logo

trugen jacn

دوكتور نىمەتۇللاھ رەشىدى: ئىنسان ۋە ماگىنىت

دۇنيا يىڭنە داۋالاش جەمىيەتلىرى بىرلەشمىسى مۇتەخەسىسلەر ھەيئەت ئەزاسى
دۇنيا يىڭنە داۋالاش ئىلمى يورنىلى ئىنگىلىزچە تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى
خەلقارالىق يىڭنە داۋالاش سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئوتكەن مۇتەخەسىس دوختور خەلقارا تەرجىمانلار بىرلەشمىسى ئەزاسى
ماگىنىت – تومۇر، نېكىل، كوبالىت قاتارلىق جىسىملەرنى ئوزىگە تارتىپ ئەتراپىدا ماگىنىت مەيدانى پەيدا قىلىدىغان جىسىملارنىڭ ئورتاق ئىسمىدۇر. بىيوماگىنىتولوگىيەلىك نوختا نەزەردىن قارىغاندا، ئىنسان جانلىق ماگىنىت، تەبىئەت جانسىز ماگىنىتتۇر. ئىنسانلار 0.35 – 0.7µT (0.28 – 0.56 A/cm)
قىممىتىدىكى ماگىنىت مەيدانىدا خۇددى جانلىقلار پادىسدەك بىر مۇھىتتا ياشايدۇ ۋە تەبىئەتتىن ماگىنىت ئىلىشقا مەجبۇرقالىدۇ. ئىنسانلار قۇياش، ھاۋا ۋە سۇدىن ئايرىلالمىغىنىدەك ماگىنىتتىنمۇ ئايرىلالمايدۇ.
ئىنساننىڭ ماگنىت مەيدانى كوزگە كورۇنمەس غايىۋانە ھادىسەدۇر. ئۇ پۇتۇن شەييىلەرنى ئوزىگە جەلىپ قىلالايدىغان بۇيۇك كۇچتۇر. قۇۋۋەتتۇر، جاندۇر، ھاياتتۇر، تىرىكلىكتۇر. ئىنسان تىنىدىكى بۇ خىل ماگىنىت مەيدانى ھەر زامان، ھەر پەيتتە ئىنسان ھاياتىغا تەسىر قىلماي قالمايدۇ. ئۇنداقتا بۇ خىل ماگىنىت مەيدانى قانداق پەيدا بولىدۇ ؟ سىزنڭ بارلىق پائالىيىتىڭىز جۇملىدىن ئوزۇقلىنىشڭىز، مۇناسىۋىتىڭىز، مۇھىتىڭىز، نەفەس ئىلىشىڭىز، ئارام ئىلىشىڭىز، ئۇخلىشىڭىز، كوزقارىشىڭىز،ئىتقادىڭىز، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭىز قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممسى سىزنىڭ ماگىنىت مەيدانىڭىزغا تەسىر قىلىدۇ. بۇ ماگىنىت مەيدانى سىزنىڭ مىزاجىڭىز، تەلىيىڭىز ۋە تەقدىرىڭىزنى شەكىللەندۇرىدۇ.
