ‏يەرلەردە بارلىققا كەلگەن مۇناجات‎ ‎ۋە نەفەسلەرمۇ خەلق ‏ئەدەبىياتىغا، شۇ سەۋەبلىك تۈرك ئەدەبىياتىغا ‏ئائىت ئىدى.‎ يۇنۇس ئەمرە ۋە ‏قايغۇسىز بىلەن بەكتاش ئېقىمىدىكى شائىرلار مۇشۇ گۇرۇپپىغا كىرىدۇ.‎ ئوسمانىيلار ئەدەبىياتى بولسا چۆچەكنىڭ ئورنىغا شەخس ھەققىدىكى ھېكايىلار بىلەن‎ ‎‏رومانلاردىن، ‏قوشاق ۋە داستاننىڭ ئورنىغا تەقلىد قىلىش ئارقىلىق توقۇلغان‎ ‎‏غەزەللەر بىلەن فرانسۇز شەكلىدىكى ‏شېئىرلاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ‏ئوسمانىيلار‎ ‎شائىرلىرىنىڭ ھەر بىرى مۇتلەق ھالدا ئىران دەۋرىدىكى ‏بىر پارس ‏شائىرىغا، فرانسۇز‎ ‎دەۋرىدىكى بىر فرانسۇز شائىرىغا ئوخشايدۇ. فۇزۇلى بىلەن ‏نەدىممۇ بۇ تېمىدا ‏پەرقسىز‎ ‎ئەمەس ئىدى. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا ئوسمانىيلارنىڭ ‏يازغۇچىلىرى بىلەن شائىرلىرىنىڭ‎ ‎ھېچبىرى ھەقىقىي ئەمەس ئىدى. ھەممىسى ‏تەقلىدچى بولۇپ، ئەسەرلىرى ئېستېتىك‎ ‎ئىلھامدىن پەيدا ‏بولمىغان. مەسىلەن، ‏نۆكتەچىلىك (مەنىلىك ۋە پاساھەتلىك سۆز‎ ‎قىلىش) جەھەتتىن بۇ ئىككى گۇرۇپپىنى ‏‏سېلىشتۇرۇپ باقايلى، خوجا نەسرىددىن، ئىنجىلى‎ ‎چاۋۇش بەكرى مۇستاپا ۋە ‏بەكتاشى ئاتىلىرى خەلق ‏قىزىقچىلىرى ئىدى. قانى بىلەن‎ ‎سۇرۇرى بولسا ئوسمانىيلار ‏ئوردىسىنىڭ ھەزىلكەشلىرى ئىدى. تەبىئىي ‏نۆكتەچىلىك بىلەن‎ ‎سۈنئىي ھەزىل ‏ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بۇ سېلىشتۇرما ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ‏‎.
قاراگۆز بىلەن مەيدان‏‎ ‎ئويۇنى⑤غا كەلسەك، بۇلارمۇ خەلق ئويۇنى، يەنى تۈرك ‏ئەنئەنىۋىي تىياتىرى ‏ئىدى‎ .‎قاراگۆز بىلەن ھاجىۋاتنىڭ ئۇرۇشى تۈركلەر بىلەن ‏ئوسمانىيلارنىڭ، يەنى ئاشۇ دەۋردىكى‎ ‎كۈلتۈرىمىز بىلەن مەدەنىيىتىمىزنىڭ ‏كۈرەشلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەخلاقتىمۇ ئەينى ئىككىلىكنى‎ ‎ئۇچرىتىمىز. تۈرك ئەخلاقى بىلەن ئوسمانىيلار ‏ئەخلاقى بىر بىرىگە زىتتەك ‏قىلاتتى. مەھمۇد قەشقەرى «دىۋانۇ لۇغەتىت ‏تۈرك» نىڭ‎ ‎‏«تۈرك» ماددىسىدا تۈركلەرنى قىسقىچە تەرىپلەپ ‏مۇنداق ‏دەيدۇ: «تۈركلەردە ھاكاۋۇرلۇق‎ ‎ۋە ماختانچاقلىق يوق، تۈركلەر بۈيۈك قەھرىمانلىق ۋە ‏‏پىداكارلىق كۆرسەتكەن چاغدىمۇ‎ ‎پەۋقۇلئاددە ئىش قىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز كۆرىنىدۇ‎.‎‏»‏‎ ‎جاھىزىمۇ⑥ ‏تۈركلەرنى‎ ‎ئەينەن مۇشۇ شەكىلدە چۈشەندۈرىدۇ. ئوسمانىيلار ‏تىپىغا نەزەر سالساق، قەدىمكى‎ ‎شائىرلىرىدا ئۆزىنى مەدھىيلەش تىزمىلىرىنىڭ، ‏يېڭى ئەدەبىياتچىلىرىدا بولسا‎ ‎كۆرەڭلىك ۋە ‏ماختانچاقلىقنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا ‏تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. سەرۋەتى‎ ‎فۈنۇن ئېقىمى ئوسمانىيلار ‏ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ‏پارلاق دەۋرى ئىدى. بۇ ئېقىمنى‏‎ ‎بويلاپ ماڭغان شائىرلارنىڭ كۆپۈنچىسى ‏گۇمانخور، ‏ئۈمىدسىز ۋە روھىي كېسەل شەكلىدە‏‎ ‎كۆرىنەتتى. ھەقىقىي تۈركلەر بولسا ‏ئېتىقادلىق، ئۈمىدۋار ۋە بىجىرىم ‏ئىدى.
