logo

trugen jacn

زىيالى ۋە سىياسىيون توغۇرسىدا كۆز قاراشلىرىم

 

ئاۋازلىق ئاڭلاش

مەمەت ئىمىن

بىزدە ”ئالىم بولغۇچە ئادەم بول“ دىگەن ئاتا سۆزى بار. بۇنداق دىگەنلىك يالغۇز ئادەم بولساڭ، ئالىم بولمىساڭمۇ بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. بۇ دىگەنلىك ئالىم بول، ھەم شۇنداق ئادەم بولۇشنىمۇ ئۇنۇتما دىگەنلىك. ئالىم دىگەنلىك پەقەت كۆپ نەرسە بىلىدۇ دىگەنلىك، ئەگەر ئۇ شۇ بىلگەن بىلىمىنى توغۇرا ئورۇنغا ئىشلەتمىسە، ئۇ ئالىم ئەمەس بەلكىم زالىم بولىشى، ۋە خەلققە بالا ئاپەت ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن.

روسىيەلىك داڭلىق يازغۇچى، شائىر ۋىسارىيون بەلىنىسكى مۇنداق دىگەن ئىكەن: زىيالى، شائىر، ئەسكەر، ئادۇكات بولماق ياخشىدۇر، بىراق ئادەم بولماسلىق خاتادۇر

بىر مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشى، روناق تىپىشى ۋە بۇ دۇنيادا قانچە ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالىشى ئۇلاردىن چىققان ئالىم ۋە زىيالىلارنىڭ ئاز كۆپلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئارانلا  15 مىلىيۇن نوپۇسى بار يەھۇدىلارنىڭ دۇنياغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ ئالىم ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ ناھايتى كۆپ بولغانلىقىدىندۇر. يىتەرلىك ئالىم ۋە بىلىم ئادەملىرى بولمىغان، ياكى ئالىم، زىيالىلىرىنى تونىمىغان، ئۇلارنى ئىتىراپ قىلمىغان، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلمىغان مىللەت ھەرگۈز روناق تاپالمايدۇ، ھەتتا باشقىلارغا بىقىندا بولىشى مۈمكىن.

زىيالى ھەقىقەتەنمۇ بىر مىللەتنىڭ ئاساسى كۈچى، يول باشچىسى، مەنىۋى ئوزىقى ۋە ئۈمۈدىدۇر. ئۇنداقتا زىيالى دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ سىياسىيون بىلەن پەرىقى نىمە؟ مەن تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

زىيالى دىگىنىمىز مەلۇم كەسسىپ بويىچە ئالى مەكتەپ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى تەربىيە ئالغان ۋە شۇ كەسسىپ بويىچە ئۈسلىكسىز ئىزدىنىۋاتقان بىلىم ئادەملىرى.

زىيالىلارنى، ئۇلارنىڭ بىلىم داھىرسىگە، بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلىقىغا، ئىلمى پوسىتسىيەسىگە، ۋە ئۇلارنىڭ بىتەرەپلىمىكىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرگە ئايرىش مۈكىن.

  1. زىيالى : ئالى مەكتەپ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى تەربىيە كۆرگەن ھەرقانداق بىلىم ئادەملىرى؛ ئۇ كۆپۈنچە ھالدا ئۇنۋىرسال بىر ئۇقۇم.
  1. بىقىندا زىيالى : مەلۇم ئورگان، مەلۇم پارتىيە، مەلۇم گۇرۇھ ۋە ئۆزى تەۋە بولغان داھىرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىلىم ئادەملىرى؛
  1. مۇستەققىل زىيالى: ھىچقانداق گۇرپا، ھىچقانداق پارتىيە، ھىچقانداق تەشكىلات ۋە ئىدىلوگىيەنىڭ تەسىرگە ئۇچۇرماي، بىتەرەپلىمىلىك بىلەن مۇستەققىل مەشغۇلات ئىلىپ بارىدىغان بىلىم ئادەملىرى.
  1. مۇتىخەسىس: مەلۇم كەسسىپتە چوڭقۇرلاپ بىلىم ئالغان، ۋە شۇ كەسسىپتە ئۈزلۈكسىز تەربىلىنىپ بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بولغانلار؛
  1. ئالىم : مەلۇم كەسسىپتە چوڭقۇرلاپ بىلىم ئالغان ۋە شۇ كەسسىپ بويىچە مەخسۇس تەتقىتقات ئىلىپ بىرىپ بەلگۈلۈك يىڭىلىق ۋە نەتىجە ياراتقانلار؛

