logo

trugen jacn

زىددىيەت ۋە مەنپەتلەرنىڭ تۈگۈن نوقتىسىدا-ئىلھام توختى

2

م.ئازات

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ “مىللەتلەر ئىتتىپالىغى”تەلىۋى، ئۇيغۇرلارنىڭ “مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىگى”. تەلىۋى.جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا “مۇقىملىق”،”تەنىچلىق”قا بولغان ئىھتىياجى،ئۇيغۇرلارنىڭ “ئىشقا،ئەركىن نەپەس ئىلىشقا،ئىجتىماى ئادالەتكە بولغان ئىھتىياجى.خانزۇ ھاكىمىيىتى،نىڭ،مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈشكە كۈشكۈرتىدىغان سىياسەتلەرنى مەخسەتلىك ھالدا،پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىجرا قىلىشى.ئۇيغۇرلاردا بولسا،خانزۇ ھاكىمىيىتىگە بولغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىتلىرىنىڭمۇ ئاستا-ئاستا تۈگەۋاتقانلىغى،ئۈمىتنى مىللەت سۈپىتىدە باشقا تەرەپلەردىن ئىزدەشكە مەجبۇرلىنىشى…بارلىق بۇ زىددىيەتلەرنىڭ ۋە مەنپەتلەرنىڭ تۈگۈن نوقتىسىدا ئىلھام توختى تۇرۇۋاتقاندەك تۈرىدۇ

ئىلھام توختى، “دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىگى”، “تەڭ گۈللىنىش”. “باراۋەرلىك”. “مۇقىملىق”دەيدۇ ۋە ئۈمىتنىڭ ئادىرىسىنى “بەيجىڭ”دەپ كۆرسىتىدۇ
ئۇيغۇرلار بولسا،مىللى كەلەچەكلىرىنىڭ ئۈمىدى،بەيجڭمۇ،ياكى ۋاشىڭتونمۇ؟دىگەن مەسىلىدە تەخى ئىدىيىۋى بىرلىككە كەلىپ بولغىنى يوق
بەيجىڭدىكى مەركىزى ھۆكۈمەت ئىچىدە، بەلكى،ئۇرۇمچىدە ھۇقۇقنى چاڭگاللاپ تۇتۇپ تۇرغان ئاز ساندىكى شۇۋەنىست مىللەتچى گورۇھنىڭ تەسىرىدە قالىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن.ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ پىكىر ئەقىمىغا ئەتىبار قىلماسلىغى مۇمكىن.بۇ يەردىكى مەسىلە ئىلھام توختىنىڭ جىسمانى كۈچىنىڭ ئاتوم زەررىسىدەك كىچىك ۋە ئەرزىمەس بولۇشىدا ئەمەس.كەلكى ئۇ ياڭراتقان تەلەپ ۋە نىدالارغا جۇڭنەنھەي دىن كەلگۈسى ئەكىس ساداغا قولاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ،ئۈمىت بىلەن تەشۋىش تۇيغۇلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن 10 نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىغىدا

ئىلھام توختى،ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈچۈنمۇ،جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ،خانزۇ،ئۇيغۇر خەلقلىرى ئۈچۈنمۇ ئورتاق پۇرسەت.چۈنكى،ھەممە تەرەپ ئىلھام توختى بىلەن دىئالۇگ قىلالايدۇ.ئىلھام توختى،مىللەتلەرنى ئادىل ئورتاق مەنپەتلەر ئەتىراپىدا بىرلەشتۈرگۈچى ۋاستا بولۇپ قەلىشى مۇمكىن.چۈنكى،ئۇنىڭ بىر قولىدا خانزۇنى،بىر قولىدا ئۇيغۇرنى تۇتۇپ ئىلگىرلەۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز
دەۋرىمىزدەكى مەدىنى دۆلەتلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى زوراۋانلىق كۈچ بىلەن بويسۇندۇرۇش سىياسىتىدىن ۋاز كەچىپ،مەنپەتلەر ئەتىراپىدا بىرلىشىش يولى بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقتا

گەنىرال ۋاڭجىننىڭ ھەربى قىسىملىرى 1949.يىلى يۇرتىمىزغا كەلگەندە،گۈل-دەستىلەر بىلەن ئۇلارنى قارشى ئالغان، يەيدىغا،كىيىدىغان ئەڭ ئىسىل نەرسىلىرىنى ئۇ ئارمىيەگە تەقدىم قىلغان،بارلىق ئۈمىدىنى ۋە كەلەچەگىنى ئۇ،ئارمىگە باغلىغان كىشىلەرنىڭ بالىلىرى،نىمە ئۈچۈن ھازىر ئۆزىنى ھالاك قىلىش بەدىلىگە ئۇ ئارمىيەنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلدى؟ سەۋەپ نىمە؟جاۋاپكارى كىم؟بۇ سۇالغا قاچانلا بولمۇسۇن بىر كۈنى،جۇڭگودا توغرا جاۋاپ بەرىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن

ئىلھام توختى ئۇزۇن يىل بەيجىڭدا ئوقۇپ ۋە خىزمەت قىلىپ،خانزۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغان،خانزۇ خەلقنىنى ياخشى چۈشۈنىدىغان بىر ئۇيغۇر.ئۇ،خانزۇلارغا ،ئىشەنگەنچكە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىغان ۋە نەتىجە ئالالايدىغانلىغىغىمۇ ئىشىنىدىكەن

جۇڭگودا 3 يىل ئوقۇغان ۋە يۇرتىمىزنىڭ قەشقەر،خوتەن… ھەممە يەرلىرىنى كىزىپ كۆرگەن بىر ئامەرىكالىق دوستۇمدىن سورىغان ئىدىم “بىز ئىنسانى قەدىر-قىممىتىمىزگە تەكرار ئەرىشىشىمىز ئۈچۈن قانداق قىلساق بولىدۇ؟بىر چەتەلللىك دوست بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن قانداق تەۋىسسىيەلىرىڭ بار؟”دوستۇم ماڭا شۇنداق جاۋاپ بەرگەن ئىدى “مەسىلىلىرىڭلارنى خانزۇ خەلقىگە چۈشەندۈرۈڭلار.ئۇلار چۈشۈنۈپ يەتكەندە نەتىجە ئالالايسىلەر.چۈنكى،سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلار ئۇلارنىڭ قولىدا.”.بۇ 15 يىل ئالدىدىكى بىر سۆبەت ئىدى.كىيىنمۇ ھەم جۇڭگونىڭ دوستى بولغان ھەم ئۇيغۇرلارغا ئىچ ئاغىرىتقۇچى بىر قانچە چەتەللىكتىنمۇ بۇ خىل تەۋىسسىيەلەرنى ئادلىم.بۇرۇن خانزۇ خەلقىگە دەردىمىزنى چۈشەندۈرىدىغان شارائىت يوق ئىدى.ھازىر بار.شۇڭا ئىلھام توختى ۋە خانزۇچە ماارىپ تەربىيىسىدە يەتىشكەن قابىلىيەتلىك ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇ يولدىكى غەيرەتلىرىنى ئالاھىدە ئالقىشلايمەن.ئىلگىركى يازمالىرىمدىمۇ كۆپ تەكىتلىدىم “قانچە كۆپ خانزۇ خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەتسىز مۇامىلىگە ئۇچىراپ كەلگەنلىگىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىگىدىكى ئازاپلىق جاراھەت ئىزلىرىنى ھىس قىلغانسىرى،ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىگى ئارىسىدىكى مۇساپە شۇنچە قىسقىرايدۇ