ھەتتا ئالىملىرىمىز ئارىسىدىمۇ‎ ‎ئىككىلىكنى ئۇچرىتىمىز. ئوسمانىيلار ‏ئالىملىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىسمى‎ ‎‏«ئۈلۈمائىي رۇسۇم» (رەسمىي ئالىملار) دەپ ‏ئاتىلاتتى. ئانادولۇدىكى‎ ‎ئالىملار خەلق ئالىملىرى ئىدى. ‏بىرىنچى تۈردىكىلەر ‏مەرتىۋىلىك، لېكىن بىلىمسىز‎ ‎ئىدى. ئىككىنچى تۈردىكىلەر بىلىملىك، لېكىن ‏‏مەرتىۋىسىز ئىدى. سىياسىي ۋە ھەربىي‎ ‎ساھەدىكى بۈيۈك دانىشمەن ئافشار ‏ئۇرۇغىدىكى نادىر شاھ ‏پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى سۈنئىي‎ ‎مەزھىپى دائىرىسىدە ‏بىرلەشتۈرۈش ۋە بارلىق سۇلتانلارنى ئوسمانىيلار ‏پادىشاھىنىڭ‎ ‎بۇيرىقى ئاستىغا ‏كىرگۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە ئىستانبۇلغا دىنىي ۋە‎ ‎سىياسىي بىر ‏ھەيئەت ئەۋەتكەن. ئىستانبۇلدا بۇ ھەيئەت بىلەن كۆرۈشۈش ۋەزىپىسى‎ ‎رەسمىي ‏ئالىملارغا ‏تاپشۇرۇلغان. ئىرانلىق ئالىملار بۇلارغا گەپ چۈشەندۈرۈشكە‎ ‎ئامالسىز ‏قالغاندا، سەدرى ئەئزەم (باش ‏ۋەزىر) گە مۇراجىئەت قىلىپ شۇنداق‎ ‎‏دېگەن: «بىزنىڭ بىلىمدىن باشقا سىياسىي بىر مەرتىۋىمىز يوق. ‏ھالبۇكى،‎ ‎سۆھبەتتە ‏بىز كۆرۈشكەن كىشىلەر يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار‎ ‎بىلەن ‏‏ئارىلاشقاندا ئەركىن گەپ قىلالمايۋاتىمىز. بىزنى پايتەختتىن باشقا يەردىكى‎ ‎‏مەرتىۋىسىز ئالىملار بىلەن ‏كۆرۈشتۈرسىڭىز ناھايىتى مەمنۇن بولاتتۇق‏‎.‎‏» راگىپ ‏پاشانىڭ‎ ‎‏«تەھقىق ۋە تەۋپىق» دېگەن كىتابىدا ‏نەقىل كەلتۈرۈلگەن‎ ‎بۇ ھەقىقىي ‏ۋەقە شۇنى كۆرسىتىپ بىرىدۇكى، نادىر شاھنىڭ بىلىم ھەيئىتى ئوسمانىيلار‎ ‎‏ئالىملىرىغا ئەمەس، بەلكى تۈرك ئالىملىرىغا ھۆرمەت بىلەن قارىغان.
قەدىمكى دەۋرنىڭ ھەتتا سىياسىي ۋە‎ ‎ھەربىي ئۇتۇقلىرىمۇ خەلق ئارىسىدىن ‏چىققان بىلىمسىز ۋە ‏ئوقۇش-يېزىشنى‎ ‎بىلمەيدىغان قوماندانلارغا مەنسۇپ ئىدى. ‏كېيىنچە راگىپ پاشا ۋە سەفىخ ‏ئىبراھىم‎ ‎پاشا قاتارلىق ئوسمانىيلار ‏تەربىيىسىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىرىشكەنلەر ھۆكۈمەتنىڭ‎ ‎بېشىغا چىقا – ‏چىقمايلا ‏ئىشلار بوزۇلۇشقا باشلىغان.‏‎ دېمەك، بۇ ئىجتىمائىي ئىككىلىك پەقەت تەپەككۇر‎ ‎پائالىيىتىگىلا خاس ‏ئىدى. ئۇ چاغلاردا قول ئىشى ‏تۈۋەنكى تەبىقىگە ئائىت دەپ‏‎ ‎قارالغانلىقتىن، ‏يۇقىرى تەبىقە تېخنىكا (ھۈنەر- كەسىپ) نىڭ ھەر تۈرىدىن ‏يىراق‎ ‎تۇراتتى. شۇ ‏سەۋەبلىك مىمارچىلىق، خەتتاتلىق، تاش ئويمىچىلىق، مۇقاۋىچىلىق، ئالتۇن‏‎ ‎‏ھەلچىلىك، ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك، بوياقچىلىق، گىلەمچىلىك، رەختچىلىك، ‏رەسساملىق‎ ‎ۋە نەققاشلىققا ‏ئوخشاش ئەمەلىي تېخنىكىلارنىڭ پەقەت بىر خىللا ‏شەكلى بار ئىدى.‎ ‎ئۇمۇ خەلق تېخنىكىسى ئىدى. ‏دېمەك، ئومۇمەن يۈكسەك گۈزەللىككە ‏ئىگە بۇ سەنئەتلەرنى‎ ‎پەقەت تۈرك سەنئىتى دەپ ئاتايمىز. بۇلار ‏ئوسمانىيلار ‏مەدەنىيىتىگە ئەمەس، تۈرك‎ ‎كۈلتۈرىگە ئائىت ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا بۇ ‏قەدىمكى ‏سەنئىتىمىزنىڭ‎ ‎مەھسۇلاتلىرىنى مىليۇنلاپ پۇل خەجلەپ تۈرلىرى بويىچە ‏توپلاۋاتىدۇ. ياۋروپانىڭ ۋە‎ ‎ئامېرىكىنىڭ موزىيلىرى، زاللىرى پۈتۈنلەي تۈرك ‏ئەسەرلىرى بىلەن تولماقتا‎.‎ ياۋروپادا بۇ تۈرك ‏ھەيرانلىقى «‏Turqueri‏» دەپ ئاتىلىدۇ.
