logo

trugen jacn

دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان: پىداكار باغۋەن ھۈسەن ھەسەن مۇئەللىمنى ئەسلەيمەن

87c0a2bf-eff8-46a0-b7ec-3c0395545889

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھارماس تۆھپىكارلىرىدىن بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى 31-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيەنىڭ سيدىنېي شەھىرىدە ۋاپات بولدى

مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ھايات ۋاقتىدا مۇھاجىرەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنى مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتلەردىن كۈچلۈك قوللاپ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئاۋسترالىيەدە، جۈملىدىن دۇنيا مىقياسىدا تونۇلۇشىغا تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاۋسترالىيەگە يەرلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشتەك ئېسىل پەزىلىتى بىلەن چەتئەللەردىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.

مەرھۇم 2012-يىلى 5-ئايدا توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش جەريانىدا ياپونىيەدىكى كەڭ زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپلىگەن سۆھبەتلەردە بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغان

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئەينى چاغدا مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەردە بىرگە بولغان، ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/husen-hesen-11042014155515.html

Share
2013 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.