سىياسىيون  دىگىنىمىز مەلۇم گۇرپا، مەلۇم تەشەببۇس ۋە مەلۇم بىر ئىدىلوگىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ۋە شۇ جەھەتتىكى مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن باشقىلارنى سەپەرۋەر قىلىدىغان ۋە ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق، لىدىرلىق رول ئوينايدىغان كىشىلەر.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى سىياسىيون بىلەن سىياسى پەنلەر بويىچە ئالى بىلىم ئالغان يەنى سىياسەتنى تەتقىق قىلىدىغان سىياسەتشۇناس تۈپتىن پەرىقلىق بولۇپ، سىياسەتشۇناس دىگىنىمىز ئىختىزادشۇناس، تارىخشۇناس، ماتىماتىكا ئالىمى، خىمىيە ئالى دىگەنلەرگە ئوخشاش مەخسۇس سىياسى پەنلەر بويىچە تەتقىتقات ئىلىپ بارىدىغان بىلىم ئادەمى ياكى ئالىم.

سىياسەتشۇناسلارنىڭ ھەممىسى لاياقەتلىك بىر سىياسىيون بولالىشى ناتايىن. ئوخشاشلا سىياسىيونلارمۇ سىياسەتشۇناس بولالىشى ناتايىن.

زىيالى بىلەن سىياسىيون ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرىق زىيالى پاكىتنى ئاساس قىلسا، سىياسىيون ئىتىقادنى ئاساس قىلىدۇ. يەنىمۇ ئىنىق قىلىپ ئەيىتقاندا زىيالى پاكىتقا ئاساسەن سۆزلەيدۇ، پاكىتقا ئاساسەن مەشغۇلات ئىلىپ بارىدۇ ۋە ئومۇملىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. سىياسىيون بولسا پاكىتتىن بەكرەك ئۆزى ئىشەنگەن، ئۆزى ئىتىقات قىلغان قىممەت قاراش ۋە ئىدىلوگىيە بويىچە ئۆزى ۋەكىللىق قىلغان گۇرپا ۋە ياكى تەشكىلاتنىڭ تۈپ مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ سۆزلەيدۇ، ۋە شۇ مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن مەشغۇلات ئىلىپ بارىدۇ.

لاياقەتلىك بىر زىيالى ھەر زامان كەسپى ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىپ، مەشغۇلات ئىلىپ بارغاندا ھىسىياتقا بىرىلمەي پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشى،  بىتەرەپلىكنى ساقلاپ، ھەقىقەتنى ۋە ئادەلەتنى قوغدىشى كىرەك.

لاياقەتلىك بىر سىياسىيون ھەر زامان ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان ئىدىيە ۋە گۇرپىنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن بولغان پاكىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزى ۋەكىللىق قىلغان گۇرپىنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ۋە ياكى ئۇنىڭغا زىيانلىق بولغان پاكىتلاردىن ئۇستىلىق بىلەن ئاتلاپ ئۆتۈپ، پۇتۇن كۈچى ۋە زىھنى بىلەن ئۆزى ۋەكىللىق قىلغان گۇرپا ۋە ئىدىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كىرەك.

لاياقەتلىك بىر سىياسىيون ئۆزى ۋەكىللىق قىلغان گۇرپا ۋە ياكى پارتىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئەھۋالىنى پۇختا بىلگەندىن باشقا، باشقىلارنى چاقىرىق قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشى، خەلقنى بىر يەرگە توپلىيالىشى، ئۇلارنى ئۆز ئارا ئىتىپاقلاشتۇرالىشى، ئۇلارنى توغۇرس يولغا باشلىيالىشى كىرەك.