‏ياۋروپانىڭ‎ ‎ھەقىقىي مۇتەپەككۇر ۋە سەنئەتكارلىرى، ‏مەسىلەن، لامارتىنې، ‏ئاۋگۇست كومت، پېئىر‎ ‎لافىت، مىسمېر، پېئىر لوتى ۋە فاررې قاتارلىقلار ‏تۈركلەرنىڭ ‏سەمىمىي سەنئىتىگە،‎ ‎كەمتەر، داغدۇغىسىز ئەخلاقىغا، چوڭقۇر ۋە ‏مۇتەئەسسىپ بولمىغان دىندارلىقىغا،‎ ‎قىسقىسى بارغا قانائەت قىلىش ۋە تەقدىرگە ‏بويۇن ئېگىش بىلەن بىرگە، ئۈمىدۋار ۋە‎ ‎ئىدىئالىزمدىن ‏ئىبارەت بولغان، نامرات، ‏ئەمما بەختلىك ھاياتىغا ھەيران بولغانىدى.‎ لېكىن، بۇلارنىڭ ئاشىق بولغان ‏نەرسىلىرى ‏ئوسمانىيلار مەدەنىيىتىگە كىرگەن، شەكىل‎ ‎ۋە تەقلىد قىلىش بىلەن يارىتىلغان ‏ئەسەرلەر ‏بولماستىن، بەلكى تۈرك كۈلتۈرىنىڭ‎ ‎ئىلھامى بىلەن شەكىللەنگەن ‏ئورگىنال (ھەقىقىي) ئەسەرلەر ئىدى. پەقەت مىللىتىمىزگىلا خاس بولغان بۇ‎ ‎غەيرى ئەھۋالنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نېمە ‏ئۈچۈن بۇ مەملىكەتتە ‏كۆرۈلگەن بۇ ئىككى تىپ،‎ ‎يەنى تۈرك تىپى بىلەن ئوسمانىيلار ‏تىپى بىر بىرىگە بۇ قەدەر زىت؟ نېمە ‏ئۈچۈن‎ ‎تۈرك تىپىنىڭ ھەر بىر نەرسىسى ‏گۈزەل، ئوسمانىيلار تىپىنىڭ ھەر بىر نەرسىسى‎ ‎يېقىمسىز؟ چۈنكى ‏ئوسمانىيلار ‏تىپى تۈرك كۈلتۈرىگە ۋە ھاياتىغا زىيانلىق بولغان‏‎ ‎ئېمپىرىيالىزىم ساھەسىگە ‏ئۆزىنى ئېتىپ ‏كوزموپولت (جاھانپەرەس-ت) قا ئايلاندى‎ .‎سىنىپىي مەنپەئەتنى ‏دەپ ئوسمانىيلار ئىمپېرىيسى كېڭىيىپ ‏يۈزدەك مىللەتنى‎ ‎ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ‏ئالغاندا، ئىدارە قىلغۇچىلار بىلەن كوزموپولتلار‎ – ‎جاھانپەرەسلەر ‏ئوسمانىيلار ‏سىنىپىنى، ئىدارە قىلىنغان تۈركلەرمۇ تۈرك سىنىپىنى‎ ‎شەكىللەندۈرگەن.
بۇ ئىككى ‏سىنىپ بىر ‏بىرىگە ئۆچ ئىدى. ئوسمانىيلار سىنىپى ئۆزىنى‎ ‎ھۆكۈمران مىللەت ‏سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئىدارە قىلىۋاتقان ‏تۈركلەرگە مەھكۇم مىللەت‎ ‎نەزىرى بىلەن ‏قارايتتى. ئوسمانىيلار ھەر قاچان تۈركلەرنى‎ ‎‏«ئىشەك‎ ‎تۈركلەر» دەپ ئاتايتتى. تۈرك ‏يېزىلىرىغا رەسمىي بىر كىشى كەلگەندە‎ ‎‏«ئوسمانىيلار كەلدى» دەپ ھەر ‏قانداق ‏كىشى قاچاتتى. تۈركلەر‏‎ ‎ئارىسىدا قىزىل باشلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىنىمۇ مۇشۇنداق ‏پەرقلىق ‏ئەھۋال ئارقىلىق‏‎ ‎چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ‎ ‎بىلەن بىرگە دىن جەھەتتىن ئوسمانىيلاردىن ئايرىلمىغان سۈنئىي ‏مەزھىپىدىكى‎ ‎تۈركلەرمۇ ‏مىللىي كۈلتۈر جەھەتتىن ئوسمانىيلار ئىمپېرىيسىگە ‏باغلانغان. بۇلارمۇ‎ ‎ئۆز ئالدىغا بىر مىللىي كۈلتۈر ‏يارىتىپ، ئوسمانىيلار ‏مەدەنىيىتىگە قارىتا تامامەن‎ ‎ئالاقىسىز ئورۇنغا ئۆتكەن. ئوسمانىيلار مەدەنىيىتىنىڭ ‏‏ۋەكىللىرى «ئۈستۈن‎ ‎تەبىقىدىكىلەر» دەپ ئاتالغىنىدەك، تۈرك كۈلتۈرىنىڭمۇ ‏شائىرلىرى، ئاشىقلىرى،‎ ‎ئاتىلىرى ۋە ئۇستىلىرى بار ئىدى. دېمەك، مەملىكىتىمىزدە ‏ئىككى خىل ۋەكىللەر بار‎ ‎ئىدى. بۇلارنىڭ بىرى ‏سارايغا ۋەكىللىك قىلاتتى. بۇلارنىڭ ‏تۇرمۇشىنىمۇ ساراي‎ ‎قامدايتتى.
