logo

trugen jacn

دىئابىت كېسىلى ھەققىدە باشلانغۇچ ساۋاتلار

1010344tu0kbn0uppsnpj5

تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە

بۇ تېمىدا ئالدىنقى بىر نەچچە تېمىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر ھورمۇننى ۋە ئۇنىڭدىكى نورمالسىزلىق تۈپەيلى كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر كېسەلنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي – ئىنسۇلىن ۋە دىئابىت كېسىلى:

تاماق يىگەندىن كىيىن ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم قىلىنىدۇ ۋە كۆپىنچىسى گلۇكوزا (ئالتە كاربونلۇق ئاددى قەنىت، ئەڭ مۇھىم ئېنىرگىيە مەنبەسى) غا ئايلىنىپ كىچىك ئۈچەيدىن قانغا سۈمۈرىلىدۇ. ئاندىن گىلۇكوزا قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىن بەدەندىكى بارلىق ئەزالارغا، بولۇپمۇ ئېنىرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولغان مېڭە، سۆڭەك مۇسكۇلى، يۈرەك مۇسكۇلى ۋە گلۇكوزىنى گلۇكوگېنغا ئايلاندۇرۇپ ئامباردا ساقلايدىغان جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا سۈمۈرۈلىدۇ، دە گلۇكوزىنىڭ قاندىكى مىقدارى تۆۋەنلەپ نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. لىكىن بۇ نورمال بولغان فىزىئولوگىيلىك جەريان يەنە شۇ ھورمۇنلارنىڭ ياردىمىسىز تاماملىنالمايدۇ. قاندىكى گلۇكوزا مىقدارى ئاشقانلىقىنى سەزگەن ھامان ئاشقازان ئاستى بېزى (pancreas) دىكى بىتا- ھۆجەيرىلەر (β-cell) ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ ۋە ئىنسۇلىن قاندا ئايلىنىپ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھۆجەيرە پەردىلىرىگە جايلاشقان گلۇكوزا توشىغۇچى ئاقسىل-4(GLUT4) نى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق گلۇكوزىنىڭ قاندىن بەدەندىكى ئەزالارغا سۈمۈرۈلۈپ قاندىكى مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماق يەپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىنسۇلىننىڭ مىقدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككى خىل نورمالسىز ئەھۋال ئىككى خىل دىئابىت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:

1. ئاشقازان ئاستى بېزى يىتەرلىك ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرالمىسا، ئۇ ھالدا ئىنسۇلىن بولمىغاندىكىن تاماقتىن كىيىن قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى ئىزچىل يۇقىرى ھالاتتە تۇرىۋىرىدۇ ۋە بۇ زەھەرلىك بولۇپ I-تىپلىق دىئابىت كېسلى نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى دىئابىت بىمارلىرى ئۈچۈن چوقۇم ئىنسۇلىن ئۇرۇش لازىم بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە تىز ئورۇقلاپ كىتىدۇ چۈنكى يىگەن تاماقتىكى ئوزۇقلۇق (گلۇكوزا) ئىنسۇلىن بولمىغاندىكىن بەدەنگە قوبۇل قىلىنالماي، بەدەن ئېنىرگىيە ھالىتى مەنفىي بولىدۇ.

2. ئەگەر ئاشقازان ئاستى بېزى يىتەرلىك ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقارغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، لىكىن كۆپىنچە سېمىز كىشىلەردە ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈك تۆۋەنلەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن قاندا ھەم يۇقىرى ئىنسۇلىن ۋە يۇقىرى گلۇكوزا بولغان بىر ئەھۋال يۈز بىرىپ، يەنىلا گلۇكوزىنىڭ قاندىكى مىقدارى يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكىسى ئادەتتە II-تىپلىق دىئابىت كېسىلىدىيىلىدۇ. بۇ خىلدىكى بىمارلارنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ھەرىكەت قىلىش ۋە ئورۇقلاش. ئىنسۇلىن ۋە ياكى باشقا دورىلار ئاساسەن كۆپ كار قىلمايدۇ. ئادەتتە، بۇ خىلدىكى دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار پۈتۈن دىئابىت بىمارلىرىنىڭ 80-85% نى ئىگەللەيدۇ

يازما ئاپتورى:

دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە (تور نامى بىلگەجان) 1985-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان. ئۇ 2009-يىلى ئامېرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتى مولىكۇلا ۋە ھۈجەيرە ھاياتلىق ئىلىمى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنغان. 2013-يىلى 5-ئايدا 28 يېشىدا دوكتورلۇقنى تاماملاپ، ئامېرىكا تەبئىي پەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش ئۇيغۇر دوكتور بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكا تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى گېنىتىكا فاكۇلتىتىنىڭ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاساسلىقى گېنىتىكا، ھامىلە يېتىلىش بىئولوگىيىسى، مېتابولىزىملىق كېسەللىكلەر ۋە مېڭە ئىلىمى قاتارلىق ساھەلەرگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىئو-مېدىستسىنا تەتقىقاتىغا مەركەزلىشىدۇ

http://bilge.eldawa.com/?p=505

Share
2202 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.