logo

trugen jacn

د ئۇ ق ھەيئىتى بېرلىندا تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى

f1d78617-76be-4e41-bea5-4daf401b720d

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندى ۋە د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى غەييۇر قۇربان ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان بىر ئۆمەك تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ بىلەن 1-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە ئىككى قېتىم كۆرۈشتى. بۇ ھەيئەت ئالدى بىلەن ئەخمەت داۋۇتوغلۇنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىگە رەھمەت ئېيتتى، ئارقىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن بىر پارچە تەلەپ خېتى سۇندى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە تەلەپ خېتى تايلاندتا تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان 366 ئۇيغۇرنىڭ بالدۇرراق تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشى، تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيىلىك يوللار ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا تىرىشىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇچرىشىش جەريانىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ تايلاندتىكى 366 ئۇيغۇرنى تۈركىيەنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان. بىز بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا ۋە ئەنۋەر جان ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئەنۋەر جان ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقى، چۈنكى د ئۇ ق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك بەزى تەلەپلىرىنى تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 12-چېسلا بېرلىندىكى پائالىيەتلەر جەريانىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ بىلەن ئۇچرىشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ۋە كۆپ ساندا مۇھىم شەخسلەر بىلەنمۇ ئۇچراشقانلىقىنى ئېيتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/duq-heyiti-01132015144151.html

Share
1846 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.