مەسىلەن، ئوسمانىيلار ‏شائىرلىرى سارايدىن ‏جائىزە⑦ ئېلىش ئارقىلىق‏‎ ‎ياشىغىنىدەك، ئوسمانىيلار مۇزىكانتلىرىمۇ ساراينىڭ ‏‏بەرگەن ھەدىيىسى ۋە مۇئاشى‎ ‎بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزەتتى. نامى چىققان ئوسمانىيلار ‏ئالىملىرى قازى ‏ئەسكەرخانا ۋە‏‎ ‎قازىخانىلاردىن يۇقىرى مۇئاش ۋە پۇل ئالاتتى. ‏خەلقنىڭ سازەندە ۋە شائىرلىرى،‎ ‎خەلقنىڭ مۇئەللىملىرى ۋە شەيىخلىرىدىن ‏ئىبارەت بولغان تۈرك ئۆلۈمالىرىنىڭ‎ ‎تۇرمۇشىنى بولسا پەقەت ‏خەلق قامدايتتى. ‏شۇڭلاشقا، گۈزەل سەنئەتتە ۋە باشقا‎ ‎ساھەلەردە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۇستىلار، ‏‏يىگىتبېشى⑧ ۋە ئاخى ئاتىلىرى پەقەت‏‎ ‎خەلق سىنىپىدىن يېتىشىپ چىقاتتى. بۇلار ‏دائىم خەلق ۋە تۈرك ‏سۈپىتىنى‎ ‎ساقلايتتى.‏‎ كۆرۈلۈپ‎ ‎تۇرۇپتىكى، مىللىي كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەتنى بىر بىرىدىن ‏ئايرىيدىغان نەرسە‎ ‎كۈلتۈرنىڭ ‏تۇيغۇدىن، مەدەنىيەتنىڭ بىلىمدىن شەكىللەنگەن ‏بولۇشىدىن ئىبارەت‎.‎ ئىنساندىكى تۇيغۇ ئۇسۇل- ‏شەكىل ۋە ئىرادىگە باغلىق ‏ئەمەس. بىر مىللەت باشقا بىر‎ ‎مىللەتنىڭ دىنىي، ئەخلاقىي ۋە ئىستېتىك ‏تۇيغۇلىرىنى ‏تەقلىد قىلالمايدۇ. مەسىلەن،‎ ‎تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دىنىدا كۆك تەڭرى ‏‏مۇكاپات تەڭرىسى ئىدى. ئۇ‎ ‎جازالاشقا ئارىلاشمايتتى. جازا تەڭرىسى ئەرلىكخان ‏دېگەن ئىسىمدىكى ‏باشقا بىر‎ ‎ئەپسانىۋىي ئوبراز ئىدى. تەڭرى يالغۇز گۈزەللىك ‏سۈپىتى بىلەن تۇنۇلغانلىقى ئۈچۈن،‎ ‎قەدىمكى تۈركلەر پەقەت ئۇنىڭغا مۇھەببەت ‏باغلىغان ئىدى. تەڭرىگە قارىتا قورقۇش ھېس‎ ‎قىلمايتتى. ‏ئىسلامىيەتتىن كېيىن ‏تۈركلەردە‎ ‎‏«مۇھەببەتۇللاھ» (تەڭرى‎ ‎مۇھەببىتى) نىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى بۇ ‏‏قەدىمكى ئەنئەنىنىڭ داۋامىدىن ئىبارەت‎ ‎ئىدى. تۈركلەردە ‏‏«مەنھافەتۇللاھ» (تەڭرىدىن ‏قورقۇش) ئىنتايىن ئاز‏‎ ‎ئۇچرايدۇ. ئىستانبۇلدا ۋە ‏ئانادولۇدا ئېيتىلغان ۋەئىزلەرنىڭ تەجرىبىلىرى ‏كۆرسىتىپ‎ ‎بەردىكى، گۈزەللىككە ۋە ‏ياخشىلىققا دائىر ۋەئىز ئېيتقانلارنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرى‎ ‎بارغانسېرى ‏كۆپەيگەن، ‏جەھەننەمدىن ۋە ئۇنىڭدىكى قىينىغۇچىلاردىن سۆز ئاچىدىغان‏‎ ‎ۋەئىزنىڭ ‏ئاڭلىغۇچىلىرى ‏بولسا بارغانسېرى ئازىيىپ كەتكەن. تۈركلەرنىڭ قەدىمكى‎ ‎دىنىدا ‏قاتتىق سوپىلىق ئىبادەتلەر يوق ‏بولۇپ، ئىستېتىك ۋە ئەخلاقىي مۇراسىملار كۆپ‎ ‎‏ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ ‏تۈركلەر ئەڭ كۈچلۈك بىر‎ ‎‏ئىمانغا، ئەڭ سەمىمىي بىر دىن تۇيغۇسىغا ئىرىشىپ قۇرۇق سوپىلىق ۋە‏‎ ‎‏مۇتەئەسسىپلىكتىن يىراق تۇردى. بۇ تېمىدا يۇنۇس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ‏ئۆتۈش‎ ‎يىتەرلىكتۇر.
