logo

trugen jacn

دۇنياۋى نېفىت شىركەتلىرى جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى زور دەرىجىدە ئازلاتتى

images

برېيىن سپېگېلى


ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ مەخسۇس ماقالىسى (ئوكيان تەرجىمىسى): يەر شارىۋى نېفىت شىركەتلىرى جۇڭگودىكى بىر قىسىم زور سوممىلىق مەبلەغلىرىنى بىكار قىلماقتا، بۇ چەتئەلنىڭ كەسپىي تېخنىكىسىغا موھتاج جۇڭگو كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا شۇم خەۋەردۇر.
نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نېفىت شىركەتلىرىنىڭ ھازىر قارىماققا ياخشى پايدا يارىتالىشى ئانچە مۇمكىن بولمىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى زور دەرىجىدە ئازلىتىشقا مەجبۇر قىلدى. جۇڭگونىڭ تۈرلىرىنىڭ ھەمىشە تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى ھەمدە گېئولوگىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا خەتىرى ناھايىتى چوڭ، شۇڭا شۇڭا ئازايتىلىدىغان تۈرلەردە جۇڭگودىكى تۈرلەر ئالدى بىلەن زەربىگە ئۇچرىدى.
گوللاندىيە خان جەمەتى Shell شىركىتى جۇڭگو بازىرىدىكى نېفىت كەسپىنى ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى، نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ سىلانتس گازى قېدىرىشقا ۋەدە بەردى، بىرلا ۋاقىتتا تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش كەسپىنى زورايتتى.
ئەمما مەزكۇر شىركەت نەچچە يىلدىن بۇيان كۆپلىگەن خىرىسلارغا دۇچ كېلىپ، ئېغىر بەدەل تۆلىدى، ھازىر جۇڭگونىڭ سىلانتس گازى قېدىرىپ تەكشۈرۈشىگە مەبلەغ سېلىشنى ئازلاتماقتا. مەزكۇر شىركەت 2012-يىلى جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى بۆلۈشۈش كېلىشىمى ئىمزالىغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ دېيىشىچە، Shell شىركىتى يەنە جۇڭگو سىلىقلاش مېيى ماركىسى ھەمدە كەسپىنى سېتىۋەتمەكچى بولۇۋېتىپتۇ. تەننەرخى يۇقىرى بولغانلىقتىن ۋە مەھسۇلات باھاسى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، Shell شىركىتى جۇڭگو نېفىت پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن تەڭ مەبلەغ چىقىرىپ ئاۋسترالىيە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئېكسپورت قىلىش شىركىتىنى قۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كەچتى.
بۇ خىل ئەھۋال Shell شىركىتىدىلا يۈز بەرگىنى يوق. ئۆتكەن بىر يىلدا، باش ئىشتابى خيوستونغا جايلاشقان نېفىت قېدىرىش سودىگىر Anadarko Petroleum گۇرۇھى ۋە Noble ئېنېرگىيە گۇرۇھى جۇڭگودىكى كەسپىنى سېتىۋېتىش سودىسىنى تاماملىدى. Noble گۇرۇھىنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو نېفىتى بىلەن ئىمزالىغان سىلانتس گازى قېدىرىش كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىكەن، ئەنگلىيە نېفىت شىركىتى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ئۈچ قېدىرىش رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ، 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قېدىرىش تەننەرخىنى ئازلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نومۇرا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى نېفىت-تەبىئىي گاز تەتقىقات باشقۇرغۇچىسى گوردون كۋان (Gordon Kwan)نىڭ دېيىشىچە، بۇ شىركەتلەر ئەينى چاغدا نېفىت باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرىلىق سەۋىيەنى ئىزچىل ساقلاپ قالىدۇ دەپ قارىغان. ئۇ بۇ شىركەتلەرنىڭ پايدا نىسبىتىگە ئاساسەن تۈرلەرنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك دەرىجىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن باشقا شەرتلەر ئوخشاش ئەھۋالدا جۇڭگودىكى تۈرلەرنىڭ پايدا نىسبىتى ھەمىشە تۆۋەن، چۈنكى تەننەرخى نىسبەتەن يۇقىرى.
بىر قىسىم نېفىت شىركەتلىرىنىڭ مەبلىغىنى قايتۇرۇپ كېتىشى ئېنېرگىيە ئېھتىياجى تەدرىجىي ئاجىزلىغان جۇڭگونىڭ دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. كەسپىي تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ تەخمىنەن %60 نېفىت ئېھتىياجى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىكەن، لېكىن دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىشى سۇپا مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ خام نېفىت ئىمپورت قىلىش نىسبىتى يەنە ئاشىدۇ. سانائەت ۋە توك تارقىتىشقا ئىشلىتىدىغان ئىمپورت مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.
جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئېھتىياجى چەتئەل تېخنىكىسى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدە ئېرىشىش تەس بايلىقنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى. چەتئەللەردىكى تۈرلەردە، جۇڭگو نېفىت كارخانىلىرى يەنىلا تەجرىبىسى مول خەلقئارالىق ھەمكارلىق شىرىكلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىشىغا تايىنىدۇ.
ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كوڭ بونىڭ دېيىشىچە، ئۇلار مۇرەككەپ تۈرلەردە بۇ شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار تېخنىكا ۋە بىلىمگە ئېرىشىدىكەن، بىرلا ۋاقىتتا خەتەرنى تارقاقلاشتۇرىدىكەن، ئازايتىدىكەن. كوڭ بو Hess شىركىتىگە جۇڭگو بازىرى ئىستراتېگىيە مەسلىھەتى تەمىنلەيدۇ.