بىر ئىنساننىڭ مىزاجى ياخشى بولسا، رۇھلۇق، ئەدەپلىك ۋە ئەخلاقلىق كورۇنۇدۇ. ماگنىت مەيدانىمۇ ياخشى بولىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. تەلىيىمۇ ئوڭدىن كىلىدۇ. ئەكسىنچە، ئىنساننىڭ ماگنىت مەيدانى ياخشى بولمىسا رۇھى چۇشكۇن، ئىرادىسىى بوش، ئىش-ئوقىتى ئۇنۇمسىز بولىدۇ. ئەگەر ماگنىت مەيدانى تىخىمۇ بۇزۇلسا ئىشىنى دومىلا باسىدۇ، ناچار ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا چاپلىشىدۇ. نىمە ئىش قىلسا ئۇندىن بىر پۇتاق چىقىدۇ. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ ماگنىت مەيدانىىغا تەسىر قىلىدىغان ئامىللار زادى نىمە؟ بۇنىڭ بىرسى نىيەت يەنە بىرسى مۇھەببەتتۇر. ئەندى بۇ خۇسۇسىدا بىرئاز گەپ ئىچىپ باقايلى …
ئۇيغۇر خەلقىدە ”نىيىتى ياماننىڭ قازىنى توشۇك، ئىچى ياماننىڭ كوڭلى ئارام تاپمايدۇ“ دەيدىغان بىرماقال بار. نىيەت – بىر ئىشنى قىلىشتىن ئەۋۋەلقى چۇشەنچىدۇر، بىر مەخسەتتۇر. ئەجابا سىز نىمە ئويلاۋاتىسىز ؟ نىمە قىلماقچىسىز ؟ نىمىگە ئىشىنىسىز ؟ نىيىتىڭىز نىمە؟ نىيىتىڭىزگە قانداق يىتىسىز ؟ سىزنىڭ ماگنىت مەيدانىڭىز مانا بۇ سۇئاللار ئۇستىدە قۇرۇلۇشقا باشلايدۇ. جازىبە يەنى جەلىپ قىلىش كۇچىڭىزنىڭ قانۇنىيىتىمۇ بۇندىن ئىبارەتتۇر. سىزنىڭ خىيالىڭىز سىزگە لازىم بولغان نەرسىنى ئوزىگە جەلىپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ ھادىسە مەلۇم مەنىدىن ئىتقاندا ۋىجدانىڭىزغا باغلىقتۇر.
ۋىجدان – بىر ئىنساننىڭ كىزى كەلگەندە ئوتەشكە تىگىشلىك ئەخلاقى مەجبۇرىيەتىدۇر. نىيەتنىڭ دۇرۇستلىگىدۇر. ئىچىڭىزدىكى تەڭرىدۇر. ۋىجدانلىق ئىنسانلار، ھەر ئىشقا ياخشى نىيەتتە، سەمىمى، ئىجابى ۋە چۇسلۇق بىلەن ئىنتىلىدۇ . ۋىجدانسىز، كەززاپ، يالغانچى ئىنسانلار، ھەر ئىشقا مەسئولىيەتسىز، سەمىمىيەتسىز، سەلبى ۋە سۇسلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ياخشىلىقتىن ئوزىنى قاچۇرۇدۇ. ۋىجدانى ئازاپ چىكىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ۋىجدانى ئازاپ سىزنى ئىختىيارسىز چۇشكۇنلۇككە زورلايدۇ. بۇتۇن ماددى مەنىۋى پائالىيەتلىرىڭىزنى ئاقسىتىپ قويىدۇ، بالدۇر قېرىتىۋىتىدۇ. ئەگەر سىز چۇسلۇق بىلەن (ئاكتىۋ ھالدا) پارلاق ئىستىبالغا ئىنتىلىشنى خىيال قىلسىڭىز سىزنىڭ ماگنىت مەيدانىڭىزمۇ شۇنىڭغا بېقىپ يۇكسىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئوي-خىيالىڭىز سۇسلۇق بىلەن (پاسسىۋ ھالدا) چەكلىنىپ قالسا سىزنىڭ ماگنىت مەيدانىڭىزمۇ سۇس ۋە سەلبى بىچىمدە شەكىللىنىدۇ. نەتىجىدە سۇس، سەلبى، ناچار ئادەم ۋە نەرسىلەرگە يولۇقۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئىجابى ماگنىت مەيدانىڭىزنى تىكلەش ئۇچۇن چۇس، ئىجابى، سەمىمى ئوي-فىكىرگە ئىگە بولۇشىڭىز لازىم.
پۇل تىپىپ باي بولۇشنىڭ كويىغا چۇشكەن ئىنسانلار داۋاملىق مال-دۇنيانىڭ غىمىنى يەيدۇ، ئۇنى ئوزىگە قارىتىشقا تىرىشىدۇ. ئامما نامراتلىق ئىڭىغا پىتىپ كەتكەن ئىنسانلار پاتقانسىرى نامراتلىشىپ كىتىدۇ. ئەگەر سىز ئوي – فىكرىڭىز، سوز-ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق تونۇپ يەتكەن بۇ ھادىسەلەرئۇچۇن بىر ئىزدىنىش، بىر چىقىش يول تىپىشقا تىرىشسىڭىز، مەيلى باي مەيلى نامرات بولىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر سىز ئويلىغان ئەھۋاللار خۇسۇسىدا بىر قانائەت ھاسىل قىلىشىڭىز مۇمكىن. بىر ئىنسان كوڭلىدە نىمە ئويلىسا شۇنداق بولىشى، ئەزەلدىن ئەندىشە قىلىپ كىلىۋاتقان يامان ئىشلار ياكى قەتئى ئىدراك قىلغان ياخشى ئىشلار دايىم بىشىڭىزغا كىلىشى مۇمكىن.