كەسپى ئەخلاق بويىچە مەشغۇلات ئىلىپ بارىدىغان ئۆز كەسسىپىدە كۆپلىگەن مۇئاپىقىيەت قازانغان بىر زىيالىنىڭ ياخشى بىر سىياسىيون بولالىشى ناتايىن. زىيالى دىمەك پەقەت ئۆز كەسپىگە قادىر دىمەك، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەممە ئىشقا قادىر دىمەك ئەمەس. زىيالى دىمەك ھەممە ئىشتا پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەقانىيەتنى كۆرەلەيدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ دىمەك. زىيالى دىمەك مەلۇم بىر كەسسىپتە ئىلغار ۋە ئۆزگىچە ئىدىيەگە ۋەكىللىق قىلىدۇ، خەلققە ئۆلگە بولىدۇ ۋە ئۆز كەسسىپىدە باشقىلارغا يىتەكچىلىك قىلالايدۇ دىمەك.

بىر مىللەتكە خىزمەت قىلىشنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بار. داۋاغا ئاكىتىپ ئاۋاز قوشۇش، داۋانى ئاكىتىپ قوللاش دىمەك چوقۇم بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش ياكى ئۇ تەشكىلاتتا ھوقۇق تۇتۇش دىمەك ئەمەس. ئالتۇننى زەگەر سوقسۇن دىگەندەك، ھەر كەسسىپنى شۇ جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى بولغان كەسسىپ ئەھلى قىلغىنى تۈزۈك. بىزدە ”كۈلەلمىسەڭ ھىجايما“ دەيدىغان ئاتا سۆزى بار.  سىياسەتنىمۇ سىياسەت ئوينىيالايدىغان ئادەملەر ئوينىغىنى تۈزۈك.

مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم مەلۇم تەشكىلات ۋە ياكى مەلۇم پارتىيەگە ئەزا بولۇش زۆرۈر ئەمەس. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى كۆز قاراش ۋە پىكىر پەرىقى كۈنسايىن ئىغىرلىشىپ، تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى زىدىيەت كەسكىنلىشىۋاتقان ۋە بىر بىرىنى ئەيىپلەۋاتقان مەزگىلدە، زىيالىلار ئۈستىگە چۈشكەن ئەڭ موھىم ۋەزىپە مىللەتنىڭ ئومۇمى مەنپەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ مۇستەققىللىقىنى ساقلاپ، پاكىتقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، بىتەرەپلىمىلىك پوزىتسىيە بىلەن تەشكىلاتلار ئارىسىدا كىلىشتۈرگۈچىلىك رول ئويناش، مىللەتنىڭ ئۇنىۋەرسال ساپىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، كەسپى بىلىم ئالاھىدىلىكىدىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنىپ تەشكىلاتلار ئورتاق پايدىلىنىدىغان تەكلىپ پىكىرلەرنى كۆپچىلىككە سۇنۇش ۋە تەشكىلاتلارنى قىممەتلىك پاكىتلار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ھەرقانداق بىر زىيالى جۇملىدىن ھەرقانداق بىر ئىنسان مەلۇم بىر تەشكىلاتقا تەۋە بولغاندا، چوقۇم ئۆزى تەۋە بولغان تەشكىلاتقا سادىق بولۇپ، ئۇنىڭ تۈپ مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا توغۇرا كىلىدۇ. نەتىجىدە بىتەرەپلىمىلىكنى ساقلاپ قالالمايدۇ، ۋە ئۆزى تەۋە بولغان تەشكىلات ئىچىدە يۈز بەرگەن خاتالىقلارغا توغۇرا ھۆكۈم چىقىرالماسلىقى مۈمكىن.

ھازىرقىدەك بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىس ۋە ياكى تەشكىلاتلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگە تەشكىلات سىرتىدىن قارايدىغان، بىرەر تەرەپكە ئىغىپ كەتمىگەن ھالدا يۈز بەرگەن خاتالىقلار ئۈستىدىن توغۇرا يەكۇن چىقىرىپ، تەشكىلاتلارنى ئۆز ئارا كىلىشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشقا ئۈندەيدىغان مۇستەققىل جامەت ئەربابلىرىنىڭ ۋە زىيالىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تىخىمۇ زۆرۈر.

