logo

trugen jacn

د ئۇ ق خىتاينىڭ يەنە ئىككى ئۇيغۇرچە تور بەتنى تاقىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

e54d2653-1849-414c-abd9-d2277db8afbc

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇرچە www.muzikam.com ۋە www.653130.com ناملىق ئىككى تور بەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق مەزمۇندا ئۇچۇر تارقاتتى دەپ قارىلىپ تاقىۋېتىلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىجتىمائىي ۋە قاتناش قازالىرىنى ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا «ئىش چىقتى» دەپ خەۋەر قىلغان ئىككى خىتايچە ئۈندىدار سالونىمۇ ئەنسىزچىلىكنى كۆپتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ تاقىۋېتىلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي بۈگۈن مەزكۇر ئىككى تور بەتنىڭ تاقىلىشىغا قۇرۇلتاي نامىدىن نارازىلىق بىلدۈردى، رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تور باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا دائىرىلەرنىڭ ۋەزىيەتتىن ئۈركۈپ كېتىش كەيپىياتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2009 ‏-يىلىدىكى 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئەينى چاغدا گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان ئۇيغۇر تورچىلىقى بىر نۆۋەت قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان، يەنى ۋەقەنى قۇتراتتى دەپ قارالغان «ئۇيغۇربىز»، «سەلكىن»، «شەبنەم»، «دىيارىم» قاتارلىق غوللۇق تورلار بىلەن بىرلىكتە يەنە كۆپلىگەن تورلار تاقالغان ۋە ئۇلارنىڭ قۇرغۇچى ۋە تەھرىرلىرىدىن ئىلھام توختى، گۈلمىرە ئىمىن ۋە نۇرئەلى قاتارلىقلار ھېلىھەم تۈرمىلەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر تورچىلىقى خىتاينىڭ نازارەت ۋە زەربە نىشانىدىن قۇتۇلغىنى يوق. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرچە مۇزىكام تورى ۋە 653130 نومۇرلۇق تور بەت تاقىۋېتىلگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تاقىلىش سەۋەبى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق ئۇچۇر تارقىتىش». ئەمما «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە مەزكۇر تور تاقىلىش ھەققىدىكى ئەيىبلىمە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما پاكىت تىلغا ئېلىنمىغان، يەنى«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سالدى» دەپ قارالغان كونكرېت ئۇچۇر، ماقالە ۋە ياكى ناخشا-مۇزىكا ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

بۇ ھەقتە بۈگۈن رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي مۇنداق دېدى: «شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى ئىمكانلىرىمىز دائىرىسىدە كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. بىز بۇ ئىككى توربەتنىڭ تاقالغانلىقىدىن رايوننىڭ ۋەزىيىتىدە يەنە داۋالغۇش پەيدا بولغانلىقىنى، جىددىيچىلىكنىڭ يەنە كۈچەيگەنلىكىنى، ھېچ بولمىدى دېگەندە خىتاينىڭ يەنە بىر گۇرۇپپا قەلەم ئەھلىگە زەربە بەرگەنلىكىنى تەخمىن قىلالايمىز. خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئىككى ئۇيغۇر تور بېتىنىڭ تاقالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ تاقىلىشقا سەۋەب بولغان ئۇچۇر ياكى پىكىرنى خەۋەر قىلمىغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ، بۇ تەخمىنىمىزنى دەستەكلەيدۇ. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئۆز پىكىر ۋە ئىرادىسىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلەش پۇرسىتى بېرىشكە، بۇ خىل يوللارنى تاقىۋېتىپ كىشىلەرنى باشقىچە يوللارغا مەجبۇرلىماسلىققا ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان قۇتراتقۇ ئىجرائاتلىرىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمىز.»

