logo

trugen jacn

دېموكرات دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ساۋات

مۇراد ئۈمىدى

      

       دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان  كىشلەرنىڭ دۆلەت كونستىتۇتسىيىسىگە ئاساسەن ھەر خىل تەشكىل- جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش ۋە قۇرۇش ھوقۇقى كاپالەتلەندۇرۇلگەن. شۇڭلاشقا بۇ دېموكراتىك دۆلەتلەرىدىكى بىر تۈركۈم بىر پىكىردىكى مەسلەھداش گراژدانلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن سىياسەت، مائارىپ –  مەدەنىيەت ۋە ساخاۋەت قاتارلىق ئىشلارغا دائىر تەشكىلات، ئۇيۇشما، جەمىئەت ۋە فوند قاتارلىق مۇئەسسەسەلەرنى قۇرۇپ ياكى تەسىس قىلىپ ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

ھەر قايسى تەشكىلات، ئۇيۇشما، جەمىئەت ۋە فوند قاتارلىق مۇئەسسەسەلەر ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پروگراممىسى (ياكى باش مەقسىتى) ، نىزامنامىسى، تەشكىلىي تۈزۈمى ۋە پائالىيەت دائىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆزلىرى بەلگىلىگەن پرىنىسىپلىرىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىدۇ. ھەمدە سىياسىي پروگراممىلىرى (ياكى باش مەقسەتلىرى)  بويىچە تۈزۈلگەن پىلانلار بۇيىچە ئۆز ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇدۇ ۋە ئىشلەيدۇ. تەشكىلاتلارنىڭ بۇ سىياسىي پروگرامما (ياكى باش مەقسەت)، نىزامنامە ۋە تەشكىلىي تۈزۈملەرنىڭ قانداق يېزىلىشى شۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئىشى. ھەمدە قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مەزكۈر تەشكىلاتلارنىڭ شەخسىي ئىشى. باشقا كىشلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەزكۈر تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي پروگرامما (ياكى باش مەجسەت) ۋە نىزامنامىلىرى ھەققىدە « ئۇنداق يازدى، مۇنداق يازدى » دەپ گەپ قىلىشىنىڭ ئۇرنى يوق. ھەمدە ئۇلارنى جاۋاپكارلىققا تارتىشقا ھەققىمۇ يوق. مەزكۈر تەشكىلاتلارنىڭ جاۋاپ بىرىش مەجۇرىيىتىمۇ يوق. چۈنكى بۇ تەشكىلاتلار خەللققە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى ئەمەس. بۇ مەزكۈر تەشكىلاتلار پەقەت بىر تۈركۈم بىر پىكىردىكى مەسلەكداشلاردىن تەشكىل قىلىغان بىر ئاممىۋى كوللېكتىپلاردىن ئىبارەت خالاس. ئەگەر بىرەر ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنسىز ئىشلىرى بولسا، ھەر قانداق گراژدان مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي تەرتىپلەر بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ئاپاراتلىرىغا پاش قىلىش ئەرزىلىرىنى سۇنۇش ھوقۇقىغا ئىگە. لېكىن باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئارىلىۋېلىش پەزىلەتلىك سىياسىيونلارنىڭ  خىسلىتى ئەمەس.

ھەر قايسى تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پروگراممىلىرىدا (باش مەقسەتلىرىدە) ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دائىرلىرى ساھەسىدە « بىز ئەڭ ياخشىسىغا ۋەكىللىك قىلىمىز» دەپ يېزىشى نورمال بىر ئەھۋال. مەسىلەن، ئامېرىكىدا دېموكراتچىلەر پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ھەر ئىككىسىلا بىز ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىمىز دەپ، ئامېرىكا كونگرېسىدا ھەر تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى لايىھىلەرنى قويىدۇ.

بىرەر تەشكىلاتنىڭ تەشكىلىي ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى، ئۇلارنىڭ سايلاملىرىنىڭ قانداق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىشى مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشىدۇر. سىز ئۆز تەشكىلاتىڭىزنىڭ تەشكىلىي ساپاسى ۋە سايلام ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلسىڭىز بولدى. باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ قانداق بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ھەمدە سىزنىڭ ۋەزىپە ۋە مەجبۇرىيىتىڭىزمۇ ئەمەس.

قىسقىسى، ئەڭ ياخشىسى « ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي » دېگەن پرىنسىپ بويىچە ئىش قىلىش تۈزۈك. باشقا تەشكىلاتلار ياخشى قىلالمىغان ئىشنى سىزنىڭ تەشكىلات ياخشى قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئۆزىڭىز ھېچقانداق ئىش قىلماي ئىش قىلىۋاتقانلارنى غاجايدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويۇشتىن  ساقلىنىڭ.

2021-  يىلى دېكابىر

Share
1376 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.