logo

trugen jacn

د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ سۆز ھەققى تۈپەيلى ب د ت دا خىتاي بىلەن دېموكراتىك دۆلەتلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقتى

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ ب د ت دىكى «ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆز قىلىش ھەققىگە خىتاي قارشى چىققان، دېموكراتىك دۆلەتلەر قوللىغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش 25 مىنۇت داۋاملاشقان.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن جەنۋەدىكى ب د ت باش شىتابىدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىدە 24-نويابىر باشلانغان «ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنى بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان. يۈزلەرچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن 3 مىنۇتلۇق سۆز قىلىش ھەققىگە ئېرىشكەن.

بىراق، د ئۇ ق ۋەكىللىرى سۆزىنى باشلا-باشلىمايلا، خىتاي تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، د ئۇ ق نىڭ تېررورچى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ب د ت دا سۆز قىلىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، د ئۇ ق نىڭ سۆز ھەققىگە خاتىمە بېرىشكە ئۇرۇنغان. خىتاينى پاكىستانغا ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەر قوللىغان. ئەمما يەنە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى خىتايغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، د ئۇ ق نىڭ سۆز ھەققىنى قوللاپ پىكىرلەر بايان قىلغان. نەتىجىدە تالاش-تارتىشلار باشلىنىپ، 25 مىنۇت داۋاملاشقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يىتەكچىسى پېتېر ئەپەندى مۇنبەردە 3 مىنۇتلۇق سۆز ھەققىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ۋە خىتايغا بېقىنىدىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا، پۈتۈن يىغىن ئەھلى ئالقىشلار ياغدۇرۇپ قوللىغان. ئەمما، بۇ يىغىندا ھىندونېزىيەنىڭ خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتۇشى د ئۇ ق باش كاتىپىنى ئەپسۇسلاندۇرغان.

چۈشتىن كېيىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭشىدە يەنە « ئۇنتۇلغان پاجىئەلەر ۋە ئۇنتۇلغان قۇربانلار-ئازسانلىقلار ۋە ئىنسانلىقنىڭ تەھدىتكە يولۇقۇشى» تېمىسىدا يىغىن بولۇپ ئۆتكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا سۆز پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلاتلار تەقدىم قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن جەريانىدا يەنە، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئىگە چىقىش مەسىلىسى ئۈستىدە ب د ت مۇھاجىرلار ئالىي كومىسسارلىقى خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. بۈگۈن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە پروگرامما يىتەكچىسى پېتېر ئەپەندىلەر ئېستونىيە، چېخ ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۇشۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.
bdt-duq-az-sanliq-munbiri-dolqun-eysa-2016-2.jpg
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىز خاتىمىسىدە، ب د ت دا ئېلىپ بارغان بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەتنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تېخىمۇ دىققەتنى چېكىدىغىنى، بۇ قېتىم ب د ت ساقچى خادىملىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ئالاھىدە مۇھاپىزىتى ئاستىغا ئالغان. ساقچى مەسئۇللىرى يىغىننىڭ 1-كۈنىلا ئۇنى ئىشخانىسىدا ئايرىم قوبۇل قىلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت دىكى پۈتۈن پائالىيەتلىرى ۋە بىخەتەرلىكىگە ب د ت ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى، ئۇ تاكى ب د ت دىن ئايرىلغىچە ئۇنى مۇھاپىزىتى ئاستىدا تۇتىدىغان ئالاھىدە خادىملار ئاجراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/duq-xitay-11252016223457.html

Share
2240 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.