logo

trugen jacn

رېشاتكا رايونى تۈزۈمى ئۇيغۇرلارغا قۇلايسىزلىق، خورلۇق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم

 

 

mehelle-charlash-saqchi-herbiy.jpg

ەن قوراللىق ئالاھىدە قىسىم. 2013-يىلى ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىن باشلانغان رېشاتكا رايونى قورۇلۇشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب‏- شىمالىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغىمۇ كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن سېسسىز-ساداسىز قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، دەسلەپ ئۈرۈمچىدىكى كۆچمەنلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، بىخەتەرلىك دېگەن قالپاق ئاستىدا نۇقتىلىق ئۇيغۇرلار مەھەللىلىرىنى بۇ خىل ئېگىز تام ۋە رېشاتكا ئىچىگە ئېلىپ، كىرگەن-چىققاننى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا باشلىغان. دائىرىلەرمۇ بۇنىڭ ئاساسلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان كۆزەتكۈچىلەر، رېشاتكا رايونى تۈزۈمىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي، مىللىي كەمسىتىش، ئىنسانىي خورلۇق سىياسىتىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسى، بۇ تېخىمۇ زور توقۇنۇشلارغا يول ئاچىدۇ دەپ تەنقىد قىلماقتا.

رادىيومىزغا يازما ئۇچۇر ئەۋەتكەن بىر ئۇيغۇر، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ رايونى ئۈمىد كوچىسى ئاھالىلەر رايونىدىكى رېشاتكا رايونىدا بىر نەچچە يىل ئىجارە ئۆي ئېلىپ ياشاش جەريانىدا ئۇچرىغان قۇلايسىزلىق ۋە ھېس قىلغانلىرىنى مۇنداق يازغان «رېشاتكا رايونى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى قۇلايسىزلىقلارنى ئەكەلمەكتە، ئاھالە كومىتېتىغا تىزىملاتمىغانلار رايونغا كىرەلمەيدۇ ياكى كىرگەندە كىملىكىنى قويۇپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن ئاندىن كىرىدۇ، رايون ئىچىدە بىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمىنى كەلگەن بولسا چوقۇم ئۆي ئىگىسى ئۆزى چىقىپ ئارخىپ تولدۇرۇپ ئاندىن مېھمىنىنى ئەكىرىۋېلىشى كېرەك ! ھەتتا رېشاتكا رايونىدا ئۆيى بار، ئەمما تېشىدا ئولتۇرىدىغانلارمۇ ئۆز ئۆيىگە تىزىملاتماستىن كىرەلمەيدۇ ! بۇنىڭدا ئەڭ قەبىھ بولغىنى، ئۈرۈمچىدە رېشاتكا رايونى سىنىقى قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقاندىن سىرت، ئىجارە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىگە ئېلېكترونلۇق قۇلۇپ سەپلەنگەن بولۇپ، ئۆيدىكىلەر چىققاندا-كىرگەندە ئاھالە كومىتېتى بىۋاسىتە بىلىپ تۇرالايدىغان قىلغان. يولسىز، نامۇۋاپىق تەكشۈرۈشلەرنى يولغا قويغان بولۇپ،ئاھالە كومىتېتلىرى تەۋەلىكىدىكى ئوغرى، زەھەر چەككۈچى قاتارلىقلارنى ئامانلىق خادىمى قىلىپ، قولىغا كالتەك-توقماق تۇتقۇزۇپ چىقىرىپ قويغان، پۈتۈن زۇلۇملار بۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنماقتا. ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاھالە كومىتېت ۋە ئامانلىقتا ئىشلەيدىغان خىتايلار داۋاملىق تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ بىزار قىلىپ پسىخولوگىيە جەھەتتىن ئېغىر زۇلۇم قىلماقتا.»

بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، رېشاتكا رايونى ئىچىگە ئېلىنغانلار ئاساسەن باشقا يۇرتلاردىن شەھەرگە كېلىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ ياكى سېتىۋېلىپ ئولتۇراقلاشقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۇششاق تىجارەتچىلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەن. بولار رېشاتكا رايونى ئىچىدە چەكلەنگەن بولغاچقا، نۆۋەتتە ئامالسىزلىقتىن ئۆيلىرىنى ئەرزان سېتىپ يۇرتىغا كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا، بۇ يەنە بىر جەھەتتىن ئىجارىدىن كىرىم قىلىپ ئائىلىسىنى باقىدىغان ئۈرۈمچىگە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

ئۇچۇر يازغۇچى بۇ ئۇيغۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەنە گەرچە رېشاتكا رايونى ئىچىدە ئۆيلىرى بار خىتايلارمۇ بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ئىسكەنجىنىڭ تېشىدا بولۇپ، ئۇلارغا يېشىل لىنىيە ئېچىپ بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ رېشاتكا رايونىغا كىرىپ-چىقىشى، تىجارەت قىلىشى ئەركىن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئىرقچىلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەن.