ئوي-فىكىر بىر سەۋەپتۇر. سىز بىلەن ئەينى فىكىرگە ساھىپ بىر ئىنساننىڭ ھاياتى ۋە كەچۇرمىشلىرى سىزنىڭ نەتىجىڭىزگە سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ خۇددى نىمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دىگەندەكلا بىرئىش. سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ. خالاس.
بۇنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلگەندىن كىيىن، سىز ئوي-فىكىردىن ئىبارەت بۇ بۇيۇك قابىلىيەتنىڭ سايىسىدە ئوزىڭىز ئويلىغان ھەرنەرسىگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن. ئۇمىتۋار بولىشىڭىز، دۇنيا ئىشلىرىنىڭ سەۋەپ نەتىجە قانۇنىيەتلىرىنى بىلىۋىلىشىڭىز، ئوي-فىكرلىرىڭىزنى توغرا، چۇس ۋە ئىجابى تەرزدە ئىشلىتىشىڭىزمۇمكىن. ئىنساننىڭ قەلبى بىلەن كاللىسىنى بىرلەشتۇرۇپ كوڭلىنى ئىچىشى ئەڭ كۇچلۇك ماگىنىتلىق دولقۇندۇر. ئاسمان-زىمىن ئىڭىگە ساھىپ ئۇچۇرلار بۇ دولقۇندا راۋانلىشىدۇ.
ئىنسان– ناھايىتى سەزگۇر بىر ئۇچۇر مەيدانىدۇر. ھەر زامان ھەر پەيتتە تاشقى مۇھىتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئىنسانلاردىكى بۇتۇن پائالىيەت تەبىئەتتىن ئالغان ماگىنىت مەيداننىڭ تەسىرى ئاستىدا شەكىللىدۇ. ئەلبەتتە مىھرى مۇھەببەت مۇ بۇندىن مۇستەسنا ئەمەس
مۇھەببەت – ئۇ نىمەدۇر؟ ئالەم دىگەن شۇ… مۇھەببەت ئالەمدىكى ئەڭ كۇچلۇك ئىجابى ماگىنىت مەيدانىدۇر. چۇنكى ئۇ ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇغلۇق ئالەمدىكى پۇتۇن نەرسىلەرگە ماسلىشالايدۇ. سىز پەقەت ماگىنىت چاچقان ۋاختىڭىزدىلا ماگىنىت جەلىپ قىلالايسىز. شۇڭلاشقا يالغۇزئوزىڭىزنىلا ئەمەس، ئەتراپىڭىزدىكى بارلىق ئىنسانلارنى، جۇملىدىن ئاتا-ئانىڭىزنى، يار-بۇرادەرلىرىڭىزنى، ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزنى، ئەل-ئاغىنەلىرىڭىزنى، خۇلۇم-خوشنىلىرىڭىزنى، يېراق- يېقىنلىرىڭىزنى، ھەتتا ئەتراپىڭىزدىكى پۇتۇن مەۋجۇداتلارنىمۇ سويىشنى بىلىشىڭىز كىرەك. سىزنىڭ ئەتراپقا چاچقان ماگنىت مەيدانىڭىز قانچە كوپ بولسا، سىزنىڭ ئەتراپتىن يىغىدىغان ماگىنىت مەيدانىڭىزمۇ شۇنچە كەڭرى، شۇنچە كۇچلۇك بولىدۇ. قازانغان مۇھەببىتىڭىزمۇ شۇنچە كوپ بۇلىدۇ.