ئىلھام توختىڭا شۇنى خاتىرلىتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرىمەنكى،جۇڭگودا دوست تەپىش جەھەتتە ئۇ، دالايلاما دىن ئامەتلىك.ئەلبەتتە،دالايلامانىڭ ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ غەرىپ دۆلەتلىرىدە 100 مىليونلىغان تىبەت دوسلىرى بار.بۇ تىبەتلىكلەر ئۈچۈن ئالدىن تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمىغان غايەت زور مۇۋاپپىقىيەت.ئەگەر بۇنچىۋالا كۆپ ساندىكى تىبەت دوستى جۇڭگودا بولغان بولسا ئىدى.تىبەت مەسىلىسىدە،تىبەتنىڭ سايىسىدا ھەتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە زور ئىلگىرلەشلەر مەيدانغا كەلگەن بولاتتى.دالايلاماغا جۇڭگودا دوست تەپىش پۇرسىتى بولمىدى.ئامما،ئىلھام توختىغا بۇ پۇرسەت بار

فىرانسىيەنىڭ ئالجىرىيەدىكى ئەسكىرىنىڭ سانى 1960-1962.يىللىرى ئارىسىدا 500 مىڭغا قەدەر چىققان ئىدى.ھەر كۈنى ئەڭ ئاز دىگەندە 20-30 فىرانسۇز ئەسكىرىنىڭ جىنازىسى پارىجغا كەلەتتى.بىراق پارىج كوچىلىرىدا،ئالجىرىيەلىكلەرگە نەپرەت قىلىدىغانلارغا قارىغاندا ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىدىغانلار كۆپ ئىدى.50-100 نەپەر ئەرەپ نامايىشقا چىقسا ئۇلارغا 5 مىڭ-10مىڭ فىرانسۇز ئەگىشىپ بىللە نامايىش قىلاتتى.فىرانسۇزلارنىڭ بۇ دوسلىغىنى،فىرانسىيەدە ئوقۇپ يەتىشكەن فىرانسۇزلاشقان ئەرەپ ياشلىرى قولغا كەلتۈرگەن

بەزىلەر “فىرانسۇزلار ياۋروپانىڭ ئەڭ مەدىنى مىللىتى.جۇڭگولۇقلارنى ئۇلارغا سەلىشتۇرغۇلى بولمايدۇ”دەيىشى مۇمكىن.ئۆز ۋاختىدىمۇ،جۇڭگونىڭ پايتەختى نانجىڭدە ئۇيغۇرلارنىڭ سەمىمى دوسلىرى بولغان.سۇن جۇڭ شەننىڭ ئوغلى سۇڭ زى ۋىن نىڭ سەمىمى بىر ئۇيغۇر دوستى بولغانلىغى مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ خاتىرەلىرىدە تەپسىلى يەزىلغان.جاڭ جى جۇڭ خانزۇ چوڭ مىللەتچىسى بولسىمۇ،ئۇيغۇرلار ھەققىدە توغرا سۆزلەرنى سۆزلەشكە جۇرەت قىلغان بىر ئەرباپ ئىدى.خانزۇ خەلقى ئۆتكەن ئەسىردە لۇشۇنگە ئوخشاش،بۇ ئەسىردە “جۇڭگونىڭ ۋىجدانى” دەپ ئاتالغان لىۇ بىڭ يەن گە ئوخشاش ئىنسانىيەتنى مىللەتىن ئۈستۈن تۇتۇتىدىغان مەشھۇر يازغۇچىلارنى چىقارغان خەلق.بۈگۈن ئاتاقلىق خانزۇ يازغۇچىسى لىن باو ھۇا،ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يالقۇنلۇق ماقالىلارنى ئىلان قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ.بىز ئۇلاردىن شۈھبەلەنمەي ئىشىنىپ دەردىمىزنى ئاڭلاتساق،ئۇلارنىڭمۇ ئۈرۈمچىدىكى تاش يۈرەك زالىملارغا نەپىرىتى ئويغۇنىدۇ

