logo

trugen jacn

دوللار قارىلار

image-2

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

   ئۆمرە جەريانىدا ئەرەبىستاندىكى شاھ ئابدۇللاھ ئۇنۋېرىستىتى ۋە مەدىنە ئۇنۋېرىستىتىكى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. مەدىنە ئۇنۋېرىستىتىدا تۈرلۈك دىن ئىلىملىرىدە ئوقۇۋاتقان ئىجتىھادلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇڭدىشىپ سۆيۈندۈم ۋە ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلار بەدىلىگە ئېرىشىۋاتقان غەلىبىلىرىدىن ئىپىتىخارلاندىم. مەزكۇر ئۇنۋېرىستىتتا يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىملىرى ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ دىنىي بىلىملەنى كامىل ئۆگىنىشكە كەپتۇ. بۇلار مۇككەممەل پەننى بىلىملەردىن خەۋەردارلىقى، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتكە مەنسۇپ رايۇنلاردا ياشاپ باققانلىقى، بىر قانچە تىلغا كامىللىقى بىلەن باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەسىلىلەرنى چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلەپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا پەرقلىنىدىكەن. ئۇلار ئۇيغۇرچە كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئوقۇپ تۇرىدىكەن. تورلاردا ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ، ئىنىمىز تۇرسۇنجان بىلگەنىڭ، ئابدۇرەھىم ئابلەتخاننىڭ ئەسەرلىرىگە ئامراقكەن، بولۇپمۇ بىلىمخمار ئاكىمىزنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرىدىن ئىكەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىسلام چۈشەنچىسى ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولغان ئىنىمىز ئۇتۇق (ياسىما ئىسىم) بىلەن بۇ ھەقتە تەپسىلىرەك پاراڭلاشتۇق ۋە بىر قىسىم قاراشلىرىمىزنى ئورتاقلاشتۇق. ئۇنىڭ بۇ تېمىنى تاللىشىغا ئەرەب ئۇستازلارنىڭ ”سىلەردە ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى بولغانمۇ؟“ دېگەن سوئالى سەۋەب بولۇپتۇ.
   مەدىنىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولۇنغان سۆھبەت جەريانىدا ئەرەب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئەرەبچە ئىلمىي كىتابلارنىڭ كەملىكى، بولۇپمۇ ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام، دوكتۇر ئابدۇقادىر تاش ۋە مۆھتەرەم رەھمۇتۇللاھ ھاجىدىن باشقا ئۇيغۇر ئۆلىمالارنىڭ قولىدىن چىققان مەخسۇس تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ ئازلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تېخى يېقىندىلا بىر ئەرەبچە گېزىتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خاتا، چالا ۋە تەرەپبازلىق بىلەن مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭغا رەددىيە بەرگىدەك ماقالىنىڭ يېزىلمىغانلىقىنىڭ ئەپسۇسلۇقلىرى بايان قىلىندى. ئەرەبىستاندا چىقىدىغان مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئىسلام تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ”مەرىپەت“ دېگەن ژورنالمۇ ئەسەرسىز قىينىلىۋېتىپتۇ. بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىدە 80-يىللاردىن باشلاپ ئەرەبىستانغا ئوقۇشقا كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ۋەتەندە قارىلىقتا ئوقۇپ مۇكەممەل پەننى مائارىپتا تەربىيەلەنمىگەن بولغاچقا ئۇيغۇرچە يېزىقچىلىقتا قىينىلىدىغانلىقى، نەتىجىدە ئەرەبچە يېزىقچىلىققتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغانلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇئان ئېسىمگە 2005-يىلى تۈركىيەدە بىرەيلەننىڭ بىزدىكى دىن ئوقۇيدىغانلار ئارىسىدىن نوپۇزلۇق دىنى كىتابلارنى يازىدىغان ئەمەس ئۇيغۇرچىغا قاملاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلالايدىغانلارنى تاپماقنىڭمۇ تەرسلىكىنى دېگەنلىكى ئېسىمگە كەلدى. دېمەك كىشىلەر ئادەتلىنىپ كەتكەن قۇرئاننى يادىلاشقىلا يېپىشىپ چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشقا ۋە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشكە سەل قاراش، بالىلارنى قارى قىلىشقىلا ئالدىراپ پەننى مائارىپقا سەل قاراش، تەرجىمە تەبلىغ ۋە كىتابلارنى تارقىتىشقىلا كۈچىنىپ مۇستەقىل تەپەككۇر ۋە يېزىقچىلىققا سەل قاراش قاتارلىق يېتىشسىزلىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلىمالىرىمىز ئون يىللاپ ئەرەب ئەللىرىدە تۇرغان بىلەن يا تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە بۈگۈنكى ھالىمىزنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئەرەبچە يېتەرلىك چۈشەندۈرەلمەي، يا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەپەككۇر مىۋىلىرىنى تاسقاقتىن ئۆتكۈزۈپ خەلقىمىزنى ئىستىقبال مەنزىلىگە باشلاشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي تەمتىرەۋاتقاندەك قىلاتتى.
   ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشقىنىمىزدا ئوقۇغۇچىلار ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىلىمگە ساداقەتسىزلىكى، سۆرەلمىلىكى ۋە ئىقتىسادقا بېرىلىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. سۆھبەتداشلار مۇكاپاتلىق ئوقۇۋاتقانلارنىڭ پۇلغا بېرىلىپ كېتىشنى بىر ئەيىپ سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشىپ نارازى بولۇشتى. مەكتەپتە بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا ”دوللار قارىلار“ دەپ لەقەم قويۇلغانىكەن. بەلكىم ئۇلارنىڭ تىجارىتى ۋەتەندىكىلەر بىلەن دوللار ئىشلىتىلىپ داۋام قىلغاچقا شۇنداق لەقەملەنگەن بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە مەن بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلار ئىلىمگە، كىتابقا ۋە ئىلمىي سۆھبەتلەرگە ھىرىسمەنلەر ئىدى. ئۇلارچە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن تالىپلارنىڭ مۇكاپاتلىق داۋام قىلىۋاتقان ئوقۇشىنى نەتىجىلىك پۈتكۈزۈشكە تىرىشماي تىجارەتكە كىرىشىپ كېتىشى تەنقىدكە لايىق ئىدى. كۆزىتىشىمچە مەيلى ۋەتەندە پەن ئوقۇۋاتقانلاردا بولسۇن ياكى ئەرەب ئەللىرىدىكى تالىپلاردا بولسۇن بىر قانچە ئورتاق مەسىلە مەۋجۇدكەن. بىرى، رىياللىقتىكى، جەمئىيەتتىكى ۋە ھاياتتىكى مەسىلىلەرنى ئۆزى ئوقۇۋاتقان كەسپ نوقتىسىدىن چۈشىنىشكە، چۈشەندۈرۈشكە، تەھلىل ۋە تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلەنمەسلىك ياكى ماھىر بولماسلىق ئىكەن. 2015-يىلى يازدا ئەزھەردە  ھەدىسشۇناسلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئىنىمىزنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىپ يېرىم سائەتتەك ئولتۇرۇپ تالىپلارنىڭ ئاغزىدىن نە بىر ھەدىسنىڭ تەدبىقىنى، نە بىر ئايەتنىڭ تەبلىقىنى ئاڭلىيالماي قوپۇپ كەتكەنىدىم. يەنە بىر سەۋەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەدە ئوقۇش ۋە نېمە ئوقۇشنى ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن تاللىغانلىقى ئىكەن. بەزەن قېرىنداشلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە بىر قىسىم ئاتا ئانىلار ۋەتەندە بالىلىرىنىڭ ئاققا، كەيىپكە ئۆگىنىپ بۇزۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئەرەبىستان، مىسىر، قاتار، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىسلامىي بىلىملەرنى ئوقۇشقا چىقىرىۋېتىدىكەن. ۋەتەندە پەندە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاياقەسىزلىرىمۇ دەپ يۇقارقىدەك ئائىلىسىنىڭ زورى بىلەن ئوقۇۋاتقانلاردۇر. ھازىر دىندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى مىسىردا بولۇپ ئۈچ مىڭدىن ئاشارمىش. ئەرەبىستاندىكى ئوقۇشنى ساقلاپ راباتلاردا ياتقانلارنى چىقىرىۋەتكەندە