ئامىركىدا ھىچقانداق پارتىيە ۋە سىياسى گۇرپىلارغا تەۋە بولمىغان، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس بەلكى دۆۋلەتنىڭ خىراجىتى بىلەن ئۆز كەسپى بويىچە تەتقىتقات ئىلىپ بىرىپ، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيەنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئامىركىنىڭ دۆۋلەت مەنپەتى ئۈچۈن تەۋىسيە ۋە تەكلىپلەرنى بىرىدىغان ھەر ساھەدىكى زىيالىلار، مۇتىخەسىسلەر ۋە ئالىملار بار بولۇپ، ئۇلار پەقەتلا پاكىتنى ئاساس قىلىپ ئۆز كەسپى بويىچە تەتقىتقاتلارنى ئىلىپ بارىدۇ، بىراق سىياسەتكە ئارىلاشمايدۇ، سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بولسا ئۇلارنىڭ تەتقىتقات نەتىجىلىرىدىكى ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپلىرىنى تاللاپ ئىلىپ، ئامىركىنىڭ دۆۋلەت مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ.

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك ھازىرقى ئامىركا پىرەزىدەنتى ئامىركىدا ئەڭ كۆپ بۆلۈنۈش پەيدا قىلغان پىرەزىدەنلەرنىڭ بىرى. ھازىرغا قەدەر ئۇنى قوللايدىغانلار بىلەن ئۇنىنغا قارشى تۇرىدىغانلار ئارىسىدىكى زىدىيەت يەنىلا پەسەيگىنى يوق. مەيلى پىرەزىدەنتنى قوللايدىغانلار بولسۇن، ۋە ياكى ئۇنىغا قارشى تۇرىدىغانلار بولسۇن، كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ مەخسەت مۇدداسى ئامىركىنىڭ تۈپ مەنپەتىنى قوغداش بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرىق قانداق قىلغاندا ئامىركىنىڭ تۈپ مەنپەتىنى تىخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ دىگەن مەسىلىگە بولغان كۆز قاراش ۋە ئۇسۇل جەھەتتىكى پەرىقتىن كىلىپ چىققان. پىرەزىدەنتنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئۇنى  قوللىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ پىرەزىدەنت يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتنىڭ ئامىركانىڭ تۈپ مەنپەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىدۇر. پىرەزىدەنتكە قارىشى تۇرىدىغانلارنىڭ ئۇنىنغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسى سەۋەپ پىرەزىدەنت يۈرگىزىۋاتقان سىياسەتنىڭ ئامىركىنىڭ تۈپ مەنپەتىگە زىيان ئەكىلىشىدىن ئەندىشە قىلىشىدۇر. ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر نۇقتىسى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ قانداق قىلىپ ئامىركىنىڭ تۈپ مەنپەتىنى قوغداشتۇر.

بىزنىڭ تەشكىلاتلىرىمىز ئارىسىدا گەرچە بەزى پەرىق ۋە زىدىيەتلەر بولسىمۇ، بىراق ئىشىنىمەنكى تەشكىلاتلار ئارىسىدا يەنىلا ئورتاق بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ مىللى مەنپەتىمىز. شۇ سەۋەپتىن بىزدە پەرىقلىق سىياسەت تۇتقان پەرىقلىق تەشكىلاتلار بولغاندىن سىرىت، ئورتاق مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت قىلىدىغان مۇستەققىل زىيالىلارنىڭ بولىشىمۇ ناھايتى موھىم.

بىز مەيلى زىيالى بولايلى، مەيلى سىياسىيون بولايلى ۋە ياكى ئادەتتىكى پۇخرا بولايلى، ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئارا چۈشۈنۈش ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش بەكلا موھىمدۇر. سەۋەنلىكنى باشقىلاردىن ئىزدەپ، ئۆز ئارا ئەيىپلەش بىلەن ھىچقانداق ئىش پۈتمەيدۇ.

ئائىلىدە تەخىر قىلماق سۆيگىدۇر، باشقىلارغا تەخىر قىلماق ھۆرمەتتۇر، ئۆزىگە تەخىر قىلماق ئۆز ئۆزىگە ئىشەنمەكتۇر، ئاللاغا تەخىر قىلماق ئىتىقادتۇر.

2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى نىيورۇك

Share
1423 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.