logo

trugen jacn

رۇستەمنىڭ ھېكايىسى: ماگىستىرلىق ئوقۇش تارىخىم بار، تاكسى ھەيدىمەكچىمەن

3ed16ee0-993e-44a3-8bf6-e87ddc2e28c2

ئەزىز

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ئۇچۇر مەنبەلىرىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا يەرلىك ئاھالىنىڭ يۈزمىڭلاپ ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقانلىقى ۋە بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 4% كە چۈشكەنلىكى ئارقا – ئارقىدىن خەۋەر قىلىنماقتا. ھالبۇكى، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئۇچۇر تورلىرىدا كۆزگە چېلىقىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئېلانلىرىدىكى بەزى بىنورمال مەزمۇنلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

تور ئارقىلىق خىزمەت ئىزدەش ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىرقەدەر ئومۇملاشقان ھادىسە بولسىمۇ، خىزمەت ئىزدىگۈچى ھەممىلا كىشىنىڭ بۇ يەردىن ئۆز كۆڭلىدىكىدەك خىزمەت تېپىپ كېتەلىشى ناتايىن. بىز زىيارەت قىلغان رۇستەم ئەنە شۇنداق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر مەزگىل ئاقسۇدا ئىشلىگەن. ئەمما ئايالىنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ ئۈرۈمچىدە بولۇپ قېلىشى سەۋەبىدىن ئەر – ئايال ئىككىيلەن بىرنەچچە يىل مابەينىدە ئىككى جايدا ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان.

تەرەققىياتتىكى رايونلار ئارا زور پەرقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تۈپەيلىدىن رۇستەم ئايالىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا يۆتكەپ كېلىشنى خالىمىغان، يەنە كېلىپ ئايالىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىزمىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئاقسۇغا كەلگەن ھالەتتىمۇ ئۇنداق ياخشى خىزمەتنى تاپالىشىغا زادىلا كۆزى يەتمىگەن. شۇنىڭ بىلەن رۇستەم ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىككى جايدا ئايرىلىپ سەرسان بولۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاقسۇدىكى كادىرلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان ھالدا ئۈرۈمچىدە ياشاش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىگە يېنىپ چىققان. ئەمما رۇستەمنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا تايىنىش ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىن يامان ئەمەس بىرەر خىزمەت تېپىۋېلىش ئۈمىدى بىرەر يىلچە ئۇياق – بۇياققا چېپىشتىن كېيىن ئاخىرى كۆپۈككە ئايلانغان. ئۈرۈمچىدە ھېچقانداق جايدىن تۈزۈكرەك خىزمەت تاپالمىغان رۇستەم ئاخىرى خىزمەت تەلىپى ئانچە يۇقىرى بولمىغان، شۇنداقلا كىشىلەر «پۇل تېپىش بىر ئاز ئاسان» دەپ قارىغان تاكسىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش قارارىغا كەلگەن. شۇنداق بولسىمۇ بىز زىيارەت قىلغان ۋاقىتقا قەدەر ئۆزىگە تېخى بىرەر جايدىن خەۋەر كەلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئەمما رۇستەم دوستلىرىدىن ۋە باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرى بويىچە «تاكسىچىلىق قىلغانلار ئوڭايلا كۆپ پۇل تاپالايدۇ» دېگەن گەپنىڭ ھازىر ئانچە بەك ئاساسى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدا ئوڭايلىقچە خىزمەت تاپالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە خىزمەت تاپالماسلىقىغا ئۇنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسىنىڭ قانداق تەسىرى بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي تىلى جەھەتتە خىتايلار بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى، خىتاي تىلىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھېچقانداق مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

بىز رۇستەمنىڭ خىزمەت ئىزدەش سەپىرىگە ئۇتۇق تىلەپ، زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرغىنىمىزدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەتبۇئاتلاردا زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «مۇھەببەت ئۈچۈن شىنجاڭدا ئەڭ پەزىلەتلىك يېزا ئوقۇتقۇچىسى» سەرلەۋھىلىك ماقالە يادىمىزغا كەلدى.

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، جۇ لىنا شەرقىي شىمالدا تۇغۇلغان خىتاي قىز بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن. ئۇ، 1998 – يىلى ئېرى نەسرۇللاغا ئەگىشىپ ئاتۇش شەھرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىنىڭ قايراق كەنتىگە كۆچۈپ كەلگەن. باشلانغۇچ مەكتەپكە قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. 2014 – يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا ئۇ «مەملىكەت بويىچە ئەڭ پەزىلەتلىك يېزا ئوقۇتقۇچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

بىز يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكەن بۇ ئىككى خىل رېئاللىق ھەققىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق پىكىردە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئاشكارا شەكىلدىكى مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇرلار دىيارىغا تېخىمۇ كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/ishsizliq-10302015220021.html

Share
1388 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.