logo

trugen jacn

رۇسىيەنىڭ 1881 – يىلى ئىلىنى مانجۇلارغا بېرىۋېتىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

2a0ff1eb-4a61-4661-94fd-aa4b8705717f

ئۈمىدۋار

2015-u0505-pmn.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

1871 – يىلى، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى قوشۇن ئەۋەتىپ، 1865 – يىلى قۇرۇلغان ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋالغان ئىدى. ئارىلىقتا 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1881 – يىلى رۇسىيە بىلەن چىڭ ئىمپېرىيەسى ئارىسىدا «ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىلىنى مانجۇلارغا قايتۇرۇپ بەردى.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە رۇسىيەنىڭ بۇ قەدەمنى بېسىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە تۈرلۈك ئانالىز ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. بەزى رۇس ئالىملىرى 1877 – 1878 – يىلىدىكى رۇس – تۈرك ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ رۇسىيەنىڭ مانجۇلارغا يول قويۇشىدىكى ئاساسلىق ئارقا كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى يېزىشماقتا.

رۇسىيە تارىخچىسى د. دۇبروۋسكايانىڭ ئۆز كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، 1877 – 1878 – يىللىرىدىكى رۇس – تۈرك ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ مالىيەسى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى ۋە مەملىكەتنىڭ ئىچكى سىياسىي ئەھۋالىمۇ مەركىزىي ئاسىياغا ئوخشاش چەت جايلاردا يېڭى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى. شۇڭا رۇسىيە ھۆكۈمىتى خىتايلار بىلەن بولغان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە، كېلىشىم تۈزۈشكە تۇتۇش قىلدى.

ھەقىقەتەن، 1877 – 1878 – يىللىرىدىكى رۇس – تۈرك ئۇرۇشى 19 – ئەسىر تارىخىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق كۆلىمى زور ھەم كۆپ ئادەم ۋە كۆپ ئىقتىساد چىقىم بولغان ئۇرۇشى ئىدى. بەزى رۇس مەنبەلىرىدە رۇسىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشتا بىر مىليون كىشىلىك ھەر تۈرلۈك مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنى ئىشقا سالغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. گەرچە ئۇرۇشتا رۇسىيە غەلىبە قىلسىمۇ، بىراق ئۇرۇش نەتىجىسىدە، رۇسىيە ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە خورىغان.

چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ قىيىن ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىلى مەسىلىسىدە مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىگە يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/rusiye-manju-ili-05052015225452.html

Share
1513 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.