logo

trugen jacn

دۆڭئاشتى كەنتىدە ۋاڭ دەۋرىدە 1، جاڭ دەۋرىدە 15، چېن دەۋرىدە 65 كىشى تۈرمىگە تاشلانغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاشكارىلانغان تۇتقۇنلار ۋە بېرىلگەن جازالار ھەققىدىكى سان-شىفىرلار رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئېشىش سۈرىتىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى يېزىسىنىڭ دۆڭئاشتى كەنتىدە ۋاڭ لېچۈەن مەزگىلىدە 1 كىشى، جاڭ جۈنشەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان 7 يىلدا 15 كىشى، چېن چۈەنگو ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بىر يىلدىن بۇيان 65 كىشى تۈرمىگە تاشلانغان.

يەنە پۇرچاقچىدا ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدە ئاشكارا ھالدا شەرقى تۈركىستان شوئارى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ تۇتۇلغان بىر گۇماندار 9 يىللىق، چېن چۈەنگو دەۋرىدە تەبلىغ ئاڭلاپ قالغان بىر گۇماندار 8 يىللىق كېسىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2005-يىلى، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋاڭ لېچۈەن ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان دەۋردە قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش شوئارى بىلەن ئاشكارا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ئىككى نەپەر گۇماندارغا ئەينى چاغدا 9 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئەمما ئۇلارنى خىتاي ساقچىلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن تۇتۇپ بەرگەن ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» قۇربان باراتنىڭ چوڭ نەۋرىسى تەبلىغ ئاڭلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل 8 يىللىق كېسىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ شەخس ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە دەۋردىن-دەۋرگە يامانلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەھكۇملارغا بېرىلگەن جازانىڭ ئېغىرلىقىدىلا ئەمەس، جازالانغانلارنىڭ سانىدىمۇ ئەكس ئەتمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، پۇرچاقچىنىڭ دۆڭئاشتى كەنتىدە 2009-يىلى بىر كىشى كېسىلگەن بولسا، جاڭ چۈنشيەن دەۋرىدە 15 كىشى، چېن چۈەنگو دەۋرىدە 65 كىشى تۈرمىگە تاشلانغان.

مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ يۇقىرىقى 3 شەخس دەۋرىدىلا ئەمەس، رايون ئىشغالىيەت ئاستىغا چۈشكەندىن بۇيانلا دەۋردىن-دەۋرگە يامانلاشقانلىقىنى، ھەرقايسى ھۆكۈمدارلارنىڭ باستۇرۇش تەدبىرلىرى پەرقلىق بولسىمۇ، ماھىيىتى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر يەنە دەۋردىن-دەۋرگە ئۇيغۇرلاردا مىللىي ۋە سىياسىي ئاڭنىڭ يۈكسىلىپ مېڭىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۈگۈن بەلگىلىك دەرىجىدە خەلقئارالىشىۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ مانا بۇ تەرەققىياتتىن ئەندىشە قىلىپ، باستۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى ۋە سالمىقىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-besimi-10112017161035.html

Share
1612 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.