گەپ دوستلۇق ئۈستىدە كەتىۋاتقان ئىكەن شىنىمۇ ئۇنۇتماسلىق لازىمكى،ئۇيغۇرلارنىڭ،ئامەرىكا باشچىلىغىدىكى غەرىپ دۇنياسىدا،تۈرك دۇنياسىدا،مسۇلمان دۇنياسىدا سانى ئاز بولمىغان قىممەتلىك دوسلىرى بار. ئۇلار،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھىمايىچىسى يوق ئەغىر كۈنلەردە،ئۇيغۇرلارنىڭ بەشىنى سىلىغان،باغرىغا باسقان دوستلاردۇر.بۇ دوسلۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەتكەن ئەجىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.بۇ ھەرقانداق شەت-شارايىت ئاستىدا قەدىرلىنىدىغان دوستلۇقلاردۇر.بىزنىڭ ھەم جۇڭگودا،ھەم دۇنيادا دوستلىرىمىز بولۇشى لازىم.دۇستىمىز قانچە كوپ بولسا بىز ئۆزىمىزنى شۇنچە بەخىتلىك ھىس قىلىمىز

ئىلھام توختى تونۇلغانسىرى،زىددىيەتلەرنىڭلا تۈگۈنى بولۇپ قالماستىن دوسلۇقلارنىڭمۇ ئۇچۇرۇشۇش مەركىزىگە،كۆۋرۈگىگە ئايلىنىدۇ.جۇڭگولۇق دوستلىرى بولغىنىغا ئوخشاش چەتەللىك دوستلىرىمۇ كۆپىيىدۇ.ئىلھام توختىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرغۇچى،بىرلەشتۈرگۈچى رولى تەخىمۇ ئەھمىيەت قازىنىدۇ

ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر خەلقى يەڭى بىر سەپەرنىڭ ھازىرلىغىدا.ئاتلار ئۇرۇق،يوللار ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل،چارچاش،سەپەرداشلارنىڭ سەپەردىن ۋاز كىچىشلىرى،كۆڭۈلسىزلىك،خىيانەت،ھەتتا خەتەر سەپەر ئۈستىدە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.ئىلھام توھتى  قانچىلىك مۆدىتىل،قانۇندىن چىقمىغان زىيالى بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر،جۇڭگۇ ھاكىمىيىتىنىڭ،ئۇيغۇر تەپەككۇر ئىگىلىرىگە شۆھبىلىك قارايدىغان خۇيى ئۆزگەرگىنى يوق.تارىختا بەك كۆپ زىيالىلىرىمىز جۇڭگو ھۈكۈمىتى بىلەن ماسلىشىپ ھەركەت قىلىش جەريانىدا جۇڭگو ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن يوقۇتىۋىتىلدى.ئىنشااللاھ،ئىلھام توختى ئۇنداق تەقدىرگە ئۇچىرىماس دەيمەن.ئامما،شۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتتۇر؛ تومۇرلاردىن قان،بۇلاقلاردىن سۇ ئاقىدۇ

زىددىيەت ۋە مەنپەتلەرنىڭ كىسىشكەن نوقتىسىدا تۇرىۋاتقان ئىلھام توختى،ئەينى زاماندا ئامەتنىڭ ۋە خەيىم-خەتەرنىڭ ئۇچۇرىشىش مەركىزىدە تۇرماقتا

يىرىم ئەسىردىن ئارتۇق زاماندىن بىرى تەشۋىش،ۋەھىمە ئىچىدە ياشاپ كەلگەن يۈرىگى ئاجىز ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇ قىتىم،ئىلھام توختى بىلەن بىللە ئۆز مىللىتىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەپ تۇرۇش،تۇرالماسلىقى ئىلھام توختىنىڭ كىلەچەگى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

2009.يىلى 3.ئاينىڭ 29.كۈنى

ئەسكەرتىش:بۇ ماقالە ئۆز ۋاختىدا ۋەتەن ئىچىدىكى كۆپلىگەن تورلاردا ئىلان قىلىنغان

Share
2046 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.