رەسمىي ئۇنۋېرىستىتلاردا ئوقۇۋاتقانلار ئىككى يۈزدىن ئاشىدىكەن. ئىگىلىشىمچە 1980-يىللاردىن ھازىرغىچە بولغان 30 يىل جەريانىدا دەسلەپتە پاكىستان ئاندىن مىسىر، ئەربىستان، يەمەن، قاتار، ئىمارات، سۈرىيە قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىدە دىندا ئوقۇغىلى چىققانلار ئەڭ ئاز مۆلچەرلىگەندىمۇ ئوتتۇز مىڭغا يېتىدىكەن، ئەمما بۇلاردىن ئۇيغۇرچە كىتاب يازغىنى، يېزىۋاتقىنى ئونغا يەتمەيدىكەن. ئەگەر ئوقۇشقا ھەقىقى مۇھەببىتى بولغانلار چىققان بولسا، ئوقۇشنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەنلەر چىققان بولسا، ھەم ئۇيغۇرنى ھەم دۇنيانى چۈشىنىدىغانلار چىققان بولسا، ھەم پەننى ھەم دىننى سۆيىدىغانلار چىققان بولسا بەلكىم ئوتتۇزمىڭ ئادەمدىن ئوتتۇزى كېرەككە كەلگەن بولاتتى.
     سۆھبەتداشلىرىمغا دېمىگەن بىلەن ”دوللار قارىلار“نى قارىلاشقا تىلىم بارمىدى. ئوقۇشقا ھەقىقى بېرىلمىگەندىكىن ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئالداپ موللا قىياپەتلىك تىجارەتچى بولىۋالماي تىجارەتچىلا بولۇپ كەتسە ھىچ يامىنى يوق. موللا- ئۆلىما ۋە قارىلار تىجارەت قىلسا بولمايدۇ دېگەن قائىدىمۇ يوق. تىجارەت دېگەن پەيغەمبىرىمىزدىن قالغان ئىش. خەلقىمىزدىكى ”موللىنى بۇزغان بىر قاچا ئاش“ دېگەن ماقالمۇ مۇھتاجلىقنىڭ ئىنساننى نە كويلارغا سالىدىغانلىقىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرۇپتۇ. شۇنى دېگۈم كېلىدۇ، ئاشۇ جاھان كۆرگەن ئوتتۇز مىڭ تالىپنىڭ يىگىرمە مىڭى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدى، جەمئىيەتنىڭ زورى ۋە شۆھرەت تاماسى بىلەن موللىلىق كوچىسىدا قىستىلىپ يۈرمەي تىجارەتلا قىلغان بولسا ئاۋۋال ئۆزىگە، جەمەتىگە ۋە ئۇيغۇرنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ئورنىغا كۆپ پايدىسى تېگەر بولغىيدى بەلكىم. سېلىشتۇرۇپ باقسام شاھ ئابدۇللاھ ئۇنۋېرىستىتىدا پەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا تىجارەت قىلىدىغان ئەمەس بۇ ھەقتە ئويلىشىدىغانلارمۇ يوق ئىكەن. بىرەيلەن تېخى ئۈندىدار توپىدىكى سەككىز يۈزدىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزغا بىلىم بەرگىلى تۇرۇپتۇ. چۈنكى بۇلار ئوقۇشنى ئۆزى تاللىغان، كەسپتىكى مۇۋەپپەيىتى ئۇلارنى پاراغەتلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلغان، ئوقۇشنى تاماملىسا خىزمەت ئورنىنى ئۆزى چېكىپ تاللايدۇ. دىن ئوقۇغانلارچۇ؟ ئوقۇپ بولۇپ نەدە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ نېمە بىلەن تۇرمۇشنى قامدايدۇ؟ نەدە، كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟ مۇشۇلارنى ئويلىغىمىزدا دوللار قارىلارغىمۇ مەدەت بەرمەي تۇرالمايمىز.
   ئۇتۇق ئىنىمىز مەدىنىدىن ئايرىلىدىغان كۈنۈم خوشلىشىشقا كەلدى. ساۋاقداشلىرى ئۇلارغا قانداق تەۋسىيەلىرىم بارلىقىنى سوراپتۇ. ئوخشىمىغان ئەللەردە دوكتۇرلۇققىچە ئوقۇش، قولىغا قەلەم ئېلىش، جامائەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ تەۋسىيەمنى دەپتىمەن. ئويلاپ باقسام سەل چالا بولۇپ قاپتۇ. ئەسلى، دىندا ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش بىلەن بىرەر ئەمەلى تېخنىكىنى ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، جامائەتلىشىپ ياشاش بىلەن ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇپ بولۇپ يېزىشتا ئەمەس يېزىپ يۈرۈپ ئوقۇشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىسەم بولغانىكەن. دوللار قارىلارغا سالاملار بولسۇن، ئەمما دوللارغىلا دۈم چۈشسە قارى بولالمايدۇ، دوللارسىز قارى بولۇپ قالسا تېخىمۇ بولمايدۇ. دىلىدا ئىمان، قولىدا شىركەت، يانچۇقىدا دوللار بولسا تېخى ياخشى ئەمەسمۇ!

http://bbs.bagdax.cn/thread-44142-1-1.html

Share
2013 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.