logo

trugen jacn

دۈشمەن ئىشلەپچىقىرىدىغان تۈزۈم

 

 

م.ئازات

دۆۋلەت ئىچىدە دۈشمەن يارىتىش سوتسىيالىستىك تۈزۈمدىكى دۆۋلەتلەرنىڭ ۋاز كەچەلمەيدىغان دۆۋلەت پىرىنسىپلىرىدىن بىرسىدۇر.چۈنكى،سوتسىيالىستىك تۈزۈم، سىنىپىي كۈرەش ئۈستىگە قورۇلغان
سىنىپىي كۈرەشنى ئەلىپ بەرىش ئۈچۈن دۈشمەن لازىم.ماشىنىلارنىڭ ئۇزۇقى بەنزىن بولغىنىغا ئوخشاش،سوتسىيالىستىك دۆۋلەت موتورىنىڭ ئۇزۇقى سىياسى دۈشمەنلەردۇر.شۇڭا دۆۋلەت داۋاملىق ،پارتىيە،ھۆكۈمەت،خەلق ئىچىدىن دۆشمەن ئىشلەپ چىقىرىشقا مەجبۇردۇر

دىمەك ،دۆۋلەت مىخاينىزىمىنىڭ بىر قىسمى،دۆشمەن ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋە ئىشلەپ چىقىرىلغان دۈشمەنلەرنى يەنە يوقۇتۇدىغان زاۋوتلۇق رولىنى ئوينايدۇ

جۇڭگودا ،كەيىنكى 30 يىل ئىچىدە،4 نى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلى بۇ زاۋوتلارنىڭ كۆپ قىسمى تاقىۋەتىلدى.بىراق، بۇ زاۋوتلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ”ئۈچ خىل كۈچلەر“ئىسمى ئاستىدا دۈشمەن ئىشلەپ چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا،مەھسۇلاتنى كۆپەيىتمەكتە ۋە ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى تەخىمۇ تىزلەتمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكۇمنىڭ ئالاھىدە ئىستىراتىگىيەلىك ئىھتىياج ئۈچۈن ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان“ئۈچ خىل كۈچلەر“ ماركىسى چاپلانغان مەھسۇلاتنى دۆۋلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ”كۆپ سەتىش، پايدا كۈتمەسلىك“ئىستىراتىگىيەسى بىلەن بازارغا سالماقتا

ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ يوقىرى دەرىجىلىك ھاكىمىيىتىدە ئىستىراتىگىيەلىك پىلان تۈزگۈچىلەرنىڭ مەخسىدى مۇنداق؛

ئىدىلوگىيەسىز قالغان پارتىيەنى جانلىق تۇتۇشنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى-دۈشمەن ئىشلەپ چىقىرىش
ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكۇم سىكىرتارى ۋاڭ   بىلەن پارتىكۇم تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى جاڭ نىڭ سۆھبىتىگە دىققەت قىلىڭ؛

– ئاپتونوم رايونىمىزدا ياشاۋاتقان خەنزۇ خەلقىنى قورقۇتۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەتىراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن؟

-قورقۇتۇش ئارقىلىق، سۆيگۈ يارىىتىش ئۇسۇلى بىلەن
-كىم ئارقىلىق كىنمى قورقۇتىمىز؟
-ئۇيغۇرلار ئارقىلىق خەنزۇلارنى قورقىتىمىز.ئارقىدىن پارتىيەنىڭ سۆيگۈسىنى تەقدىم قىلىمىز.خەنزۇ خەلقى پارىيەنى تەخىمۇ قىزغىن سۈيىدىغان،پارتىيەگە  تىخىمۇ يىقىندىن ئەگىشىدىغان بولىدۇ
-بۇ ئىشنى قانداق قىلىمىز؟

