logo

trugen jacn

دەۋرنىڭ روھى

ئويچان

 

بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئىنگلىز ۋە روسلار ئەتراپىمىزدىكى پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئاران مۇنقەرىز قىلغاندا، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز دەۋر روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭدىن ئالاھەزەل 20 يىل كېيىن، دۇنيا مىقياسىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، مۇستەملىكە ئەللەرنىڭ ئازاتلىق كۆرۈشى باشلانغاندا بولسا، 60 مىڭ كىشىلىك مىللىي ئارمىيەگە ئىگە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋر روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، بەدىلى نېمە بولسا بولسۇن، ئاخىرغىچە ئورۇش قىلىش ئورنىغا، خىتايغا تەسلىم بولغانىدى.

ئۇنىڭدىن تەخمىنەن 50 يىل كېيىن، شەرقىي تىمۇر، كوسوۋو ۋە بوسنىيە… دېگەندەك رايۇنلار ئۆز يۇرتىدا كۆرەش قىلىپ، «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» پرىنسىپى بۇيىچە دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقاندا، بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇجاھىدلار ئاز بولسىمۇ، ئاجىز بولسىمۇ، ۋەتەندە خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئورنىغا، دەۋر روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، چەتئەلگە ھىجرەت دولقۇنىغا غەرق بولۇپ، خەلقئارالىق يۇقۇتۇش ئوبېيىكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان ئەلقائىدە، تالىبان… دېگەندەك گورۇھلارغا قۇشۇلۇشقا باشلىغان، كېينچە بۇ گورۇھلارغا قارشى ئامېرىكا تەرىپىدىن جەڭ ئېلان قىلىنغاندىمۇ، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئورنىغا، يەنە بىر قېتىم دەۋر روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاشۇ «تېررورچى» تەشكىلاتلار بىلەن ئامېرىكا، بەلكى پۈتۈن خەلقئارا جەمئىيەتكە قارشى جەڭگە كىرگەن، ئورۇشتىن كېيىن بىر قىسىمى غوللۇق تېررورچى سۈپىتىدە ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى.

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 10 يىل كىيىن، ئوتتۇرا شەرقتە «جىھاد، شەرىئەت ۋە خىلاپەت…» شۇئارلىرى قايناپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە جىددىي خىرىس شەكىللەندۈرۈۋاتقان، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە جىددى باش قاتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدىن قېچىپ چىققان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار خەلقئارالىق ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈش ئورنىغا، دەۋرنىڭ روھىغا يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىپ، ئۇدۇل سۈرىيە ۋە ئىراققا ئاققانىدى.

خىتاينىڭ شۇنچە سۇيىقەستلىرىگە ۋە بىزنىڭ شۇ قەدەر خاتالىقلىرىمىزغا قارىماي، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان، خىتاي تەرەپ بار كۈچى بىلەن بىزنى «دىنىي رادىكاللىق» بىلەن ئەيىپلەۋاتقان بىر پەيتتە، يەنە دەۋر روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، قەستەن چۈشەنمەس بولۇۋېلىپ، سۆز ئوينىتىپ، تارىخ بۇيىچە داۋام قىلىپ كەلگەن داۋاملىق يانپاشقا چىقىپ بېرىش ئادىتىمىزنى داۋام قىلساق، يەنە تاياق يىگىنىمىز يىگەن. ناۋادا رېئاللىق خىيالغا باقسىدى تارىخىمىز كۆز ياش بىلەن ئەمەس، گۈل چىچەك بىلەن تولغان بولار ئىدى.

بۈگۈن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ مەۋجۇت خەلقئارا سىستېمىغا ۋە قىممەت قاراشلارغا جىددى خىرس ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاللىقاچان تۇنۇپ يىتىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى چارە ۋە ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتىدۇ. خىتاي تەرەپمۇ تۇشمۇ تۇشتىن ئىتتىپاقداش ئىزدەپ يەر شارى خاراكتېرلىك رەزىللىك مەركىزى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ. مانا بۇ ئىككى ئىتتىپاق ئارىسىدىكى مۇقەررەر تۇقۇنۇش ۋە بۇ تۇقۇنۇشتا غەربنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكى بۈگۈنكى دەۋرنىڭ روھى.

بۇ تۇقۇنۇشتا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئىتتىپاقى سېپىدە يەر ئېلىش مەيلى قايسى نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتايلى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ ئەقەللىي بىردىنبىر تاللىشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن، بەدەل تۆلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردا قىلچە ئىككىلەنمەي بەدەل تۆلەش كېرەك. دەۋرنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ئىش قىلىش دېگەن مانا مۇشۇ.

تارىختىن بۇيان مەغلۇپ بولغانلار بىكارغا مەغلۇپ بولغان ئەمەس، ئىشنى دەۋرنىڭ روھىغا خىلاپ قىلىپ مەغلۇپ بولغان. دەۋر روھىغا خىلاپ ئىش قىلغاندا، ھېلىغۇ بىزدەك كۈچسىز مىللەتلەركەن، بۈيۈك بۈيۈك ئىمپېرىيەلەرمۇ مەغلۇپ بولىدۇ. يانپاشقا چىققاندا خېلى كۈچلۈك ئىنساننىمۇ ئاجىز ئىنسان يېقىتالايدۇ.

Share
1485 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.