logo

trugen jacn

زىيالىيلار ساھەسى: ئىككىنچى ئىلھام توختى قەيەردە؟ -2

image

ئەزىز

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، تىبەتشۇناسلىق ۋە خىتايشۇناسلىق ساھەسىدە خەلقئاراغا تونۇلغان پروفېسسور ئېللىيوت سپېرلىڭ (ئەللىوت سپەرلىڭ) ئۆزىنىڭ ئىلھام توختى بىلەن يىللارچە داۋاملاشقان دوستلۇقى ئارقىلىق ئۇنى بىرقەدەر ياخشى چۈشەنگەن چەتئەل ئالىملىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆز سىياسەتلىرىدىكى خاتالىقلار، شۇنداقلا خىتاي تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەتتىن نارازى بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئويلىنىش ئورنىغا ئىلھام توختىغا بىر قاتار جىنايەتلەرنى ئارتىپ، مۇددەتسىز قاماققا ئالغانلىقى ئەمەلىيەتتە ئىلھام توختىنى قۇربانلىق قوي قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىنى قولغا ئېلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىش ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا، شۇنداقلا مەۋجۇت ئىجتىمائىي نارازىلىقنىڭ پەسكويغا چۈشۈشىگە تەسىر قىلىپ كېتىشى ناتايىن. بۇ سەۋەبتىن نارازىلىقلار، ھەتتا ئىلھام توختى شەخسەن ھېچقاچان تەشەببۇس قىلىپ باقمىغان بەزى زورلۇق كۈچ شەكلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ خىلدىكى زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش ۋەقەلىرى راستىنىلا يۈز بەرسە بۇنىڭغا تۈرمىدىكى ئىلھام توختى ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان مىللىي سىياسەتلىرى جاۋابكار بولۇشى كېرەك.»

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش تىنچ شەكىلدىكى قارشىلىق كۆرسىتىشتىن زورلۇق كۈچ ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە بۇرۇلۇپ كېتىشى ۋە بۇنىڭ تەسىرى ھەققىدە پروفېسسور سپېرلىڭ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى: «بۇ خىل ئەھۋالدا زورلۇق ھەرىكىتى باشقا بىر خىل زورلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تاشقى جەھەتتە بولسا باشقىلاردا سەلبىي چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ، شۇنداقلا ئىلھام توختى باشلاپ بەرگەن تىنچلىق شەكىلدىكى كۈرەشنى توختىتىپ قويۇشى مۇمكىن، يەنە بىر جەھەتتىن بۇ خىلدىكى زورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدا بىرەر ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ يوق؛ ئاخىرىدا بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى ياكى ئەسەبىي ئىسلام كۈچلىرى، دەپ تەسۋىرلىشىگە باھانە بولۇپ بېرىشى مۇمكىن.

ئىلھام توختىنىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى تۇغۇلغان كۈنىنىڭ تۈرمىدە ئۆتكەنلىكىگە قارىتا پروفېسسور سپېرلىڭ ئۇنىڭ كېلەر يىلقى تۇغۇلغان كۈنىدىن بۇرۇن ھۆرلۈككە چىققانلىقىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىلھام توختىنىڭ تۈرمە سىرتىدا سانسىزلىغان قوللىغۇچىلىرى بارلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلھام توختى يولۇققان بەختسىزلىك ھەققىدە ئويلىغانلىرى خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى، 1989-يىلىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئۆركەش دۆلەتنىڭ 2014-يىلى تەيۋەندىكى 49-قانال تېلېۋىزىيىسىنىڭ رىياسەتچىسىگە ئېيتقانلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ شۇ چاغدا «كۇنمىڭ ۋەقەسى» نىڭ تېررورلۇق خاراكتېرىنى ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى مەۋجۇت مىللىي سىياسەت ۋە قاتتىق قوللۇق باشقۇرۇش ئەندىزىسى ھاكىمىيەتتىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئۇيغۇرلارنى مۇشۇنداق بىر ئەسەبىي يولغا مېڭىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلىنىپ قالغان بىر مىللەتكە ھەممىدىن بەكرەك لازىم بولىدىغىنى باراۋەرلىكتۇر. ئەمما بۇ خىتاي كومپارتىيىسى ھەممىدىن بەكرەك ئۇيغۇرلارغا بېرىشنى خالىمايدىغان نەرسە بولۇپ، باراۋەرلىككە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا ھېچنەرسىگە ئېگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

ئۆزىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن ئۆركەش «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئادىللىقىغا بولغان ئىشەنچ ۋە ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت بولغان ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋانلىق شەكلىنى ئالغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۆز ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن باشقا ئىلاجىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. يەنە كېلىپ بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدا قولىدىن كېلىدىغان بىردىن بىر چارە ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى كىشىلەرگە ئىلھام توختىنىڭ «خەلقنى قاقشاتقان بۇنداق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋېتىش لازىم» دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلىتىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ikkinchi-ilham-toxti-10272015154327.html

Share
1095 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.