‏تۈركلەرنىڭ جامىئەلەردە مۇناجات ۋە مەۋلۇد ئۇقۇشقا، خانىقالاردا‎ ‎‏شېئىر ۋە مۇزىكىغا يۇقىرى ئورۇن ‏بېرىشى ئىستېتىك دىندارلىق ئۆرنىكىگە‎ ‎‏ماسلاشقانلىق سەۋەبىدىن ئىدى. قەدىمكى تۈرك دىنىدا تۈرك تەڭرىسى تىنچلىق تەڭرىسى ئىدى. تۈرك دىنىنىڭ‎ ‎‏ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ ‏بىرىدىغان «ئىل» ‎سۆزى ‎‏«تىنچلىق» مەنىسىنى بىلدۈرەتتى. ‏‏«ئىلچى» سۆزى‎ ‎‏«تىنچلىقپەرۋەر» دېگەن ‏مەنىدە بولغىنىدەك، «ئىلخان» مۇ ‏‏«تىنچلىق‎ ‎خاقانى» دېگەنلىك ئىدى. تۈرك ئىلخانلىرى مانجۇرىيىدىن‏‎ ‎‏ماجارىستان (ھۇنگرىيە- ۋېنگرىيە) غا قەدەر دائىملىق تىنچلىق ۋەزىيىتىنى ياراتقان‏‎ ‎‏تىنچلىق سۆيەر ‏ئاۋانگارتلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەڭ قەدىمكى تۈرك دۆلىتىنىڭ‎ ‎قۇرغۇچىسى بولغان مەتە (باتۇر تەڭرىقۇت-ت) نىڭ ‏يۈكسەك ئەخلاقىنى ‏تىنچلىق‎ ‎سۆيەرلىكىنى ۋە ئىمپېرىيالىزمدىن يىراق تۇرۇشىنى ‏‏«يېڭى مەجمۇئە» دە‎ ‎يازغانىدىم. تۈرك ‏تىنچلىق سۆيەرلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى مەتە ‏ھېسابلىنىدۇ. تۈركلەرنىڭ بۇ قەدىمىي تىنچلىق‎ ‎ئەنئەنىسىنىڭ سايىسىدە تۈرك ھۆكۈمدارلىرى ‏ئىسلام دەۋرىدىمۇ ھەر ‏ۋاقىت‎ ‎يېڭىلگەنلەرگە شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ‏ھەر ۋاقىت ئۆزلىرىنى تىنچلىقنىڭ‎ ‎مەھسۇلى دەپ ‏قارىدى. تۈرك تارىخى باشتىن ‏تارتىپلا بۇ ھالەتكە ئىسپات بولىدۇ‎ .‎ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن شۇ قەدەر ‏‏ئەيىپلەنگەن ئاتتىلامۇ يەنە ئۇلارنىڭ‎ ‎چۈشەندۈرۈشىگە كۆرە يېڭىلگەن مىللەتلەر ‏قانداق ۋاقىتتا تىنچلىق ‏تەلەپ قىلسا دەرھال‎ ‎قوبۇل قىلغان. ئۇلار ئاتتىلانىڭ ‏‏«تەڭرىنىڭ قۇتى» دېگەن ئۈنۋانىنى‎ ‎‏«تەڭرىنىڭ ‏بالا قازاسى» شەكلىدە تەرجىمە ‏قىلىش ئارقىلىق تارىخىي بىر‎ ‎جىنايەت پەيدا قىلغان. تۈركلەرنىڭ پۈتكۈل ‏سەنئەت ‏تارماقلىرىدا ئېنىق كۆرۈلگەن‎ ‎ئىستېتىك خۇسۇسىيەتلىرى، تەبىئىي ھالدا پار-پۇر ‏خىشلاردا، ‏مىمارچىلىق ۋە يېزىق‎ ‎سەنئىتىدە نامايەن قىلغانلىرىمۇ پۈتۈنلەي مۇشۇ ‏ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت ئىدى‎.‎
تۈركلەرنىڭ گۈزەل سەنئىتىدىكىگە ئوخشاش، ‏دىنىي ھاياتىدا ۋە ئەخلاقىدىمۇ پۈتۈنلەي‏‎ ‎مۇشۇ ‏ئالاھىدىلىكلەرنىڭ يىتەكچى ئورۇندا ‏تۇرغانلىقى كۆرىلىدۇ. بۇ مىسالدىن چۈشىنىۋالغىلى‎ ‎بولىدۇكى، بىر كۈلتۈرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن تۈرلۈك ‏ئىجتىمائىي ھاياتلار ‏ئارىسىدا‎ ‎ھەقىقىي بىر باغلىنىش ۋە ھەقىقىي بىر ئويۇشۇش ‏بار. تۈركلەرنىڭ تىلى قانداق ساپ‎ ‎بولسا، دىن، ‏ئەخلاق، گۈزەللىك، سىياسىي، ‏ئىقتىساد ۋە ئائىلە ھاياتىمۇ شۇنداق ساپ‎ ‎ۋە سەمىمىيدۇر. تۈركلەرنىڭ ‏ھاياتىدىكى ‏زوقمەنلىك، جەلپكارلىق ۋە ھەقىقىيلىك بۇ‎ ‎يېتەكچى خاراكتېرنىڭ بىر خىل ‏ئىنكاسىدىن ‏ئىبارەت. لېكىن، مىللىي كۈلتۈرنىڭ‎ ‎تەركىبلىرى ئارىسىدىكى بۇ ‏بىرىكىشكە قاراپلا مەدەنىيەتنىمۇ بىر ‏بىرىگە‎ ‎ماسلىشىدىغان تەركىبلەردىن ‏مەيدانغا كېلىدۇ، دەپ قاراش توغرا ئەمەس. ئوسمانىيلار‎ ‎مەدەنىيىتى تۈرك، ئىران، ‏ئەرەب كۈلتۈرلىرى بىلەن ئىسلام دىنىدىن، شەرق مەدەنىيىتى‏‎ ‎بىلەن كېيىنچە ‏‏غەرب مەدەنىيىتى مۇئەسسەسەلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن بىر ئارىلاشمىدىن‎ ‎‏ئىبارەت ئىدى. بۇ ‏مۇئەسسەسەلەر ھېچقاچان بىر بىرىگە ماسلىشىپ چىڭ ‏بىرىككەن بىر‎ ‎پۈتۈن ھالەتكە كىرەلمىدى. بىر ‏مەدەنىيەت پەقەت بىر مىللىي كۈلتۈرگە ‏قوبۇل‎ ‎قىلىنالىسا ياكى سىڭالىسا جىپسىلەشكەن بىر پۈتۈنلۈككە ‏ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، ‏ئىنگلىز‎ ‎مەدەنىيىتى ئىنگلىز كۈلتۈرىگە قوبۇل قىلىنالىغان. شۇ سەۋەبلىك، ئىنگلىز ‏‏كۈلتۈرىگە‎ ‎ئوخشاش ئىنگلىز مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبلىرى ئارىسىدىمۇ ئويۇشۇش ‏بار. مىللىي كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەت‎ ‎ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇكى، ھەر بىر ‏مىللەتنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن بىر ‏مىللىي كۈلتۈرى‎ ‎بولىدۇ. بىر مىللەت كۈلتۈر جەھەتتىن ‏يۈكسەلگەنسېرى سىياسىي تەرەپتىنمۇ يۈكسىلىپ‎ ‎كۈچلۈك بىر دۆلەت شەكىللەندۈرىدۇ. ‏يەنە بىر تەرەپتىن كۈلتۈرنىڭ يۈكسىلىشىدىن‎ ‎مەدەنىيەت تۇغۇلۇشقا ‏باشلايدۇ. ‏مەدەنىيەت دەستلەپتە مىللىي كۈلتۈردىن تۇغۇلغان‏‎ ‎بولسا، كېيىنچە قوشنا مىللەتلەرنىڭ ‏‏مەدەنىيىتىدىنمۇ بىر مۇنچە مۇئەسسەسەلەرنى‎ ‎ئالىدۇ. ئەمما، مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدە ‏زىيادە بىر ‏تەرەققىياتنىڭ مەيدانغا كېلىشى‎ ‎زىيانلىقتۇر. رىبوت مۇنداق دەيدۇ: ‏‏«ئىدىيىنىڭ زىيادە تەرەققىي قىلىشى‎ ‎خاراكتېرنى بوزىدۇ‎.‎‏»‏‎ ‎كىشىنىڭ ئىدىيىسى ‏قانداق بولسا، مىللەتتىمۇ مەدەنىيەت‎ ‎شۇنداق بولىدۇ. كىشىنىڭ ‏خاراكتېرى قانداق بولسا، ‏جەمئىيەتنىڭ زىيادە تەرەققىياتىمۇ‎ ‎مىللىي كۈلتۈرنى ۋەيران قىلىدۇ. مىللىي ‏كۈلتۈرى ‏ۋەيران بولغان مىللەتلەر‎ ‎‏«گۇمران بولغان مىللەتلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. ‏
مىللىي كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەتنىڭ‎ ‎ئاخىرقى بىر مۇناسىۋىتى شۇكى، مىللىي ‏كۈلتۈرى كۈچلۈك، لېكىن ‏مەدەنىيىتى ئاجىز بىر‎ ‎مىللەت بىلەن مىللىي كۈلتۈرى بۇزۇلغان، ‏لېكىن‎ ‎مەدەنىيىتى يۇقىرى بولغان باشقا بىر‎ ‎مىللەت سىياسىي كۈرەشكە كىرگەندە ‏مىللىي كۈلتۈرى كۈچلۈك مىللەت ھەر ۋاقىت غەلىبە‎ ‎قىلغان. ‏مەسىلەن، قەدىمكى ‏مىسىرلىقلارنىڭ مەدەنىيىتى يۈكسەلگەندە مىللىي كۈلتۈرى‎ ‎بۇزۇلۇشقا باشلىغان. ئۇ ‏‏چاغدا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن پارس دۆلىتى بولسا مەدەنىيەتتە‎ ‎تېخىچىلا ئارقىدا ‏قالغان بولسىمۇ، ‏كۈچلۈك بىر مىللىي كۈلتۈرگە ئىگە ئىدى. مۇشۇ‎ ‎شەكىلدە ئىراندىمۇ ‏مەدەنىيەت يۈكسەلدى. بۇنىڭغا ‏مۇقابىل مىللىي كۈلتۈرى‎ ‎زەئىپلىشىشكە يۈزلەندى. بۇ ‏قېتىم ئاۋۋال مىللىي كۈلتۈرى بۇزۇلمىغان‎ ‎يۇنانلىقلاردىن يېڭىلىپ قالدى. بىر ‏مەزگىلدىن كېيىن يۇنان كۈلتۈرىمۇ بۇزۇلۇشقا‎ ‎باشلىغانلىقتىن، مەيلى ‏يۇنانلىقلار بولسۇن ‏ياكى ئىرانلىقلار بولسۇن، كۈچلۈك مىللىي‎ ‎كۈلتۈرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ‏‏مەدەنىيەتسىز ماكېدونىيىلىكلەرگە يېڭىلدى. شەرقتە‎ ‎ئەشقانى ۋە ساسانىي ‏ئائىلىرىنىڭ، غەرپتە ‏رىملىقلارنىڭ مىللىي كۈلتۈرى بۇزۇلۇشقا‎ ‎باشلىغان ‏ماكېدونىيىلىكلەردىن ئۈستۈن كېلىشىنىمۇ ئەينى ‏شەكىلدە چۈشەندۈرگىلى‎ ‎بولىدۇ. ‏نىھايەت مەدەنىيەتتە ھېچقانداق نىسىۋىسى (ھەسسىسى) بولمىغان، ‏لېكىن مىللىي‎ ‎‏كۈلتۈردە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئەرەبلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەم ساسانىيلارنى ھەم‎ ‎‏رىملىقلارنى يەڭدى.
ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا ئەرەب مىللىتىمۇ مەدەنىيلىشىشكە‏‎ ‎‏باشلىغانلىقتىن، ‏مىللىي كۈلتۈرىنى يوقىتىپ، سىياسىي ھۆكۈمرانلىقى‎ ‎تۈركىستان (ئوتتۇرا ‏ئاسىيا-ت) دىن يېڭى ‏كەلگەن ئەخلاقلىق ۋە قائىدە – يوسۇنلۇق‏‎ ‎سەلجۇق تۈركلىرىگە ‏تەسلىم بولدى. ئەخلاق ۋە قائىدە – ‏يوسۇن تۈركلەرنىڭ مىللىي‎ ‎كۈلتۈرىدىن باشقا ‏نەرسە ئەمەس ئىدى. تۈركلەرنىڭ (ئاپتور بۇ يەردە ‏ئانادولۇ‎ ‎تۈركلىرىنى دېمەكچى- ‏ت) ھازىرغا قەدەر مۇستەقىل تۇرۇشى، چاناققەلئەدىن ئىنگلىزلار‏‎ ‎بىلەن ‏فرانسۇزلارنى ‏قوغلاپ چىقىرىشى ۋە ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن ئىنگلىزلارنىڭ‎ ‎قوراللىرى ۋە ‏مەبلىغى بىلەن ‏قوراللانغان يۇنانلىقلار بىلەن ئەرمەنلەرنى يېڭىپ، بۇ‎ ‎ئارقىلىق ‏مەنىۋىي جەھەتتىن ئىنگلىزلارنى مەغلۇب ‏قىلىشىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مىللىي‎ ‎‏كۈلتۈرنىڭ كۈچلۈك ھېمايىسىدىن بولغان. مىللىي كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەت ئارىسىدىكى بۇ خىل‎ ‎مۇناسىۋەت ‏ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ‏ئەمدى تۈركچىلىك⑨ نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى‎ ‎ۋە بۇ ‏مەملىكەتتە قانداق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ ‏زرۈرلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ‎ ‎‏ئۆتىمىز.
