logo

trugen jacn

دادىسى تۈرمىدىكى مۇساپىر قىزىنىڭ نىداسى: قېرىنداشلىرىمىز بۇرۇنراق جەم بولسام دەيمەن

image (1)

جۈمە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«مەن دادام ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمىز بۇرۇنراق جەم بولسام، ئۇلار بىلەن بىر كۈننى بولسىمۇ بىرگە ئۆتكۈزسەم دەپ تىلەيمەن.» مانا بۇ دادىسى ھازىر تايلاندتا تۈرمىدە ئۆزى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 9 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى راھىلە نىڭ بايانلىرى.

مەن راھىلە ھەققىدە بۇ يىل ئاپرېل تايلاندتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە ئازراق ئۇچۇرغا ئىگە بولغان ئىدىم.

6-ئاپرېل تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن كۈنىلا ئەينى چاغدا تايلاندتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقادىر تۈمتۈرك راھىلەنىڭ نۆۋەتتە تايلاندتا تۈرمىگە قاماقلىق دادىسىغا سالام خەت يوللىغانلىقى، ئۆزىدىن بۇ خەتنى دادىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بىر ۋاراق ئىش قەغىزى ئۈستىگە قېرىنداش بىلەن يېزىلغان ۋە ئۆپچۆرىسىگە رەڭلىك قېرىنداش بىلەن گۈللەر نەقىشلەنگەن بۇ ئاددىي سالام خەت بىر قاراشقا ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى.

خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
«ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن:

مېھرىبان، قەدىرلىك دادا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بىزمۇ ئاللاھقا شۈكرى ياخشى تۇرۇۋاتىمىز. دادا سىزنى بەك سېغىندىم، سىزنى ياخشى كۆرىمەن. سىزدىن ئايرىلغاندىن بېرى كۆڭلۈم بەك يېرىم.

دادا سىز سەۋر قىلىڭ، مەنمۇ سەۋر قىلاي. ئاللاھ خالىسا چوقۇم كۆرۈشىمىز. دادا بىز بۇ دۇنيادا كۆرۈشەلمىسەك، جەننەتتە كۆرۈشىمىز. دادا سەۋر قىلىڭ. سەۋر قىلىش ئەڭ مۇھىمدۇر بۇ يولدا. دادا پەقەت بىرلا سىزنى بەك سېغىندىم. دادا بۇ يول مۇشۇنداق بىر يول. بۇ يول بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم بىر يولدۇركى …»

بۇ خەت 8 ئايدىن بېرى ئۆز دادىسىنى كۆرۈپ باقمىغان بىر نارەسىدە قىزنىڭ يۈرەك تىۋىشى بولۇپ، خەتتىكى بايانلار يۈرەكنى ئېزەتتى.

ئابدۇقادىر خەتنى ماڭا ئوقۇشقا بەرگەندە، خەتنى بىر ئىككى جۈملە ئوقۇپلا نەپىسىم بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ داۋاملاشتۇرالماي قالغان ئىدىم.

بۇ خەتنى تايلاند ساقچى دائىرىلىرى «بەلكىم قېچىش كۆرسەتمىسى بولسا كېرەك» دەپ رەت قىلغان بولسىمۇ، 9 ياشلىق قىزنىڭ ئۆزىنىڭ شۇنچە قېيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىغا باقماي، تۈرمىدىكى دادىسىغا سەۋرى تىلىگەنلىكىدەك جاسارىتى ۋە تەمكىنلىكى ۋۇجۇدۇمنى تىترەتكەن ئىدى.

ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ خەتنى ئۇنىتالمىغان ۋە خەتنى يازغان شۇ مەسۇمە بىلەن سۆزلىشىش ئىرادەمدىن يانمىغان ئىدىم.

ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشەلمىگەن بولساممۇ، ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندىمنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم.

راھىلە ئەينى چاغدا دادىسىغا خەت يازغاندىكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: دادامنى سېغىنىپ، ئۇكىلىرىمنى سېغىنىپ يازغان. كېيىن ئۇقتۇقكى راھىلەلەر ئائىلىسى ئەسلى قەشقەردىن بولۇپ، ئۇلار 11 بىر تۇغقان تەۋەككۈل قىلىپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. ئەمما ئۇلار تايلاندقا كەلگەندە يەنە 2014-يىلى 22-مارت تايلاندنىڭ سوڭكېلا ئۆلكىسى ساداۋ رايونىغا كەلگەندە تۇتۇلۇپ قالىدۇ. لېكىن راھىلەنىڭ ئانىسى راھىلە قاتارلىق بەش بالىسىنى ئېلىپ تۈرمىدىن قاچىدۇ ۋە ئاچ-زېرىن ئورمانلىقلاردا يۈرۈپ مالايشىياغا كېلىۋالىدۇ ۋە مالايشىيادىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلىشىۋالىدۇ.

ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەنە بىر نەچچەيلەن قاچالماي تۈرمىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ بەشەيلەنمۇ نۆۋەتتە تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا «تۈرك» نامىدا قامالغان 370 كە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى خالاس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tayland-musapir-06162015135254.html

Share
2138 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.