نۇرمەمەت مۇساباي يەنە تاقىۋېتىلگەن توربەتنىڭ «مۇزىكام» دېگەن نامىغا ئاساسلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سالدى› دەپ قارالغان ئەسەرنىڭ ناخشا ياكى مۇزىكا ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن. بىر ناخشا-مۇزىكا تور بېتىنىڭمۇ سىياسىي بوران-چاپقۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ ۋە ئەپسۇسلاندۇرىدۇ شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقى يتۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە سالمىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، بىز خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ ئەھۋاللارغا ئىزچىل دىققەت قىلىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر توربەتلىرىنى نىشان قىلغان بۇ ئۇجۇقتۇرما ھەرىكەتلەرنىڭ شامىلى بەزى چاغلاردا خىتاي تور بەتلىرىگىمۇ تېگىپ ئۆتكەن. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 1 ‏-ئاينىڭ 6 ‏-ۋە 20 ‏-كۈنلىرىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايچە «قاتناش خەۋەرلىرى» ئۈندىدار سالونى ۋە «شىنجاڭ ئۇچۇرلىرى بلوگى» «ئەنسىزچىلىكنى كۆپتۈرۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تاقىۋېتىلگەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر قاتناش ئۈندىدار سالونى «ئۈرۈمچىدە ئىش چىقتى، 22 ئۆلۈك، 5 يارىدار» دېگەن ماۋزۇدا بىر خەۋەر بەرگەن. خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىدىن ۋەقەدە ئادەم ئۆلگەنلىك مەنىسى چىقسىمۇ، ئەمما خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدا قاتناش ۋەقەسىدە 22 قوينىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 5 قوينىڭ زەخىملەنگەنلىكى بايان قىلىنغان. سالوننىڭ دىققەت تارتىش ئۈچۈن قويغان بۇ ماۋزۇسى ئالاقىدار دائىرىلەر تەرىپىدىن «ئەنسىزچىلىكنى كۆپتۈرۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ سالون تاقىۋېتىلگەن.

بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي كۆزەتكۈچى مۇنداق دەيدۇ: «ماۋزۇدا ئادەم ئۆلدى دەپ ئېنىق دېيىلمىگەن، پەقەت ‹5ئۆلۈ› دېيىلگەن، ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ خەۋەردە ساختىلىق يوق، ئەگەر دىققەت تارتىش ئۈچۈن ‹كىشىلەرنىڭ تەخمىنىنى قايمۇقتۇرغان› دېيىشكە توغرا كەلسىمۇ، بۇ قانۇنغا خىلاپ بىر ھەرىكەت ئەمەس. بۇنداق خەۋەرلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇ يەردىكى مەسىلە شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى باشقا، ھۆكۈمەت ئەندىشە ئىچىدە.»

يەنە خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇچۇرلىرى بلوگى» «تۇرپاندا ئىش چىقتى، يەنە يامان خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ» دېگەن ماۋزۇدا بىر مۇقەددىمە خەۋەر بەرگەن.
ئەمما خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدا ھاۋارايىدىكى ناچارلىق سەۋەبىدىن تۇرپاندا قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن تەرەپ-تەرەپتىن ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش خەۋەرلىرى كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

بۇمۇ دائىرىلەر تەرىپىدىن «كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، جەمئىيەتتە ساراسىم پەيدا قىلىش» دەپ قارىلىپ تور تاقىۋېتىلگەن.

بۇ ھەقتە يەنە بىر خىتاي كۆزەتكۈچى مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەت دائىم بۇنداق خەۋەرلەرنى ‹كىشىلەردە خاتا چۈشىنىش ۋە ساراسىم پەيدا قىلدى› دەپ ئەيىبلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە خاتا چۈشىنىۋالىدىغانلار ۋە ساراسىمىگە چۈشىدىغانلار دائىرىلەر يەنى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆزى، بولۇپمۇ دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى.»

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن، ئۇيغۇر رايونىدا «5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن» كېيىن يولغا قويۇلۇۋاتقان تور بېكەتلەرگە قارىتا ئۇجۇقتۇرما سىياسەتنىڭ تېخىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، رايوندا چىقىۋاتقان ئىشلارنىڭ يەنى يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي تور ئابونتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقانلىقى، بەزى خىتاي تورچىلارنىڭ بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۆز تورلىرىنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/uyghur-tor-01282016154658.html

Share
1625 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.