ئوسمانىيلار مەدەنىيىتى ئىككى سەۋەبتىن يوقىلىشقا مەجبۇر بولدى‎ .‎‏بىرىنچىسى، ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ بارلىق ئىمپېرىيىلەرگە ئوخشاش ‏ئۆتكۈنچى‎ ‎گۇرۇھتىن ‏ئىبارەت بولۇشى ئىدى. ئاخىرىغىچە ياشايدىغانلىرى بولسا ‏ئۆتكۈنچە گۇرۇھ‏‎ ‎ئەمەس، بەلكى توپلۇق ‏‏(خەلق) تۇر. جەمئىيەتكە كەلسەك، بۇ يالغۇز ‏مىللەتتىن‎ ‎ئىبارەتتۇر. ئەسىر مىللەتلەر مىللىي خاسلىقىنى ‏ئىمپېرىيىلەرنىڭ ‏كوزموپولت ئىدارىسى‎ ‎ئاستىدا پەقەت بىر مەزگىل ئۇنتۇيدۇ. بىر كۈنىگە ‏كەلگەندە ‏قانداقلا بولمىسۇن‎ ‎مىللەتتىن ئىبارەت بولغان ھەقىقىي توپلۇق پادىغا ‏ئايلىنىش ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ،‎ ‎مەدەنىي مۇستەقىللىقىنى ۋە سىياسىي ھوقۇقىنى ‏تەلەپ قىلىدۇ. ياۋروپادا بەش يۈز‎ ‎يىلدىن بېرى بۇ ‏ھەرىكەت داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ‏شۇڭا، بۇ تەرەققىياتتىن خالى‎ ‎ياشىغان ئاۋسترىيە، روسسىيە ۋە ‏ئوسمانىيلار ‏ئىمپېرىيىلىرىمۇ ئىلگىرىكى ئۆز‎ ‎خىللىرىغا ئوخشاش تارقىلىپ كېتىشكە ‏يۈزلىنەتتى. ئىككىنچى ‏سەۋەب، غەرب‎ ‎مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىپ شەرق مەدەنىيىتىنى ‏تامامەن ھالدا يوقىتىۋېتىش كۈچىگە‎ ‎ئېرىشىشى ئىدى. روسسىيىدە ۋە بالقان ‏دۆلەتلىرىدە غەرپ مەدەنىيىتى شەرق‎ ‎مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىنى ‏ئالغىنىدەك، ‏ئوسمانىيلار ئىمپېرىيسىدىمۇ ئەينى ئەھۋال باش‎ ‎كۆتۈرەتتى. شەرق مەدەنىيىتى ‏بەزىلەرنىڭ ‏قارىغانىدەك، ھەقىقىي ئىسلام مەدەنىيىتى‎ ‎ئەمەس. ئۇنىڭ مەنبەسى ‏شەرقىي رىم مەدەنىيىتى ئىدى. ‏شۇنىڭدەك غەرب مەدەنىيىتىمۇ‎ ‎خرىستىئان ‏مەدەنىيىتى ئەمەس، ئۇ غەربىي رىم مەدەنىيىتىنىڭ بىر ‏داۋامىدىن ئىبارەت‎ .‎‏ئوسمانىيلار شەرقىي رىم مەدەنىيىتىنى بىۋاسىتە ۋىزانتىيە – شەرقىي رىمدىن‏‎ ‎‏ئالمىدى. ئۆزلىرىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان ئەرەبلەر بىلەن پارسلار بۇ‎ ‎‏مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقتىن، ‏ئوسمانىيلار ئۇنى بۇ دىنداش مىللەتلەردىن‎ ‎‏ئالغانىدى. شۇ سەۋەبلىك، بۇ مەدەنىيەتنى بەزى ‏مۇتەپەككۇرلار ئىسلام مەدەنىيىتى‎ ‎‏دەپ ئاتىدى. غەرب‎ ‎مەدەنىيىتىنىڭ ھەر يەردە شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ‏تەبىئىي بىر‎ ‎قانۇنىيەتكە ‏ئايلانغاندا، تۈركىيىدىمۇ مۇشۇنداق بولۇشى زۆرۈر ئىدى. ئۇ ‏ھالدا شەرق‎ ‎مەدەنىيىتى دائىرىسىدىكى ‏ئوسمانىيلار مەدەنىيىتى خالىسۇن ياكى ‏خالىمىسۇن بەرىبىر‎ ‎يوقىلىپ، ئونىڭ ئورنىنى بىر تەرەپتىن ئىسلام ‏دىنى بىلەن ‏بىرلىكتە تۈرك كۈلتۈرى،‎ ‎يەنە بىر تەرەپتىن غەرب مەدەنىيىتى ئىگىلەيتتى. ‏تۈركچىلىكنىڭ ‏ۋەزىپىسى دەل بىر‎ ‎تەرەپتىن خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان تۈرك ‏كۈلتۈرىنى ئىزدەپ تېپىش، يەنە بىر‎ ‎تەرەپتىن غەرب مەدەنىيىتىنى تولۇق ۋە ‏جانلىق شەكىلدە ئېلىپ مىللىي كۈلتۈرگە قوبۇل‏‎ ‎قىلدۇرۇشتىن ‏ئىبارەت. ‏‎