بۇ نۇقتىنى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى غەربىي ساي مەھەللە كومىتېتىنىڭ بىر خىتاي ئامانلىق خادىمى دەلىللەپ «ھەر بىر مەھەللىدە ئىككى مەخسۇس ئامانلىق خادىمى بار، 24 سائەتلىك چارلاپ تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان، ھەتتا ھەر بىر ئائىلىگە كىرىپ يوقلىما قىلىپ سان ئېلىنىدۇ ۋە كىرگەن-چىققانلار ئۈستىدىن كىملىك تەكشۈرىدۇ، يازما ھۆججەت ۋە كۆزىتىش ئاپپاراتىدىكى ئۇچۇرلار ۋە كىرىپ-چىقىش ئېقىمى ستاتىستىكىسىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈندىلىك بىخەتەرلىك مۇقىملىق ئەھۋالى باھالاپ ھۆججەتلەشتۈرۈلىدۇ. ئەلۋەتتە گۇمان قىلغانلارنى بەكرەك تەكشۈرىمىز، يۈرۈش-تۇرۇشى غەيرىي بولغانلارنى، ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرىمىز» دېگەن ئىدى.

رادىيومىزنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا رېشاتكا رايونى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىنى ئاڭلىغان بىر ئۇيغۇر، ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى رېشاتكىلىق رايون ھەققىدە بىلىدىغان ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئايرىم رېشاتكا رايونى قىلىپ رايون ئىچىدە باشقۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خورلۇق ھېس قىلدۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ھەر قانداق ئۇيغۇر بۇ ئۇسۇلغا قارشى ۋە نارازى بولسىمۇ، تۈرلۈك ئىسكەنجە ۋە بېسىم تۈپەيلى، بۇ خىل ئاشكارا كەمسىتىش ۋە ناھەق سىستېمىغا نارازىلىق بىلدۈرەلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، گەرچە دەسلەپتە ئۈرۈمچىنىڭ باشقا يۇرتلاردىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان مەھەللىلەردىن باشلانغان رېشاتكا رايونى سىنىقى تەدرىجىي پۈتۈن مەھەللىلەرگە كېڭەيتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللىرى ناھايىتى ئېگىز، خۇددى تۈرمە تاملىرىغا ئوخشاش قورشالغان بولسا، خىتايلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر داچىغا ئوخشاش گۈزەللەشتۈرۈلگەن ئوچۇق، پاكار رېشاتكىلار ئىچىگە ئېلىنغان ئىكەن. خىتايلار ئولتۇرۇشلۇق رېشاتكىلىق رايون بىلەن ئۇيغۇرلار ياشايدىغان رېشاتكىلىق مەھەللىلەرنى، رېشاتكا تاملارنىڭ كۆرۈنۈشى، قۇرۇلمىسى، باشقۇرۇش تۈزۈملىرىدىنلا پەرقلەندۈرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
بۇ ئۇيغۇرنىڭ دېيىشىچە يەنە، يىللاردىن بېرى شىمالدا ياشاپ كەلگەن، ھەتتا ئۆي سېتىۋالغان، ئەمما نوپۇسىنى يۆتكىمىگەن ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق مەجبۇرىي يۇرتىغا قوغلاشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرىمىز، ئۇيغۇرلار كىملىكىڭلارنى چىقىرىڭلار دەپ تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشلەر داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنغان يەنە بىر تۈزۈمى، رېشاتكىلىق رايونغا سىرتتىن كېلىدىغانلارنى يەرلىكتىن بىر تۇغقىنى كېپىل بولمىسا، شۇ يۇرت تەۋەلىكىگە كىرگۈزمەيدىغان بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقان يوقلاش ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولماقتا ئىكەن. نارازى بولغۇچىلارغا يىغىۋېلىش، تەھدىت سېلىشتەك ۋاسىتىلەرنىمۇ قوللانماقتا ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى گېرمانىيەدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىغا كېڭەيتىپ قوللىنىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى رېشاتكىلىق رايون قۇرۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىلارغا قارىتىلغان ئىرقچىلىق تۈزۈمىدىن پەرقى يوق بىر ئېغىر دەرىجىدىكى ئىرقچىلىق سىياسىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى دەپ تەنقىد قىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن بۇ خىلدىكى زۇلۇم ۋە خورلۇق ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قارشىلىققا زورلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى قانۇن ۋە يەرلىك قانۇنلارنى تۈزۈپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ خىل زۇلۇم ۋە خورلاش سىياسىتى رايوندا تېخىمۇ چوڭ قارشىلىق ۋە توقۇنۇشلارغا يول ئېچىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/reshatka-rayon-08092016155310.html

Share
1353 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.