مۇھەببەت – سويۇش ، خالاش دىمەكتۇر. ئۇ بىر خىل ماددەدۇر، چۇنكى بىر خىل ماگىنىت مەيداندۇر. ئەگەر سىز ئەتراپىڭىزغا بۇ مۇھەببەت ماددىسىنى چاچالىسىڭىز، ئالەمدە سىزنى سويىدىغان سىزنى خالايدىغان بىرماگىنىت مەيدانىنى ھاسىل قىلالايسىز. بىر ئىنساننىڭ ئوزى توپلىغان مۇھەببىتىنىڭ ماگىنىت مەيدانى قانچە كوپ بولسا، جەلىپ قىلىدىغان مۇھەببىتىمۇ شۇنچە كوپ بولىدۇ. سىز مەلۇم بىر قىيىنچىلىققا ياكى خەيىم-خەتەرگە يولۇققىنىڭىزدا، ئالەمدىن ھەرخىل ئۇچۇرلار تارقىلىپ، خۇددى سىزگە شەپە بەرگەندەك كوڭلىڭىز تۇيىدۇ. شەپە- مۇھەببەت بار يەرگە كىلىدۇ. بالا بىلەن ئانا، قوش گىزەكلەر، ئاشىق-مەشىقلەرئارىسىدىكى ئۇيۇم (ماسلىشىش)، پەقەت بۇ ئىككى تونۇش تەن ئارىسىدىكى مۇھەببەت ماگىنىت مەيدان بولغاندىلا ئوز-ئارا تەڭكەش (رېزونانس) قىلالايدۇ. گەرچە ئۇلارئايرىلىپ ئۇزاقلاردا قالسىمۇ ئىككى تونۇش تەن ئارسىدىكى مۇھەببەت ماگىنىت مەيدانى ۋەجىدىن بىرجان بىر تەن ھالىغا كىلەلەيدۇ. ئۇ خەتەرگە ئۇچرىسا بۇ تۇيۇدۇ. بۇ خەتەرگە ئۇچرىسا ئۇ تۇيۇدۇ. ئارىلىرىدىكىى مىھرى مۇھەببەت تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.
بالىدا بىر پىشكەللىك بولسا ئانانىڭ كوڭلى تۇيىدۇ، بىئارام بولىدۇ. كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇزاقلاردىكى بىر دوستىڭىزنى خىيال قىلىپ ئولتۇرغىنىڭىزدا تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن تېلىفون كىلىپ قالىدۇ. دىمەك، بىربىرىنى سويگەن ئىككى كىشى گەرچە ئۇزاقلاردا بولسىمۇ بەزىدە قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىنى ھىس قىلالايدۇ ۋە قىلدۇرالايدۇ..
بىر كىشى ھاياتى بويىچە خەققە ياخشىلىق قىلىپ كەلسە، ئالەمدىكى مۇھەببەت ماگىنىت مەيدانىنى توپلىغان بولىدۇ. ئۇ بىر خەتەرگە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭ ئالەمدىكى مۇھەببەت ماگىنىت مەيدانىدىن ئىبارەت بۇ يۇشۇرۇن تونۇشى بۇنى تۇيىدۇ، ئۇنىڭ بىر يەرلىرىدە راھەتسىزلىق ياكى بىر ئىشارەت پەيدا بولغانلىغىنى بىلدۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشەندۇرىدۇ، نەتىجىدە بولغۇسى بالايى ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
ئالەمنىڭ ئەڭ كۇچلۇك قانۇنىيىتى جازىبە يەنى ئوزىگە مەفتۇن قىلىش كۇچىدىن ئىبارەتتۇر. سىزنىڭ ئوي-فىكرىڭىز ماگىنىت مەيدانىغا، قۇۋۋەتكە، ئېنىرگىيەگە، جازىبەگە ساھىپتۇر. سىز نىمىنى ئويلىسڭىز ئۇنى ئالەمگە تارقىتىسىز، ئالەم سىزگە جاۋابەن سىز خالىغاننى بىرىدۇ. مۇھەببەت – ئالەمنىڭ ئەڭ كۇچلۇك ماگىنىت مەيدانىدۇر. سىز قانچىلىك مۇھەببەت خىيالى تارقاتسىىڭىز، ئالەم سىزنى شۇنچىلىك ماگىنىت مەيدانىغا ئېرىشتۇرىدۇ. خەققە ياخشىلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ تارقاتقان مۇھەببىتى قانچە كوپ بولسا، ئۇنىڭ ماگىنىت مەيدانىمۇ شۇنچە كەڭرى بولىدۇ.
ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىپ ھەرگىز بۇنى ھىچكىم تۇيمايدۇ دەپ ئويلىماڭ. ياخشىلىق ئازبولسا بىلىنمىگەن بىلەن، يامانلىق ئاز بولسىمۇ بىلىنىپ قالىدۇ. ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق دەپ قارىسىڭىز ۋاختى كەلگەندە نىمە بولىدىغانلىغىنى بىلىپ قالىسىز.
كۇنلۇك تۇرمۇشتا، ئوزىڭىزمۇ داخىل بولغان ناھايىتى كوپ ”قابىلىيەتسىز“ كىشىلەرگە يولۇقۇشىڭىز مۇمكىن. بەزىدە تەسادىپەن ناھايىتى قابىلىيەتلىك كىشىلەرئۇچراپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ھىمىشەم چۇس، ئۇمىتۋار، خوشال، تەسىرلىك ئىكەنلىگىدىن قايىل بولىسىز. ئۇلارنىڭ جازىبەسىگە مەفتۇن بولىسىز ۋە سىزمۇ شۇنداق بولۇشنى ئارزۇ قىلسىز…..
ئالەم يۇمۇلاقتۇر. ئالەم سەۋەپ – نەتىجە قانۇنىيىتىدۇر. بەدەلىگە تۇشلۇق نەپەقەسىمۇ باردۇر. بەرسىڭىزئالىسىز، سويسڭىز سويىلىسىز. ھەرھالدا، ھاياتىڭىزدا ھىچ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان، كورۇپ باقمىغان يات جىنىستىن بىر ئىنساننى، ئۇنىڭ گۇزەل تۇرقىدىن، مەنىلىك قارىشىدىن، يېقىملىق ئاۋازىدىن، خوشپۇراق ھىدىدىن، نازۇك قىلىقىدىن ئىختىيارسىز مەفتۇن بولغان پەيتلىرىڭىز بولىشى ھەتتا بۇ ئاشىق ۋە مەشۇق ھادىسەسىنىڭ نىڭ سايەسىدە غايىۋانە بىر نىكاھ بىلەن بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇپ تۇرمۇش كوچۇرۇۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن. شۇنى ئۇنۇتماڭكى جانابى ئاللاھ بەندىسىنى بىربىرىگە مۇھتاج، بىربىرىگە تەشنا ئىككى جىنىس قىلىپ ياراتتى. ئەينى زاماندا ئۇلارنى ئوزىگە خاس جىنىسى ھىسيات، ئىستەك، ۋە ئارزۇ – ھەۋەسلىرى بىلەن مۇكەممەل بەدەن، جىسمانى قۇۋۋەت ساھىبى قىلىپ ياراتتىى. ئاللاھ بەرگەن بۇ نىمەتتىن ئىجازەت دائىرىسى، ئەخلاق رامكىسى ئىچىدە تەلتوكۇس بەھرىمەن بولۇش ئىنساننىڭ ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان تەبىى ھەققىدۇر. بۇ ھادىسەلەر، يەرشارىدىن ئىبارەت بۇ ئاللاھ ياراتقان مۇكەممەل ماگىنىت مەيدانىنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى ئىنكاسىدۇر. جازىبەنىڭ پەللىگە چىقىشى مۇقەررەر ھادىسەدۇر. چۇنكى ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى پۇتۇن پائالىيەت، تەبىئەتتىن تەمىنلەنگەن ماگىنىتلىق كۇچنىڭ خاسىيەتىدىن مەيدانغا كىلىدۇ. بۇ خاسىيەت قىنىڭىزغا سىڭگەندىلا رولىنى جارى قىلالايدۇ. قان بىلەن جان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلىشى خىلمۇ خىل ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئاخىرىدا، قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ، يەنى رىسقى غايىپ، نىكاھ غايىپ ۋە ئولۇم غايىپ دىن ئىبارەت بۇ ئۇچ غايىپنىڭ ئىچىدىكى ئولۇم غايىپ ئەمىلىلىشىدۇ. خالاس…

 

Share
2870 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.