تانزىماتچىلار ئوسمانىيلار مەدەنىيىتىنى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنى ‏ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى. ‏ھالبۇكى، ئىككى خىل مەدەنىيەت تەڭ‎ ‎داۋاملىشالمايدۇ. ‏سىستېمىسى بىر بىرىگە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن، ‏ئىككىلىسى بىر‎ ‎بىرىنى بۇزۇشقا ‏سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن غەربنىڭ مۇزىكا سەنئىتى بىلەن شەرقنىڭ‎ ‎مۇزىكا ‏‏سەنئىتى بىر بىرىگە ماسلاشمايدۇ. غەربنىڭ تەجرىبىچىل مەنتىقىسى بىلەن‏‎ ‎‏شەرقنىڭ مەدرىسە مەنتىقىسى ‏بىر بىرى بىلەن چىقىشالمايدۇ. بىر مىللەت يا شەرققە‎ ‎‏تەۋە بولىدۇ يا غەربكە تەۋە بولىدۇ. ئىككى دىنغا ‏ئېتىقاد قىلىدىغان بىر ئادەم‎ ‎‏بولمىغىنىدەك، ئىككى مەدەنىيەتكە تەۋە بىر مىللەتمۇ بولمايدۇ. تانزىماتچىلار ‏بۇ‎ ‎نوقتىنى ‏چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئېلىپ بارغان يېڭىلىق ھەرىكەتلىرىدە غەلىبىگە‎ ‎‏ئىرىشەلمىدى.‏‎ تۈركچىلەر(11) گە كەلسەك بۇلار ئاساسەن ۋىزانتىيە – شەرقىي رىمدىن‏‎ ‎‏كەلگەن شەرق مەدەنىيىتىنى ‏پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، غەرب مەدەنىيىتىنى تولۇق ‏شەكىل‎ ‎بىلەن ئېلىشنى ئارزۇ قىلغانلىقتىن ‏تەشەببۇسلىرىدا ئۇتۇق قازىناتتى. ‏تۈركچىلەر‎ ‎تامامەن تۈرك ۋە مۇسۇلمانلىق خاراكتېرىنى ساقلاش شەرتى ‏بىلەن، غەرب ‏مەدەنىيىتىگە‎ ‎تولۇق ۋە كەسكىن شەكىلدە كىرىشنى خالايدىغانلاردۇر. ئەمما، غەرب ‏‏مەدەنىيىتىگە‎ ‎كىرىشتىن بۇرۇن، مىللىي كۈلتۈرىمىزنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنى ‏ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز‎ ‎كىرەك.

ئىزاھلار:‏‎
(1) مىللىي كۈلتۈر — ئۇيغۇرلار‏‎ ‎‏«مىللىي مەدەنىيەت»، خەنزۇلار ‏文化‏ دەپ ‏ئاتاۋاتقان ئۇقۇم — ت.‏‎
(2) ‏مەدەنىيەت — خەنزۇلار ‏文明‏‎ ‎دەپ ئاتاۋاتقان، لېكىن ئۇيغۇرلار خاتا ھالدا ‏مەدەنىيلىك دەپ ‏ئاتاۋاتقان ئۇقۇم‎ — ‎ت.‏‎
(3) نەفەس — ئەلەۋى ۋە‏‎ ‎بەكتاش ئېتىقادلىرىغا مەدھىيە ئوقۇش ئۈچۈن يېزىلغان ‏بىر خىل نەزمە شەكلى‎ — ‎ت.‏‎ ‏
(4) قاراگۆز — تۆگىنىڭ‎ ‎تېرىسى ياكى كارتون قەغەزدىن كېسىپ بويالغان ‏ئىنسان شەكىللىرىنى ئاق بىر ‏پەردە‎ ‎ئۈستىگە كەينى تەرىپىدىن نۇر چۈشۈرۈپ ‏كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوينىلىدىغان ئويۇن- ت‏‎
(5) مەيدان ئويۇنى — بۇ‏‎ ‎سەھنە، پەردە، دېكوراتسىيە، سۇفلور (ئارتىسللارغا ‏رولنىڭ سۆزلىرىنى ئېيتىپ‎ ‎بەرگۈچى ئادەم) ئىشلەتمەي خەلق ئارىسدا ‏ئوينايدىغان تۈرك خەلق تىياتىرى — ت
(6) جاھىزى — ئەرەپلەردىن چىققان‏‎ ‎مەشھۇر ئەدىب. ئۇنىڭ «تۈركلەرنىڭ ‏پەزىلىتى» دېگەن ئەسىرى بەك‎ ‎مەشھۇر.
(7) جائىزە‏‎ — ‎قەدىمكى زاماندا شائىرلارغا چوڭلار تەرىپىدىن بىرىلگەن ‏نەرسە — ت.
(8) يىگىتبېشى — ئوسمانىيلار‏‎ ‎دەۋرىدە كاسىپلار- ھۈنەرۋەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ‏بۇيرىقىنى ئىجرا قىلغۇچى ‏ئادەم،‎ ‎ئاقساقال — ت.
(9) ‏تۈركچىلىك — ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ‏ئوسمانىيلارغا ۋە‎ ‎ئىسلامچىلىققا ‏مۇقابىل ھالدا تۈركلۈك ھېسسياتىنى تەشەببۇس قىلىش ‏ئېقىمى — ت.
(10) تانزىماتچىلار — سۇلتان‏‎ ‎ئابدۇلمەجىد دەۋرىدە، يەنى 1839-يىلى «گۈلخانە ‏خەتتى ھۇمايۇنۇ» ئىسمى‎ ‎بىلەن ئاتالغان بىر بۇيرۇق بىلەن ئىلان قىلىنغان ھۆكۈمدارلار ‏گۇرۇھىنى رەتكە سېلىش‎ ‎لاھىيىسىنىڭ ‏ھېمايىچىلىرى—ت.‏‎
(11) تۈركچىلەر — تۈركلۈك ھېسسىياتىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى — ت. ‏‎

https://www.akademiye.org/ug/?p=158161
Share
1636 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.