logo

trugen jacn

دولقۇن ئەيسا ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالىنى تاپشۇرۇۋالدى

simple-blue-background-abstract-photo-blue-background-768x413

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا 30-مارت كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى كاپىتول خىل سارىيىدا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەرىپىدىن بېرىلگەن 2016-يىللىق «ترومان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» نى تاپشۇرۇۋالدى

201603311427intl3

«ئەركىنلىك مېدالى» نى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەمدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى

201603311427intl2

مۇراسىمدا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى»نىڭ رەئىسى لى ئېدۋاردز سۆز قىلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۈزلۈكسىز كۈرەشلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. مۇراسىمدا مۇكاپات ساھىبى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلىپ، «ترۇمېن-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» نىڭ شەخسىي ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئالدى بىلەن ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

201603311427intl1

مەلۇمكى، «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» باش شتابى ئامېرىكىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان مۇكاپاتتۇر.

مەزكۇر فوندى جەمئىيەت 1993-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا خىراجەت ئاجرىتىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسى شۇ يىلى ئامېرىكا پارلامېنتىدا ماقۇللانغان ۋە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون ئىمزا قويغان

201603311427intl4

شۇنىڭدىن بۇيان بۇ فوندى جەمئىيەت ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئەۋلاد ئامېرىكا خەلقىگە كوممۇنىزم تۈزۈمى ۋە ئىدېئولوگىيىسىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش، شۇنداقلا دۇنيادىكى كوممۇنىزم تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقان يۈز مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى خاتىرىلەش ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ

201603311427intl9

«ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» 1999-يىلىدىن بۇيان تارقىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان، شۇنداقلا كوممۇنىزم ۋە باشقا دىكتاتور ھاكىمىيەتلىرىگە قارشى كۈرەشتە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر ياكى تەشكىلاتلارغا بېرىلىدۇ

201603311427intl10

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى بولغان ۋاكلاۋ خاۋېل، سابىق ۋاتىكان پاپاسى جون پاۋىل، خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ياڭ جيەنلى، چېن گۇاڭچېڭ ۋە ۋېي جىڭشىڭ شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد قاتارلىقلار ئىلگىرى بۇ مېدالغا ئېرىشكەن

201603311427intl11

ئىلگىرىكى يىللاردا بۇ مېدال 2 دىن 4 كېچە بولغان شەخسلەرگە بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يىللىق «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» يالغۇز دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى دەل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھارپىسىغا توغرا كەلگەن

Share
3413 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.