– ”مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ تەھدىدى ئارقلىق“
-بۇ بۆلگۈنچىلەر قانداق يارىتىلىدۇ؟
-زۇلۇم ئارقىلىق.
-ئىسمىنى نىمە قويۇش كەرەك؟
– ”ئۈچ خىل كۈچلەر“
-بۇلار بەك ئاز.ئىھتىياجىمىزنى قامدىيالمايدۇ
-ئىشلەپچىقىرىمىز
-نەردە؟
-جەنۇپتىكى ھەممە ۋىلايتلەر ۋە ئىلى  ۋىلايىتىنىڭ تەبىى شارايىتى مۇۋاپىق.
-قانداق قىلىپ؟
– دۈشمەن كۆچەتلىرىنى بۇ مۇنبەت زىمىنللارغا تىكىمىز ۋە يەتىشتۈرىمىز.كەيىن ئورمان بولىدۇ.پۇلغا يارايدۇ
-قانداق ئوغۇت بەرىمىز
– ئوغۇتنىڭ ئىسمى – زۇلۇم
-خەلققە زۇلۇم قىلساق قانداق بولىدۇ؟
-ھەي،ئاخماق،ئىسمىنى زۇلۇم دىمەيمىز.“پىلانلىقتۇغۇت“. ”قوش تىللىق ماارىپ“، ”ئەشىنچى ئەمگەك كۈچىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش“، “دىنى رادىكا”،”بۆلگۈنچى”،“ ئەيدىز“،“دىننى سىياسەتكە خىزمەت قىلدۇرۇش“ ،باج،ئالۋاڭ-سىلىق،ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت،ئاياللارغا ياغلىقنى مەنئى قىلىش،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماسلىق،ئۇنىۋەسىتىت پۈتتۈرگەنلىرىگە خىزمەت بەرمەسلىك.يەزىلاردا قورشاپ تۇتۇپ تۇرۇپ،ئاچ-يوقسۇل قويۇپ قىيناش،ياش بالىلىرىنى تۇتۇپ كەتىش،ئۇرۇش-قىيناش….ئەقلىمىزگە كەلگەن ھەر قانداق تاكتىكىنى،سىياسەتنى سىناپ كۆرۈش كەرەك. چىدىماي ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىققانلار دەل بىزگە لازىم بولغان ”ئۈچ خىل كۈچلەر“دۇر.
-ئۇلارنى قانداق قىلىمىز؟
-ھەي،ئاخماق.ئۇلارنى تۇرمىلارغا سولايمىز.قىينايمىز.”خەنزۇ بالىلار يەسلىسىگە،خەنزۇ مەكتەپلەرگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى”،“شىنجاڭغا   كۆچۈپ كىلىپ بەختىيار ياشاۋاتقان خەنزۇلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگۈتىش“پىلانلىرىنى ئىقىرار قىلدۇرىمىز.
-ئۇ ئىقرارنامىلارنىڭ بىزگە نىمە پايدىسى بار؟

-بۇ يۇرتتا 10 مىليون ئەتىراپىدا خەنزۇ نوپۇسى بار.ئۇلارنى قورقۇتۇش،ئۇلارنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىھتىياجىنى ھىس قىلدۇرۇش.ئۇلارنىڭ جاماەت پىكىرى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە،بۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كاللىسى ئۆزگەرمەيدىغەن،تۇزكور،ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان،پەقەتلا قۇرال كۈچى ئارقىلىقلا باشكۇرغىلى بولىدىغان ”ئۈچ خىل كۈچلەر“ئىكەنلىگىنى تەشۋىق قىلىش،پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ بۇلارغا بولغان نەپرىتىنى قوزغاش ئارقىلىق سىياسىتىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايمىز.ئەنە شۇ چاغدا بۇ ئالى ھوقۇق مەڭگۇ بىزنىڭ قولىمىزدا بولىدۇ
-نىمە دىگەن دانا پىكىر
_دانا پىكىرلەر مىلتىقنىڭ، زەمبىرەكنىڭ… ئۇچچىدىن چىقىدۇ

X                   X                                  X                                      X

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىسقىچە كۆرۈنىشى يۇقىرقىدىن ئىبارەت.نىمە قىلىش كەرەك؟

X                                              X                              X                             X
ئادلوف.گىتلەرنىڭ يەھۇدىلارنى كۆيدىرىدىغان خۇمدان زاۋوتلىرى تاقالغىنىغا ئوخشاش،“ئۈچ خىل كۈچلەر“ نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى كۆيدۈرىدىغان بۇ ئىنسان قەلىپىدىن چىققان زاۋوتلار دەرھال تاقىلىشى كەرەك

ئەگەر دۆۋلەتنىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى راستىنلا ھەل قىلىش نىيىتى بولسا،بىرىنجى قەدەمدە بۇ زاۋوتلارنى تاقىۋەتىشى كەرەك.دۈشمەن ئىشلەپ چىقىرىشنى توختىتىشى،دۈشمەن ئىشلەپ چىقىرىدىغان تۈزۈمدىن ۋاز كەچىشى كەرەك

 

يىلى2009. 6.ئاينىڭ 16.كۈنى

بۇ ماقالە ئۆز ۋاختىدا ۋەتەن ئىچىدىكى كۆپ تورلادا ئىلان قىلىنغان

Share
2277 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.