logo

trugen jacn

دائىرىلەر قەشقەردە 15نەپەر ئۇيغۇر كادىرنى سىياسىي مەيدانى ئېنىق ئەمەس دەپ جازالىدى

timthumb

مېھرىبان 

18 – چىسلا خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە 800 كىشى قاتناشقان كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، 15نەپەر ئۇيغۇر كادىرغا چارە كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. بۇلاردىن 5 نەپىرى يىغىن مەيدانىدا ئۆزىنى تەكشۈرگەن. قالغانلىرىغا ھەر خىل مەمۇرىي جازالار بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم قەشقەردە مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەن بۇ 15 نەپەر كادىرغا «سىياسىي مەيدانى ئېنىق ئەمەس، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە بولغان تونۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ئاكتىپچانلىقى،مۇقىملىققا بولغان قارىشى، پوزىتسىيىسى، مەيدانى ئېنىق ئەمەس، دۆلەت كادىرلىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاشكارا ھالدا دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، قاتتىق زەربە بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەردە قاتتىق قوللۇق قىلمىغان» دىگەندەك قالپاقلار كىيگۈزۈلگەن.

يىغىندا يەنە، بۇلارغا بېرىلگەن مەمۇرىي جازالارمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇللا ئىسىملىك دىنىي خىزمەت قىلغان كادىرغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، خىزمىتىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلگەن. قۇربانجانغا تېررورلۇققا زەربە بېرىش خىزمىتىدە پوزىتسىيىسى ئېنىق ئەمەس، ئىقرار قىلىشتا ئاكتىپ بولمىغان دېگەن قالپاق كىيگۈزۈلۈپ، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلگەن. ئەسقەرجان ئىسىملىك ساقچىغا چەكلەنگەن ئېلكىتابلارنى كۆرگەن، توردا دىنىي ئۇچۇرلارنى تارقاتقان، سىياسىي مەيدانى ئېنىق بولمىغان دېگەن قالپاقلار كىيگۈزۈلۈپ، پارتىيە ئىچىدە بىر يىل قالدۇرۇپ سىناش ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە 6 نەپەر كادىرغا دىنىي باشقۇرۇشنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلمىغان دېگەن گۇناھ ئارتىلىپ، ئۆز تەۋەلىكىدىكى پارتىيە ئىچىدە جازالاش كېرەك دەپ ئۇقتۇرۇلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qeshqeridiki-siyasiy-meydani-eniq-emes-kadirlar-08192014182058.html

Share
1605 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.