نېفىت باھاسى يۇقىرى بولغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادى كۈچلۈك ئاشقاندا يەر شارى ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بەس-بەستە جۇڭگوغا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت ماگناتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلدى.
2013-يىلى 3-ئايدا Shell شىركىتىنىڭ شۇ چاغدىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى پېتىر ۋوسېر (Peter Voser) جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە جۇڭگو تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىشنى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتا قاتارىغا تىزدى.
ۋوسېر شىركەت باياناتىدا جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش  جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىم مول بايلىقىدىن، بولۇپمۇ تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ۋوسېر ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، Shell شىركىتى ھەر يىلى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سېلىپ جۇڭگودا سىلانتس گازى قاتارلىق بايلىقلارنى ئېچىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
Shell شىركىتىنىڭ سىچۈەن ئويمانلىقىغا مەبلەغ سېلىشى قارىماققا ناھايىتى ئىشەنچىلىكتەك كۆرۈنىدۇ. ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ تېخنىكا ئارقىلىق قازغىلى بولىدىغان سىلانتس گازى زاپىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى كۆمۈر ئېنېرگىيە ئىستېمالىغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇمۇ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەمما Shell شىركىتىنىڭ سىچۈندىكى ئىگىلىكىنىڭ تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى، بەزى تۈرلەر كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. 1-ئايدا Shell شىركىتىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى سىمون ھېنرىيدىن جۇڭگودىكى كەسپى ھەققىدە سوئال سورالغاندا، ئۇ شىركەتنىڭ يەنىلا سىچۈەنگە مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما سوممىسىنىڭ ئىلگىرىكىدىن سەل تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو سىلانتس گازى زاپىسى ئەتراپىدىكى مۇرەككەپ يەر شەلى ئەھۋالى (بىر قىسىم يەر تەۋرەش كۆپ رايونلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىيالنىڭ كەمچىللىكى سىلانتىس گازى ئېچىشتىكى تەننەرخنى زورايتىۋەتتى. جۇڭگونىڭ نېفىت شىركەتلىرى تېخى كۆلۈم ئېففېكتى ئارقىلىق چىقىمنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتەلمەيدۇ.
باشقا بىر قىسىم ئامىللارمۇ بايلىقنى ئېچىشقا توسقۇنلۇق قىلدى، مەسىلەن سىلانېتس گازى زاپىسى مول رايونلاردىكى نوپۇس زىچلىقى نىسبەتەن يۇقىرى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش مېخانىزىمىمۇ پايدىنى چەكلەپ قويدى. ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسى ۋاڭ جوڭمىننىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگودىكى ئىككى چوڭ نېفىت شىركىتىنىڭ سىلانتس گازى كەسپىدىكى زىيان 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقان.
Shell شىركىتى ئالاقىدار مەسىلىدىكى يازما ئىنكاسىدا بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگودىكى پۈتكۈل قېدىرىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىستراتېگىيەسىنى تېخى ئۆزگەرتمىگەن. مەزكۇر شىركەت بۇ يىل جۇڭگودىكى كەسپىدىكى كونكرېت چىقىمنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.
Shell شىركىتى دېيىشىچە، يەنىلا بارلىق كۈچى بىلەن جۇڭگودىكى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن ھەمدە جۇڭگو نېفىت شىركىتى بىلەن يەر شارى تۈرلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىكەن. Shell شىركىتىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم چوڭ تىپتىكى نېفىت-خىمىيە تۈرىنىڭ قىسمەن پاي ھوقۇقى بار. مەزكۇر شىركەت يەنە جۇڭگو نېفىتى بىلەن ھەمكارلاشقان چاڭبېي تەبىئىي گاز ئىككىنچى قارارلىق تۈرىنى ئاكتىپ كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو نېفىت شىركىتى مۇخبىرنىڭ باھا بېرىش تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرمىدى. مەزكۇر شىركەت 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن 2014-يىللىق ساپ پايدىسى %17 تۆۋەنلەپ كەتكەن. مەزكۇر شىركەت يەنە بۇ يىل قېدىرىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە باشقا جەھەتلەردىكى چىقىمنى ئازايتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
Shell شىركىتى جۇڭگودىلا خىرىسقا دۇچ كەلگىنى يوق. مەزكۇر شىركەت كەلگۈسى ئۈچ يىلدا يەر شارىدىكى چىقىمىنى 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. Shell شىركىتى قاتاردىكى بىر چوڭ تىپتىكى نېفىت-خىمىيە تۈرىنى بىكار قىلدى، بىرلا ۋاقىتتا مېكسىكا قولتۇقى ۋە باشقا رايونلارنىڭ تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئاستىلاتتى.

ئوكيان تەرجىمىسى
http://bbs.bagdax.cn/thread-29182-1-1.html

 

Share
1690 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.